نىپپون كېيزاي شىنبۇن گېزىتىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى «تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل ۋەقەسى ئالدىن پىلانلانغانمۇ؟ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەگە چېتىشلىقمۇ؟» ناملىق خەۋىرىدە بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق بەش گۇماندارنى قولغا ئالغاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ھالدا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك گۇماندارلارنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، 29-ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىق رەھبەرلەر ۋەقەدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقە ئادەتتىن تاشقىرى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولغانلىقتىن دۆلەت رەئىسى شى جىڭپىڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتكەن شۇنداقلا خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت» گېزىتىدە دېيىلگەن «بۇ ۋەقە ئانچە چوڭ ۋەقە ئەمەس» دېگەن خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ ئۇنىڭغا: «خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى چوڭ ۋەقە ئەمەس دەپ، ئۆزلىرىنى بەزلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىلگەن.
خەۋەردە مۇخبىرغا خىتاي كومپارتىيىسىدىكى رەھبەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنىڭ: «بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس» دېگەن سۆزىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە «خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلىق يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا بۇ ۋەقە يۈز بەردى» دېيىلگەن.
نىپپون كېيزاي گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە ساقچى دائىرىلىرى جىددىي تۈردە ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنى تەكشۈرمەكتە دەپ كۆرسىتىلگەن. خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا «خىتاي رەھبەرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزلىرىنى بۇ ۋەقەدىن قورقمىغان قىياپەتتە كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقىنى بىلەن، ئەمما ئىچ-ئىچىدىن بەك قورقۇپ كەتتى» دېيىلگەن.
ئاساھى شىنبۇن گېزىتىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى «جۇڭگو تەرەپ 5 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى قولغا ئالدى، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى «تېررور» دەپ خۇلاسىلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ 30-ئۆكتەبىردە تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان بەش نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى ۋەقەنى «تېررور» دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ساقچى تەرەپ ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى يۆتكىگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتىغانلىقىغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلاردىن يۈكى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە بولغان قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى.
خەۋەردە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ۋەقەدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى كۈچلەرنى باستۇرۇشتا بۇ ۋەقەنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا تولىمۇ ياخشى باھانە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاساھى شىنبۇن گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ھاياشىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە ساقچى تەرەپنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدا ئۆلگۈچىلەردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار ئەر-ئايال ۋە ئەرنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان گاز قاچىلانغان ئىككى باك، ئىككى قىڭراق، تۆمۈر كالتەك ۋە بايراق قاتارلىق نەرسىلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بايراقتا ئىسلام ئەقىدىسىگە ئائىت خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىغان؛ خەۋەردە يەنە، ۋەقە يۈز بېرىپ ئون سائەتتىن كېيىن، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالغان بەش نەپەر گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سوراق جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى باشقا ئۈچ نەپەر ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە پىلانلىغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا جىھاد قىلىشقا ئائىت ئالدىن تەييارلانغان پىچاق، بايراق قاتارلىق بۇيۇملارنىمۇ قولغا چۈشۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئاساھى شىنبۇن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋەقەنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە ۋەقەنى ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى، دىنىي ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ پىلانلىشىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت دەپ جاكارلىغان.
خەۋەردە يەنە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى ئاپتوموبىل رېمونتخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەۋە ئاپتوموبىللارنى ۋە شۇنداقلا ئاپتوموبىل رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى دەرھال قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىش، رېمونتخانىلارغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىدا تاپانچا، مىلتىق، پىچاق قاتارلىق بۇيۇملار بايقالسا دەرھال ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.