خىتاي دېموكراتىك زاتلار: تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى جۇڭنەنخەي ۋە دۇنياغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىياسىي سىگنال

0:00 / 0:00

تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا بۇرىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش ۋەقەگە چېتىشلىق 5 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە جۇڭنەنخەي ۋە خىتايغا كۈچلۈك سىياسىي سىگنال بېرىدىكەن.

بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى توغرۇلۇق ئىككى كۈن ئىچىدە بەرگەن بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل ئۇچۇرى، دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا بۇراپلا قالمىدى. بەلكى بۇ يەنە، چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە بولغان قىزىقىشىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتتى.

بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 28‏-ئۆكتەبىر ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ھۇجۇمنى ئىككىسى گۇما ۋە پىچان لۈكچۈنلۈك 3 ئەر كىشىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككىيلەننىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان ئىدى.

دائىرىلەر چارشەنبە كۈنى بۇرۇنقى ئۇچۇرغا زىت ھالدا، ھۇجۇمنى ئوسمان ھەسەن، ئايالى گۈلقىز ۋە ئۇلارنىڭ ئانىسى بولۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى، ۋەقە ئۇيغۇر «جىھادچىلىرىنىڭ» تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر، ھۇجۇمنى ئىككىسى ئايال ئانا-بالا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قانداق مۇددىئا بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەلدىكى بەزى خىتاي دېموكراتىك زاتلىرى ھۇجۇمنىڭ مەقسىتىگە يەتكەنلىكى، جۇڭنەنخەي ۋە دۇنياغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۈچلۈك سىياسىي سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، بۇ ھۇجۇم روشەن سىياسىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنياغا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق كۈچلۈك سىگنال بەرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ۋەقە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرى راست بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسلانسا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ۋەقە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئايالى ۋە ئانىسى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشى دۇنيادا مىسلى كۆرۈپ بارمىغان ئەھۋال. مېنىڭچە ئۇنىڭ بەرگەن سىگنالىغا پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نەچچە قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى تېررورلۇق ھۇجۇم ئەمەس.

لېكىن، ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەرىكىتى كۈچلۈك سىياسىي قەسەم، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ھۇجۇمچىلارنىڭ سىياسىي سىمۋوللۇق خاراكتېرى كۈچلۈك تيەنئەنمېن مەيدانىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللىۋالغانلىقى، ھۇجۇمنىڭ 18-قۇرۇلتاي 3‏-ئومۇمى يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان نازۇك مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ دۇنياغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سىياسىي سىگنال بېرىش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جاڭ ۋېيگو: ئۇلار ناھايىتى نازۇك بىر ۋاقىتتا يەنى، كومپارتىيە 18-قۇرۇلتاي 3‏-ئومۇمى يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى خەلق سارىيىدا يىغىن ئېچىۋاتقاندا، تيەنئەنمېنگە ئوخشاش نازۇك بىر يەردە بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ باردى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىي چاقىرىق كۈچى بار. بۇ، دۇنيا جامائەت پىكرىنى ئۇيغۇرلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىگە قارىتىشقا چاقىرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ قېنى بىكارغا ئاقمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

جاڭ ۋېيگونىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتتى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ھۇجۇمدىن خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات باشقۇرۇش ئىشخانىسى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەرنى بېرىشكە توغرا كەلسە قىسقا بېرىش، خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىغا كىرمەسلىك، توردىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر، تەھلىللەرنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى بۇيرۇغان.

بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ جەھەتتىكى ئاخبارات كونتروللۇقىنى ئاقلاپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇ ۋەقەنىڭ خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن «بېيجىڭ باھارى» دىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ بۇ قارشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دېدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە بۇ خىل چۈشەنچە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى دائىرىلەر بۇرۇن كۆپ قېتىملاپ ئاتالمىش ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغان. ئەگەر ئۇنىڭ بۇنداق ئەندىشىسى بولغان بولسا، بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىمىغان بولاتتى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنى يوشۇرۇشتىكى سەۋەب ئۇنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدەك سىياسىي سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى زور بىر يەردە يۈز بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە بەرگەن سىياسىي سىگنال ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. شۇڭا ئۇ، باشقىلارنىڭ بۇ خەۋەرنى تارقىتىشىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ تارقىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بولسا، تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل ھۇجۇمى پەۋقۇلئاددە نازۇك يەردە ۋە پەۋقۇلئاددە نازۇك ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازۇك ئۇچۇرلارنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئۇ ئۇچۇرنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلدى. ئۇچۇر قانچىلىك نازۇك بولسا شۇنچىلىك كونترول قىلىندى. بۇ ۋەقەنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسى بايام ئېيتقاندەك ۋاقىت، ئورۇن جەھەتلەردىن ناھايىتى نازۇك. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۇيغۇر-خەنزۇ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك نازۇكلۇقى سەزگۈرلۈك ئۈستىگە سەزگۈرلۈك قوشتى. بۇ خىل ۋەقەلەردە ھەقىقەتنى يوشۇرۇش كومپارتىيەنىڭ بىر خىل ئادەت خاراكتېرلىك پىكىر قىلىش ئۇسۇلى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ خەۋەرنى يوشۇرۇشى نورمال، ئەگەر بۇ خەۋەرنى يوشۇرمىغان بولسا نورمالسىزلىق بولاتتى، دەپ كۆرسەتتى.

تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىدىن ھالقىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سەزگۈر نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىدە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ: ئۇنىڭ بۇرۇن بۇ خىل ۋەقەلەرنى شىنجاڭ ئىچىدە كونترول قىلىپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب ئۇ ۋەقەلەر ئەسلى تېررورلۇق ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىم بۇ ۋەقە يۈز بەردى. يۈز بەرگەندىمۇ دەل تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەردى. مېنىڭچە بۇ، جۇڭگو كومپارتىيە دائىرىلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق باش ئاغرىقى. شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن. بىراق يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار راستىنىلا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىسا، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى تونۇش يەتتى، دەپ كۆرسەتتى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى چارە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقى ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى يۇمشىتىشى زۆرۈر. ئۇ، ئەڭ ئاددىي چارە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق زەربە بېرىشنى توختىتىش. خەنزۇلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئىپادە ئەركىنلىكىگە ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش. بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا شىنجاڭ ۋەزىيىتى تۈپ ئۆزگىرىش ياسىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىدى.

بىراق جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، بىر پارتىيە دىكتاتورىلىقىدىكى جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا ھېچقانداق ئامالى يوق. چۈنكى ئۇ ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن بىر پارتىيە دىكتاتورىلىقىدىكى دۆلەت. بولۇپمۇ ئۇ ھازىر مەنپەئەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىندى. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالدا ئاساسى قانۇنلۇق زامانىۋى دېموكراتىك ئۆزگىرىشكە ئۆتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەنە كاڭشى، چيەنلۇڭ، تاڭ، سوڭ دەۋرىگىمۇ قايتىپ بارالمايدۇ. بۇ خانىدانلىقلار ھېچ بولمىسا ئەتراپىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتكەن. بىراق ئۇ ھازىر بۇنى قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىر ھوقۇق مەركەزلەشكەن دىكتاتورىلىقنىڭ گۇمران بولۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا بىر كۈن ئۆتسە، بىر كۈن ھېساب. ئۇ چوڭ خاتالىقلار ئارقىلىق كىچىك خاتالىقلارنى يوشۇرۇپ كەلدى. ئۇ مەسىلە ھەل قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ۋەزىيەتنى يۇمشىتىدىغان چارە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى مۇمكىن ئەمەس.

جاڭ ۋېيگونىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەقەت كومپارتىيە ھاكىمىيەتتىن چۈشۈپ، جۇڭگودا كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم يولغا قويۇلغاندا، ئەدلىيە مۇستەقىل بولغاندا، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتكەندە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈمىدى تۇغۇلىدۇ.