ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلار 28-ئۆكتەبىردىكى ۋەقەدىن كېيىن قامالنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
2013.11.06

28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى بىر ياشانغان موماينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پەيدا قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى دېگەن خۇلاسىگە گۇمان پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قاتتىق مۇنازىرە قوزغىدى.
بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ۋەقەدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەر، مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلاردىن يۈسۈپ ئۆمەرنىيازنىڭ تېخى بۇ يىل 6-ئايدا چوڭ قانلىق ۋەقە سادىر بولغان لۈكچۈندىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى لۈكچۈنگە بارغان ئىدى. لۈكچۈنگە يېتىپ بارغان رويتېرس ۋە فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاگېنتلىقلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋەقەدىن كېيىن لۈكچۈنگە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، رايوننىڭ قامال ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ۋال سترىت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى برايىن سپىگىلىمۇ تۇرپاندىن بەرگەن خەۋىرىدە، ۋەقەدىن كېيىن لۈكچۈن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، ھەممىلا يەردە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلارنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ لۈكچۈندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە بىر قىسىم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان يەرلىكلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ كىشىلەر رايوندىكى جىددىيلىككە خىتايلار بىلەن يەرلىكلەر ئارىسىدىكى مىللىي تەڭسىزلىكنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
بىر قىسىم يەرلىكلەر مۇخبىرغا 6-ئايدا لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن رايوندىكى قامالنىڭ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ «بىزنى قاتتىق ئەنسىرىتىۋاتقىنى، بۇ ساقچىلار ھازىر قوللىرىدا ئاپتوماتلارنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان بولدى» دېگەن. يەنە بىر ئۇيغۇر مۇخبىرغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىكنىڭ جىقلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئىش بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مۇخبىر لۈكچۈندىكى بىر قىسىم يەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، بۇ جايلاردا دۆلەتكە ئائىت شىركەتلەرنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە نېفىت چىقىرىدىغانلىقىنى، پىچان كوچىلىرىدا چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ئەمما ئۇ، بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسەن خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە زىيارەت جەريانىدا بۇنداق ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا كىرىش ئۈچۈن راۋان خىتايچە سۆزلەش كېرەكلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، بىر ئۇيغۇر دادىنىڭ سۆزىگە يەر بەرگەن. ئۇ ئۇيغۇر دادا مۇخبىرغا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە خىتايچە ئوقۇشىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئىككىلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ «بىر ئويلىسام، خىتايچە ئوقۇسا بەلكىم بالامنىڭ كېيىنكى كۈنى مەندىن ياخشىراق بولار، دەپ ئويلايمەن. لېكىن يەنە بىر ئويلىسام، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇر تىلى يەنە 40 -50 يىل ئىچىدە يوقىلىپ كەتمەمدۇ دەپ ئويلايمەن» دېگەن.
يەرلىك كىشىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئىيۇلدىكى ۋەقەدىن كېيىن پىچان بازىرى ۋە ئەتراپىدىكى جايلارغا، مەسچىتلەرگە دەرھال كامېرا ئورنىتىلغان. پىچانغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ساياھەتكە، زىيارەتكە كەلگەنلەر قاتتىق تەكشۈرۈلگەن. مۇخبىر پىچانغا يېقىن دۇڭدا بازىرىدىكى مەسچىتكە 3 كىشىنىڭ كامېرا ئورنىتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلار ھەممىسى، سۆزلىسە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى، 6-ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ھەرقانداق نارازىلىق گەپ قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان بوپكەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
يېقىندا يەنە، دىپلومات ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇرلار زادى كىم» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ج ت كۇيگېلىي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى قىلغان زىيارىتى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ فىلىدافىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەيدىز تەتقىقاتى ئوقۇغۇچىسى بولۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇر دەپ بىر يەرلىك خەلق بارلىقىنى بىلگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى رەھبىرى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى رابىيە قادىر خانىم بىلەن تونۇشقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشقانلىقىنى بايان قىلغان.
كېيىن ئۇ ئەيدىز تەتقىقات تېمىسى بويىچە خىتايغا جۈملىدىن ھەم ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئېرىشىشىگە شۇ زىيارەت سەۋەب بولغان.
ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيانىڭ پەقەت 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندىلا ئاندىن بىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇنداق باستۇرۇشنىڭ ۋەقەدىن ئىلگىرىمۇ ۋە كېيىنمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئالالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە تەرجىمانلىق قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى دادىسىنىڭ بۆلگۈنچىلەرگە ياردەم قىلغان، دېگەن بەتنام بىلەن تۈرمىدە يېتىپ چىققانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چەتكە چىقىشتىن توسۇپ قويۇلغانلىقىنى يازغان.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ «مەن شۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە تەھدىت ھېس قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار مۇشۇ خەلقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم» دېگەن.
ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ «مەن فىلىدافىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان قىسقىغىنە زىيارىتىمنىڭ مەندە قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ چاغدا فىلىدافىيەدىكى جىنايەت نىسبىتى ئامېرىكىدىكى باشقا ھەممە شتاتلاردىن يۇقىرى ئىدى. مەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، كۈندە 5 ۋاق مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن بىخەتەر ھېس قىلغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم. بۇ ماڭا ئوخشاش 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى دەۋردە ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلاردىن قورقۇپ چوڭ بولغان بىر ئەۋلاد ئۈچۈن تولىمۇ بىر چوڭقۇر تونۇش ئىدى» دەپ بايان قىلغان.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ تيەنئەنمېندىكى 28-ئۆكتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە «ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچىلىرى بولۇپ قالىدۇ» دەپ يازغانلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ ئۆزىنى تولىمۇ ئەنسىرىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ «ھازىرقى بىر دۇنيادا پۈتكۈل بىر مىللەتكە تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ، ئۇلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال» دەپ ئەسكەرتكەن.