تۈركىيەدە «خىتاينىڭ مەركىزىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار قىلدىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۇ خەۋەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت ۋە پۈتۈن شەخسىي تېلېۋىزىيىلەردىمۇ بۇ ئۇچۇرغا ئورۇن بېرىلدى. بۇلاردىن باشقا «ھۆرىيەت»گېزىتىگە ئوخشاش كۆپ ساندا چوڭ گېزىتلەردىمۇ ئورۇن بېرىلدى. بۇ ھەقتە «دۇنيا بۈلتەنى» گېزىتىنىڭ 30-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا «خىتاينىڭ مەركىزىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار قىلدىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە ئەگەر ۋەقەنىڭ راستىنىلا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار خىتايدا قىلغان تۇنجى ۋەقە سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى ھامۇت گۆكتۈرك مەزكۇر ماقالىسىدە خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تىنغىلى قويمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۆز دەردىنى ئەركىن ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھامۇت گۆكتۈرك ماقالىسىدە يەنە ئەگەر بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلار قىلغان بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قاتار قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان بۆلىشى كېرەكلىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى دۆلەت تېررورى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىز ئۇنىڭ «دۇنيا بۇلتەنى» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ مەركىزىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار قىلدىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.