28-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ رىشاتكىسىغا ماشىنا سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق خەۋەر تېمىسىغا ئايلاندى.
ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، جۈملىدىن گېزىتلىرى ۋە ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرى ھەمدە رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ مەزكۇر ۋەقەگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى. ئەنە شۇ كۈندىن تارتىپ رۇس تىللىق مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە توختاۋسىز ئۇچۇر ۋە ئانالىزلارنى ئېلان قىلماقتا.
رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئىنتېرنېت تورىدىن بىرى بولغان «گازېتا.رۇ» تورىدا بۇ ھەقتە «رەئىسنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستىدا يۈز بەرگەن پارتلاش» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە بۇ ماشىنا پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىلگەندىن كېيىن«مەزكۇر ماشىنا ھادىسىسى بەلكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىن، ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشقا پۈتۈن ئاماللارنى قىلماقتا» دەپ بايان قىلىنغان.
ئاناتولىي كاراۋايېۋ ئىسىملىك رۇس ئاپتورى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە، ئۆز خۇلاسىسىنى چىقىرىپ«خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ باشقا خىل يوللىرى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ رادىكال يول-يەنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش يولىنى تاللىۋالغاندەك قىلىدۇ> دەپ يېزىش بىلەن بۇ ۋەقەنى «بەلكى بۇ رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىبەت راھىبلىرى ۋە ياكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى قىلغان بولۇشى» مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ شۇنىڭدەك «خىتاي دائىرىلىرى 1989-يىلى، دەل مەزكۇر تيەنئەنمېندا تىنچ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋەھشىيانە باستۇرغان ئىدى» دەپ ئەسلىتىدۇ.
بۇ ۋەقە ھەققىدە 29- ۋە 30-ئۆكتەبىر كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ داڭلىق گېزىتلىرى ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن «موسكۋا كومسومولى»، «سودىگەر»، «خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى»، «لېنتا.رۇ»، «نېۋس.رۇ» ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەپسىلىي ھەم قىسقا خەۋەر تارقاتتى. خەۋەرلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇن كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا كۆپىنچە ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىتىۋاتقان ۋەقە ھەققىدىكى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە بەزىلىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ ئاساس قىلغان. لېكىن، ھازىرچە رۇسىيە ئانالىزچىلىرى تيەنئەنمېندا يۈزبەرگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك ئانالىزلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىشقا ئالدىرىمىغان. بىراق،قىسمەن ئانالىزلار ۋە كۆز قاراشلار داۋاملاشماقتا.
مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە «پراۋدا» گېزىتىنىڭ تور بېتى، يەنى «پراۋدا.رۇ» دا بىر پارچە ئانالىز ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىغا «خىتاي ئىسلام تېررورچىلىقىغا قارشى تەييارلىنىۋاتىدۇ» دەپ تېما قويۇلغان.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئاۋازى بولغان مەزكۇر «پراۋدا» گېزىتى ھازىر بىر قەدەر ئەركىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنىلا خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان پىكىرلەر كۆپ ئېلان قىلىنمايدۇ. مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ خاراكتېرىستىكا بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «ساقچىلار بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا، يەنى خىتايدىكى بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتىدىكى ئاھالىگە باغلىماقتا، ھەقىقەتەن، جىھاد خىتايغا كىردىمۇ؟ » دەپ سوئال قويغان.
ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە؛ بۆلگۈنچىلىك خىتاي ئۈچۈن يېڭى ئىش ئەمەس، تىبەت ھەر يىلى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئىپادىسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، تەيۋەنمۇ ئايرىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەنە شۇ جىددىي سەۋەبتىن بېيجىڭ ئۆزىگە ئوخشاش دۇنياۋى مەسىلىلەر بويىچە ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرمەكتە، يەنى، خىتاي كوسوۋا، جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى، خىتاي رەھبەرلىكى سۈننى رادىكالىزمى، يەنى تۈركچە سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاسىياغا يامرىشى،ئالدى بىلەن خىتاينى قاپلىشىدىن قورقماتقا. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا رادىكال تەشكىلات«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تېلىپ بويىچە پاكىستان يېقىندا يەنە ئىككى تەشكىلاتنى چەكلىدى.
رۇس ئاپتورى ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەقەلەرنىڭ تارىخى ۋە رېئال ئارقا كۆرۈنۈشىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان : خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېررىتورىيىسى باي نېفىت ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى زاپىسىغا ئىگە. ئۇ پاكىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان،قىرغىزىستان،تاجىكىستان بىلە چېگرىلىنىدۇ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئازراق چېگرىسى بار. خىتايلار مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ ماۋ زېدوڭ ۋە گومىنداڭغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى، ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ ماۋ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ 9 يىلدىن كېيىن باستۇرالىغانقىنى، ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بۆلگۈنچىلىك قاتتىقلىق بىلەن ھەل قىلىنىدۇ. بۇ يەردە ھەقىقىي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش كەمچىل، ئۆلكىنىڭ زېمىنلىرىغا ھەربىيلەر ۋە خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەنلەر 5 پىرسەنتتىن 39 پىرسەنتكە كۆپەيگەن.
بىراق، ئاپتور ماقالىسىدە بىر قىسىم رۇس مۇتەخەسسىسلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارادىكى ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، «ۋلادىۋوستوك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى خەۋەردە باشقىچىرەك پوزىتسىيە تۇتۇلغان بولۇپ، مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دەسلەپتە «شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلاردىن گۇمان قىلغانلىقى، بىراق، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ ھەقتە تېخى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغانلىقى»نى كۆرسەتكەن، ئەمما مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا ئۇيغۇرلار رايونى «شىنجاڭنىڭ مەركىزىي ئاسىيا، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرىداش ئىكەنلىكى، بۇ جايدىكى كۆپ سانلىق ئاھالىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
«ۋلادىۋوستوك ۋاقتى» گېزىتى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورچىلىققا باغلايدىغان ئاتالغۇ ئىشلىتىلمەي، ئەكسىچە «ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلىپ «ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن سىياسەتنى تېخىمۇ قاتتىقلاشۇرىۋېتىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى» دەپ يازغان.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ 30-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە بېيجىڭنىڭ 28-ئۆكتەبىر ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىغانلىقى، بىر قانچە ئادەمنى تۇتۇپ، باشقا ئۇيغۇر گۇماندارلارنى ئىزدەۋاتقانلىقى بايان قىلىندى ھەمدە يەنە ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئەسلىتىلگەندە بۇ يىل 4-ئاي ۋە 6-ئايلاردا مارالبېشى ۋە پىچاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تىلغا ئېلىندى.
چەتئەللەردە رۇس تىلىدا چىقىدىغان ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىسى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ رۇس تىلى شۆبىسى بۇ قېتىمقى ۋەقە ھەققىدە ئۇزۇن بىر ئانالىز ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىگە «بېيجىڭدىكى تراگېدىيە؛ ساقچىلار شىنجاڭ ئىزىنى تاپتى» دەپ تېما قويۇلغان.
ئاپتور ماقالىدە ساقچىلارنىڭ بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا باغلىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مىللىي توقۇنۇشلار نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەم پوزىتسىيىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن چېتىلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە «شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى، بېيجىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتلەردىن كەمسىتىۋاتىدۇ دەپ ھېسابلىماقتا. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇرلارغا كەڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بېرىلگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىدۇ» دەپ يازىدۇ.
ماقالىدە يەنە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك، نوپۇس، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلىپ «ئۇيغۇرلار ئېتنىك جەھەتتىن مۇسۇلمان تۈركىيلەردۇر، ئۇلار پۈتۈن رايون ئاھالىسىنىڭ 45%ni, خىتايلار 40%ni ئىگىلەيدۇ، خىتاي شىنجاڭغا بولغان كونتروللۇقنى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئورناتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۆلكىگە خەنلەرنىڭ زور كۆلەمدە كۆچۈشى باشلاندى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىدىن قورقماقتا» دېگەن قىسقىچە خاراكتېرىستىكا بايانلىرى بېرىلگەن.
28-ئۆكتەبىر كۈنى تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئۇرۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ ئوت يالقۇنىدىن پەيدا بولغان خەلقئارالىق ئۇچۇر قىزغىنلىقى، ئۆزىنى دۇنيادىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، قۇدرەتلىك ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە دۆلەت دەپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ھەمدە خەلقئارا سورۇنلاردا ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقان بېيجىڭنىڭ مىللىي سىياسىتى،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭرەك پىكىر يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، بېيجىڭ بۇ ۋەقەنى تېررورچىلىق ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن رەسمىي باغلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، جۈملىدىن رۇس تىللىق مەتبۇئاتلار بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يەنە بىر قاتار ئانالىزلارنى بۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلىشى مۇمكىن.