غەرب مەتبۇئاتلىرى بېيجىڭدىكى «تېررورلۇق» ۋەقەسى ئۈستىدە كەڭ مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە

0:00 / 0:00

بۈگۈن بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى رەسمىي ھالدا تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەشكىللىك ۋە ئالدىن پىلانلانغان بىر «تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى » دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە تارتتى.

قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى گۇماندارلاردىن بىرىنىڭ يۇرتى دەپ كۆرسىتىلگەن پىچان لۈكچۈن بازىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتى. بۇ مۇخبىرلار ئۆز خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ باھالىغان بولسىمۇ، ھۇجۇمچىلار ۋە قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ئارقىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ھەمدە بېيجىڭدىكى ئەڭ سەزگۈر ئورۇن بولغان تيەنئەنمېن مەيدانىدا ۋەقە مەيدانغا كەلگىلى ئۈچ كۈن بولغان بولسىمۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى دەلىللەشتىن باش تارتىپ كەلمەكتە. چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ ئالدىن پىلانلانغان، تەشكىللىك تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى، بىر ئائىلىدىن بولغان 3 ھۇجۇمچىنىڭ ئاپتوموبىلدا ئۆلگەنلىكىنى، 5 گۇماندارنىڭ بولسا قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، مۇخبىرلاردىن بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇشنى، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ۋەقە ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلۋەتتە خىتايغا ئوخشاش بىر دۆلەتتە ئاسانلىقچە ئۇچرىمايدىغان، بولۇپمۇ تيەنئەنمېندەك قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدىكى بىر مەيداندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى بولۇشى بارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. بۈگۈن بەزى چەتئەل ئاخباراتلىرى ۋەقەگە باھا بېرىپ «پايتەختنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تولىمۇ قاتتىق نومۇس » دەپ باھالىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە گلەسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد توبىننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئوخشاش ساقچى ۋە ھەربىيلەر بىلەن لىق تولغان جايدا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان، خىتاي كومپارتىيىسى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈيدۇ، دەپ يازغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈن ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ، گۇماندارلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسمىدىن ئۇيغۇرلۇقى بىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ گۇماندارلارنىڭ مىللىتىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار خەۋىرىدە يەنە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋىللىي لەمنىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بەرگەن بولۇپ، ئۇ ۋەقەگە باھا بېرىپ «مەنچە بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق بىر نارازىلىق پەيدا قىلغاندا ساقچىنىڭمۇ ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق بىر رېجىم قاتتىق غەزەپ-نەپرەتكە تولغان خەلقنى توسىيالىغان ئەمەس» دېگەن.

يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يەنە، «ۋەقەگە ئائىت كۆرۈنۈشلەر بۇ ۋەقەنىڭ ھەرگىزمۇ خەلقئارالىق تېررورلۇق ئورگانلىرى بىلەن چېتىشلىق بولغان، يۇقىرى سەۋىيىلىك ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدىكى ئېكسۋىيېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خوڭكوڭلۇق ئوقۇتقۇچىسى كەم ۋاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. كەم ۋاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەيلى قانچىلىك قاتتىق تەدبىر ئالسا ئالسۇن، بەرىبىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئالدىدا ئاجىز قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان كىشىلەرنى توسۇۋېلىش ئىمكانسىز» دېگەن.

تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىقلىقى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۆز خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇمات بەرمەكتە. گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ لۈكچۈنلۈكلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىر قىسىم چەتئەللىك مۇخبىرلار ھەتتا لۈكچۈنگە بارغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مىگا ۋە مايكىل مارتىنالارنىڭ بۈگۈن ئۆز خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئۇلار لۈكچۈنگە يېتىپ بارغاندا يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھازىر بەزى مەسىلىلەر بىلەن ئالدىراشلىقىنى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن بىر-ئىككى ئايغىچە لۈكچۈنگە كىرىشكە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى تۇرپانغا قايتۇرۇۋەتكەن. رويتېرس مۇخبىرلىرى لۈكچۈنگە يېقىن يېزىدىكى ئۆز ئىسمىنى بېرىشنى رەت قىلغان بىر ئۇيغۇردىن ئەھۋال سورىغاندا، ئۇ ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھەممە يەرنى ساقچى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، كېچىدە ھەممە يەردە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاۋازى ياڭراپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇنداق دېگەن «بىز سۆزلەشتىن قورقىمىز. ئەگەر بىز سۆزلىسەك ئۇلار بىزنى تۇتىدۇ ياكى ئېتىۋېتىدۇ» دېگەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۆز خەۋەرلىرىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى تېررور ۋەقەسى دەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتلىرىغىمۇ ئوخشاشلا يەر بەرمەكتە. ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم، تەقىب ۋە كەمسىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بولسا تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش سىياسىتىدە ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بېيجىڭدا تىجارەت قىلىپ جان باقىدىغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇپ يازغان خەۋىرىنى «ساقچىنىڭ پاراكەندە قىلىشى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمما بۇ ئەھۋال تيەنئەنمېندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى» دەپ باشلىغان. ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بېيجىڭدىكى ساقچىلارنىڭ بىكاردىن-بىكار كۈندە كېلىپ، كىملىك تەكشۈرۈپ ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلىدىغانلىقىنى، بېيجىڭدىكى مېھمانخانىلارنىڭ ئۇيغۇر دەپ ياتاق بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۆيمۇ ئىجارىگە بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا دىنىي ۋە مىللىي بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، كەمسىتىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئىقتىساد شۇنداق تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان. خەۋەردە يەنە، ھازىر بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بېسىم ۋە كەمسىتىشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىڭ، دىنىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تەبىئىي بايلىقلار ۋە ياخشى خىزمەتلەردىن رايونغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا بولغان نارازىلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن رايوندا 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان نۇرغۇن مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارادا يېتەرلىك ئەكس سادا پەيدا قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى مىشىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى فىلىپ پوتتېرنى زىيارەت قىلغان. فىلىپ پوتتېر بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلىپ «خىتاي ئىلگىرى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارادا سادا پەيدا قىلىپ، زور تەسىر يارىتىشىنىڭ ئالدىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالغان. چۈنكى ئۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىلا جىمجىتلا باستۇرۇۋېتىلگەن ئىدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار سەزگۈر، مۇھىم ئورۇنلار كۆپ بولغان ھەم جۈملىدىن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى خەۋەر قىلىشقا پىشىپ كەتكەن ئاخباراتچىلار كۆپ جايلاشقان شەرقتىكى خىتاي شەھەرلىرىدە ھەرىكەت قىلىدىغان سەۋىيىگە يېتىشى كېرەكمۇ؟» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

تيەنئەنمېننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلار بىردەك تىلغا ئېلىۋاتقان بىر نۇقتا. بۈگۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن سىرت يەنە، ئەنگلىيەنىڭ مۇھاپىزەتچى گېزىتى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە ۋاقتى گېزىتى ۋە ۋال سترىت ژۇرنىلى قاتارلىقلار ھەممىسى بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دەرھال تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېخىچە سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خەۋىرىدە گەرچە بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى گۇماندارلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىتىنى تىلغا ئالمىغانلىقىغا دىققەت تارتىپ «دائىرىلەر قارىماققا بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ماركا چاپلاشقا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا ھەم شۇنداقلا مىللىي تەركىپنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن. ئۇلار يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ گۇماندارلارنى ھېچقانداق ئادۋوكات بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.