سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ تاللىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى

0:00 / 0:00

بۇ قېتىم بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بېرىشى ۋەزىيەت ۋە ۋەقەنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ مەركەزلىك دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر قارشىلىق ھۇجۇمىنى ئەڭ جەسۇرانە قارشىلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بىلەن تاللانغان ھۇجۇم نىشانى دەپ تەرىپلەشتى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى ئۆتكەن يىلقى بىر مۇلاھىزىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ بۈگۈن مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەرىكىتىدە نېمە ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ تاللىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

مەمەت توختى ئەپەندى، ھۇجۇمچىلارنىڭ تيەنئەنمېننى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللىشىنى تۆۋەندىكى 3 سەۋەبكە باغلاپ چۈشەندۈردى. بىرىنچى، بېيجىڭنىڭ دۇنياغا نىسبەتەن كەڭرى ئېچىلغان بىر شەھەر بولۇشى، بۇ يەردە كۆپ ساندا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، خىتاينىڭ ۋەقەنى يوشۇرۇش ۋە بۇرمىلاش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاز بولۇشى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا تېز ۋە كەڭ كۆلەمدە يەتكۈزۈش ئىمكانى بولغانلىقى ھۇجۇمچىلارنىڭ بېيجىڭنى ھەرىكەت مەيدانى قىلىپ تاللىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى، ھۇجۇمچىلار دۇنيا ۋە خىتايغا ئۆزلىرى يەتكۈزمەكچى بولغان سىگنالنى ئەڭ تەسىرلىك شەكىلدە ئىپادىلەش ئۈچۈن تيەنئەنمېننى تاللىغان. يەنە مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھۇجۇمچىلار، قولۇم-قوشنا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە باغلىنىپ جازالىنىش ئاقىۋىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭنى تاللىغان.

مەمەت توختى ئەپەندى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا بۇ ۋەقەدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىشقا تېگىشلىك دەرسلەر ھەققىدىمۇ توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.