تيەنجىندىكى پارتلاش قوزغىغان بەس-مۇنازىرىلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.08.17
tyenjin-partlash-3.jpg تيەنجىندىكى پارتلاش ھادىسىسىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 12-ئاۋغۇست.
AFP

تيەنجىندىكى پارتلاش خىتاي ئىچى-سىرتىدا ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىشى، ھەقىقەتنىڭ يوشۇرۇلۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىلەر قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 16-ئاۋغۇست ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ 112 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلق گېزىتى 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بولسا، ئۆلگۈچىلەر سانىنى 114 كىشى، غايىبلارنى 70 كىشى دەپ ئېلان قىلدى. بىراق بەزى تاراتقۇلار تيەنجىندىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ مەلۇماتىنى ئاساس قىلىپ، ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ 1400 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىۋاتىدۇ، گەرچە تيەنجىندىكى پارتلاشتا زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار ۋە رادىئاتسىيىلىك ماددىلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە يادرو قوراللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان، ئېكسپورت ئۈچۈن ھازىرلانغان 700 توننا ناترىي سياند بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، تيەنجىندىكى پارتلاشقا دائىر بەس-مۇنازىرىلەر تېخىمۇ ئەۋجى ئالدى.

مۇنازىرىلەردە، خىتايدىكى تور بەتلىرىدە ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىشى، ئېلان قىلىنغان سىنئالغۇ، ئۈنالغۇ ۋە فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئۆچۈرۈپ تاشلانغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلگۈچى ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇشى، پارتلاشنىڭ ناترىي سياندقا ئوخشاش زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىماسلىقى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاكى 15-ئاۋغۇستقىچە ئاپەت رايونىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ باشلانمىغانلىقى، ئاقىرىپ كەتكەن جەسەتلەرنىڭ يەنە قانداقتۇر زەھەرلىك ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلار تېما قىلىنغان.

«فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى» 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئارتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بىرى، بۇ خىلدىكى پارتلاشلار چەتئەللەردىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم بۇ قەدەر ئېغىر بولمايدۇ. چۈنكى، چەتئەللىكلەر ھېچ بولمىغاندا زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلارنى ئائىلىلەر ئولتۇراق رايونىدا ساقلىمايدۇ. ئىككىنچىسى، زىياننى يوشۇرۇش، خەۋەرنى قامال قىلىش توغرا يول ئەمەس. بۇ خەۋەر تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى، خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات قاناللىرى پەقەتلا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاساس قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ پىكىردە بىرلىككە كېلىپ بولغۇچە، خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. ئارقىدىنلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەر ئۆچۈرۈپ تاشلاندى ۋە ھۆكۈمەت قاناللىرىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمىدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى»نىڭ 15-16-ئاۋغۇستتىكى خەۋەرلىرىدە، پارتلاش رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغۇنۇشىغا دائىر ئىشلاردا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېنىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنى ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرەلمىگەنلىكى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئائىلە-تەۋابىئاتلىرى ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگۈتۈشكە سەل قاراۋاتقانلىقى، خىتاي مەركىزىدىن تاكى 16-ئاۋغۇستقىچە نە رەئىس، نە مىنىستىرنىڭ كەلمىگەنلىكى، ئىلى كېچاڭنىڭ 16-ئاۋغۇست نەق مەيداننى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن دۆلەت مەسئۇل بولىدىغان بىرەر يوليورۇقنى كۆرسىتەلمىگەنلىكى، پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھالا ھازىرغىچە ھېچ گەپ يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاينىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندى، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ ئوخشاش ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

«بوشۈن» تورىنىڭ 15- 16- 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋەرلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىدە تېخىمۇ باشقىچە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەزىلەر، غايىب بولغانلار 70 كىشى، 700 كىشى دوختۇرخانىدا دېسە، يەنە بەزىلەر، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئىچىدىكى تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنغان ئېنىقسىز مەلۇماتلار، پارتلاش دەرىجىسى ھەم ئەتراپ مۇھىتنىڭ ۋەيران قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا ھەمدە 700 توننا ناترىي سياندتتىن باشقا نۇرغۇنلىغان خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ تەڭ پارتلىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، زىيان ھازىر تىلغا ئېلىنغاندىن نەچچە باراۋەر ئېغىر بۆلىشى مۇمكىن دېيىشكەن.

بەزىلەر بۇ قېتىمقى پارتلاشنى شى جىنپىڭغا بېرىلگەن تۇنجى سىگنال، دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرىمەن دەپ، ئۆزى ياقتۇرمىغان نۇرغۇنلىغان سىياسىي، ھەربىي ئەربابلارنى قولغا ئالدى ياكى نەزەربەند قىلدى، ئىلگىرىكى دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن قانات ئاستىغا ئېلىنغان يەنە نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ چىشىغا تەگدى. بۇ قېتىمقى پارتلاش بىر قېتىملىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى شۇنداقلا شى جىنپىڭ ئۈچۈن تۇنجى تەھدىت. دەپ يېزىلغان

بۇ خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار، مەيلى بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بولسۇن ياكى ئىلگىرىكىلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا گورۇھلىشىپ جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان قارا كۈچلەر ئىكەنلىكى، بۇ قارا كۈچلەرگە قارشى جەمئىيەتتىمۇ تۈرلۈك قاراگورۇھلارنىڭ بارلىقى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغان كونا ھوقۇقدارلار ھەم بايلارنىڭ بۇندىن كېيىن شى ھۆكۈمىتىنى ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەنە بەزىلەر پارتلاش مەركىزىدىكى ئاقىرىپ كەتكەن جەسەتلەرنى مىسال ئېلىپ، پارتلاش مەركىزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ دەسلەپتە 400-1000 گرادۇسقا قەدەر ئارىلىقتا بولغانلىقىنى، ئادەتتە 80 گرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدا ئادەم بەدىنىنىڭ ئېرىشكە باشلايدىغانلىقى، نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ جەسىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر تېپىلماسلىقىدىكى سەۋەب، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۇلارنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى، نەچچە كىلومېتىر دائىرىدىكى مېتال بويۇملارنىڭمۇ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى، دېمەككى، بۇ يەردە پارتلىغان بۇيۇملار ئىچىدە خىمىيىۋى ماددىلاردىن سىرت، يادرو قوراللىرى خام ئەشياسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھەممىدىنمۇ كۆپرەك مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقانلىقىنى، پارتلىغان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەسىرى مەسىلىسى بولماقتا. بەزىلەر تيەنجىندە يەنە 300 يىلغىچە گىياھ ئۈنمەسلىكى مۇمكىن دېيىشسە، يەنە بەزىلەر، 100 يىلغىچە بۇ دائىرىدە ئادەم ياشاش مۇمكىن ئەمەس، دېيىشمەكتە. بۇ قاراشلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ راستلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ھاۋادا ھازىر زەھەرلىك تەركىپلەر يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، تۇپراق ۋە سۇنىڭ زەھەرلىنىش دەرىجىسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان خىتاي خەلقى يەنىلا ئەندىشە ئىچىدە. پارتلاش گەرچە 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر تۇيۇقسىز پەيدا بولۇۋاتقان كىچىك تىپتىكى قالدۇق پارتلاش ياكى يانغىنلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. ئىس-تۈتەك تېخى تولۇق تۈگىمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.