ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئىككى خىل پىكىر ئىختىلاپى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
tyenanmen-uyghur-qarshiliq-5.jpg تيەنئەنمېن قوۋۇقىنىڭ رىشاتكىسىغا سوقۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ كۆيۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
EyePress

28‏-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن ھۇجۇمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىكى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە قوزغىغان. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلغان.

بەزى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سىلىق يول تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىيەتكە سوغۇق قان مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت نەشرىيات ئەپكارلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر گېزىت يېقىندا مارالبېشى سېرىقبۇيا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك دائىرىلىرىنى تېخىمۇ رادىكال ئىستراتېگىيىلەرنى قوللىنىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدە «ساقچىلارغا قارشى قايتا-قايتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق مارالبېشى ناھىيىسىدە تېررورلۇق، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ساقچى كۈچلىرىنى كۈچەيتىش ئۈمىد قىلىنماقتا. ئۇلارغا يېتەرلىك ئادەم كۈچى ۋە قورال-ياراق بېرىلسە، توپىلاڭچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ساقچىلار چىقىم تارتمايدۇ» دېگەن.

بۇ، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلىشى ئەمەس. مەزكۇر گېزىت 28‏-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن ھۇجۇمى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدىمۇ بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە كۆنۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، بىراق «شىنجاڭ گېزىتى» مەسىلىگە نىسبەتەن يۇمشاق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. مەزكۇر گېزىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدا «شىنجاڭدا ئاساسلىق ۋەزىپە تەرەققىيات، مۇقىملىق ئاساسلىق مەسئۇلىيەت، ئىسلاھات ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» دەپ كۆرسىتىپ، تەرەققىيات، ئىسلاھات، مۇقىملىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا قارىتىلىشى، شۇنداق قىلغاندا ھۆكۈمەتكە مۇقىملىق بولىدۇ، دېگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىدىكى ئىككى خىل پىكىر، ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدىكى ئىككى خىل پىكىر ئىختىلاپنى كۆرسىتىدۇ. بىراق تەيۋەندە ئولتۇرۇشلۇق دېموكراتىك زات لىن باۋخۇا ئەپەندى، قاتتىق قول سىياسەت مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: خەنزۇلاشتۇرۇش سىياسىتى جۇڭگو كومپارتىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل يولغا قويۇپ كەلگەن رادىكال سىياسەت. ئۇنىڭدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماي، تېخىمۇ زور قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەردى. ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنى ئويلايدۇ. بىراق مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى شۇ، مەيلى قاتتىق قول سىياسەت قوللانسۇن، مەيلى يۇمشاق قول سىياسەت يۈرگۈزسۇن، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى خەنزۇلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئومۇمى نىشانى ئۆزگەرمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىدا بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى، خالاس. بىز تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرىغا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى، ئۇنىڭ خەنزۇلاشتۇرۇش سىياسىتى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى، بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم، دەپ كۆرسەتتى.

بىراق بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە ئېنىق بىر پىكرى يوق. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر دەم قاتتىق قوللۇقنى تەكىتلىسە، بىر دەم يۇمشاق قوللۇقنى تەرغىب قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاھار باراتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى بىر ‏-ئىككى كۈنلۈك مەسىلە ئەمەس. ئۇ بىر تارىخىي مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، تارىختىكى قېلىپ قالغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك. بىراق قاھار بارات، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش ماقالىسىدە، مىللەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىكنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىنىڭ پىكىر ۋە ئېتىرازىغا قۇلاق سېلىشنى، ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىش قىيىن مەسىلىلەردە كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشنى تەكىتلىگەن.

بىراق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى خىتاي بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پىكرى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، شىنجاڭ ساقچى مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى جاڭ كۈننيەن، «ئاسىيا كىندىكى» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە يۇمشاق قول سىياسەتكە قارشى چىقىپ، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدا مۇقىملىق ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق چارە مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، خەنزۇلاشتۇرۇشنى توختىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى نۇقتىلىق مەسىلە بار. بىرىنچىسى، شىنجاڭغا ئادەم يۆتكەش مەسىلىسى، يەنى ئۇ شىنجاڭغا كۆپلەپ خەنزۇ يۆتكەپ، بۇ ئارقىلىق ئەسلى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ئەھۋالنى خەنزۇلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ئەھۋالغا ئۆزگەرتىش مەسىلىسى. كومپارتىيە بۇ ئارقىلىق مۇستەقىللىق ھەرىكىتى، مىللىي ھەرىكەتلەرنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى. بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ بىلەت سانىڭىز كۆپ سانلىققا يەتمەيدۇ. ئىككىنچى، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە سىزنى خەنزۇلاشتۇرۇش. سىزنى خەنزۇغا ئايلاندۇرۇپ، مۇستەقىللىق داۋاسىغا خاتىمە بېرىش. شۇڭا بۇ ئىككى مەسىلە شىنجاڭدىكى نېگىزلىك مەسىلە. بۇ ئىككى مەسىلە ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى زىددىيەت ھەل بولمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.