دېكابىردا يۈز بەرگەن «ئۈچ چوڭ ئىش» ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەشتىكى باش قېتىنچىلىقلىرى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.12.23
qumul-yardem-doxtur-dawalash-ayrodurum خېنەن ئۆلكىسىدىكى غوللۇق دوختۇرلاردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى قۇمۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ماي، قۇمۇل.
pdnews.cn

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل دېكابىرنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «ئۈچ چوڭ ئىش» يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆچمەن يۆتكەشتىن ئىبارەت چوڭ پىلانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. قارايدىغان بولساق، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە كىشىنىڭ دىققىتى تارتىدىغان مۇنداق بىر ئۇچۇرنى بايقايمىز. گەرچە بۇ ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسى، راست ياكى يالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەرىكەتلىرىدىن شۇنداق بىر پىلانىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى ئوچۇقچىلىققا چىقماقتا.

يېقىندا خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تۇيۇقسىز «مەركەز شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى نوپۇسىنى 50 مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى» مەزمۇنىدىكى يازما ۋە سىنلىق ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ ھەقتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر ساھەدىكى «يېڭى ۋە ھاياجانلىق ئىسلاھاتلار» بۇ مۇمكىنچىلىكنى بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بولۇپمۇ 17-دېكابىردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسىي-مائارىپ» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى»، 19-دېكابىر «يۈز كارخانىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشى ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنى» ۋە 20-دېكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 2025-يىللىق كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى باشلىشى قاتارلىق «ئۈچ چوڭ ئىش» بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنى كۈچلۈك دەلىل بىلەن تەمىنلەيدۇ. قارىماققا بۇ «ئۈچ چوڭ ئىش» بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان ئۈچ ئورگان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغانلىرىنىڭ يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان «شىنجاڭنىڭ نوپۇسىنى 50 مىليونغا يەتكۈزۈش» تەك «كوچا پاراڭلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى مەسىلىنىڭ نېگىزىدۇر. ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇر ئېلىدە دېكابىردا يۈز بەرگەن «ئۈچ چوڭ ئىش» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زور ساندا كۆچمەن يۆتكەش پىلانى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراپ باقايلى.

17-دېكابىر ئېچىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى» نىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، مائارىپ خىزمىتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن» ۋە «مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن» خىزمەت قىلىشىنى تۈپ نىشان قىلىپ ئېچىلغانلىقىنى بايقايمىز. يىغىندا بۇ نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە تۈرلۈك خىزمەتنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى باشلاش ۋە 2025-يىللىق ئىككىنچى قېتىملىق كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەت قوبۇل قىلىش پىلانىنى تۈزۈش؛ يەنە بىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت 1 ئوبلاستقا قوبۇل قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ئومۇمىي ساننىڭ 15 پىرسەنتىدىن تۆۋەن بولماسلىق. بۇنىڭ ئىچىدە «غەربىي دىيارغا ياردەم بەرگۈچى پىدائىيلار پىلانى» غا قاتناشقۇچىلاردىن قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ سانى 60 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولماسلىقىدۇر. قوبۇل قىلىنغۇچىلار «10 كەسىپ توپى» ۋە ئەركىن سودا، مائارىپ، تېخنىكا، تېبابەت، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش، نۇقتىلىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردىكى ئىش ئورۇنلىرىنى ئاساس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ 3 ۋىلايەت 1 ئوبلاست بولسا، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياشايدىغان رايونلاردۇر. «غەربىي دىيارغا ياردەم بەرگۈچى پىدائىيلار پىلانى» بولسا خىتاينىڭ 2000-يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئاتالمىش «شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى» ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن كۆرە، ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش ئۈچۈن ئېچىلغان «چوڭ يىغىن» بولغانلىقى ئاشكارا. ئاتالمىش مائارىپ يىغىنىنىڭ ئەتىسىلا، يەنى 20-دېكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 2025-يىللىق كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى باشلىشىمۇ، دەل «شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق. ئەمدى 19-دېكابىر «شىنجاڭنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «يۈز كارخانىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشى ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنى» غا كەلسەك، بۇ قارىشىمىزنى دەلىللەيدىغان مۇنداق ئىككى نۇقتا بار. ئۇنىڭ بىرى يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار يىغىنغا كەلگەن كارخانىچىلارغا «شىنجاڭنىڭ ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ساھەلەردىكى ئەۋزەل سىياسەتلەر بىلەن مەبلەغ چاقىرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقى؛ يەنە بىرى بولسا، بۇ 100 كارخانىچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خېلى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان كارخانىچىلار بولۇشىدۇر. چۈنكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش كەسپىي ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەر «شىنجاڭدىكى ئون چوڭ كەسىپلەر تۈرى» ساھەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلەن دېڭىز ياقىسى كارخانىچىلىرىنىڭمۇ «شىنجاڭدىكى ئون چوڭ كەسىپلەر تۈرى» گە مەبلەغ سېلىشقا دەۋەت قىلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئەكسىچە، بۇنداق قىلىش خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش بىلەن تەڭ، خىتاي نوپۇسىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىشىگە ئاساس سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل دەل خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىش بىلەن تەڭ، ئۆزى مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇشلارغا خىتايدىن ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئاپىرىپ ئىشلەتكىنىگە ئوخشايدۇ. مىسالغا ئالساق، يىللاردىن بۇيان خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» پىلانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ پىلانغا قاتناشقان دۆلەتلەرگە نۇرغۇن مەبلەغلەرنى سالىدىغانلىقى ۋە بۇ مەبلەغنىڭ شۇ دۆلەتلەرنى نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىش بىلەن تەڭ، خەلقنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ پىلانغا قاتناشقاندىن كېيىن، خىتاي مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ يەرلىكتىكى خەلقلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلماستىن، خىتايدىن ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدەك ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاينىڭ چەت ئەللەردە بۇنداق قىلىشى ئەلۋەتتە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، پايدىنى ئۆزى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا بۇنىڭدىكى مەقسەت پۈتۈنلەي باشقىچە.

قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» بىلەن «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» پىلانى يولغا قويۇلغان 1996 ۋە 1999-يىللىرى، «شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» ۋە «شىنجاڭ سىنىپى پىلانى» مۇ تەڭلا ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇ ئەلۋەتتە سەۋەبسىز بولغان ئىشلار ئەمەس. بەلكى ئاۋۋالقى ئىككى پىلان ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى نىشان قىلغان بولسا، كېيىنكى ئىككى پىلان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋە يەرلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغانىدى. خىتاي ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورگانلاردىن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە سىقىپ چىقارغان بولسا، «غەربنى ئېچىش پىلانى» ئارقىلىق خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كوللېكتىپ يۆتكەش بىلەن بىرگە، زور بىر تۈركۈم ئىشلەمچى ئاققۇنلارنىمۇ يۆتكەپ كەلدى. بۇ خىتاي كارخانىچىلار ۋە ئاققۇنلارغا بېرىلگەن ئەۋزەل سىياسەتلەر، يەرلىك خەلقلەرنى ئىشسىزلىق ۋە تېخىمۇ نامراتلىشىش گىردابىغا ئېلىپ باردى. بىز ئاۋۋالقى ئوبزورلىرىمىزدىمۇ خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىغا دائىر قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ كەلگەنىدۇق. بۇ ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشى بىر كۈندىلا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس. بەلكى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ ئۆتكەن 40 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىگە ئاستا-ئاستا يۆتكىلىشى بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان. گەرچە بەزى كىشىلەر خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي جازا ۋە خىتاي ماللىرىغا يۇقىرى باج قويۇشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىشىدۇ. گەرچە بۇ خىل قاراشنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسىمۇ، لېكىن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىشى تېخىمۇ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، «خىتاي بانكىسى تەتقىقات مەركىزى» 2021-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىشى 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن بۇيان تېزلەشكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ رايونلاردىكى يەر، سۇ، توك باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشى، مەبلەغ سالغۇچىلارغا بېرىلگەن سىياسەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەر، ئەرزان ئەمگەك كۈچى قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خۇادۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي زامانىۋى شەھەر تەتقىقات مەركىزى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىنستىتۇتىنىڭ 2020-يىلى ئېلان قىلغان «خىتايدىكى نوپۇس كۆچۈشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىشلىشى» ناملىق دوكلاتتا، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دېڭىز ياقىسى رايونلىرى خىتايدىكى نۇرغۇن نوپۇسلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولسا، 21-ئەسىرگە كەلگەندە بۇ ھالەت ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ، غەربىي رايونلار، يەنى ئۇيغۇر ئېلى خىتاي نوپۇسىنى جەلپ قىلىدىغان يېڭى بىر مەركەزگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ھالدا رېئاللىق ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟

 

«خىتاي بانكىسى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دوكلاتىنىڭ ئېكران كەسمىسى
«خىتاي بانكىسى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دوكلاتىنىڭ ئېكران كەسمىسى
bankofchina.com

قارايدىغان بولساق، خىتاي 90-يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق سىياسەتلىرىدە «مۇقىملىقنى تەرەققىياتنىڭ ئالدىغا قويۇش» نى پىرىنسىپ قىلغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش دېگەنلىك، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، خىتاي ئۆتكەن نەچچە ئون يىللاردىن بېرى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۈچىدى. ئەمما جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى خىتاي تەرىپىدىن ۋاسىتىلىك نامراتلاشتۇرۇلغان، دېڭىز ياقىسىدىكى خىتاي ئاققۇنلىرى ئۈچۈن «شارائىتى جاپالىق جاي» دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، زور كۆلەمدە خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەپ كېلىش ۋە مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش خىتاي ئۈچۈن ئىزچىل قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلگەن. گەرچە ئۆتكەن يىللاردىن بېرى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سېلىپ، شارائىتلارنى ياخشىلاپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە قولايلىق شارائىت ھازىرلىغان بولسىمۇ، كۆچمەن يۆتكەش مەسىلىسى يەنىلا ئاسانلاشقىنى يوق. مىسالغا ئالساق، شىئەن پېيئەن ئىنستىتۇتى «غەربىي دىيارغا ياردەم پىلانى» پىدائىيلىرى ھەققىدىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن بەزى ھەقىقەتلەرنى كۆرەلەيمىز. مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتى 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «غەربىي دىيارغا ياردەم پىلانى» غا قاتناشقان پىدائىيلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پىدائىيلارغا جەمئىي 139 پارچە سوئال ۋارىقى تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ 85.61 پىرسەنتى قايتۇرۇپ ئېلىنغان. قايتۇرۇپ ئېلىنغان جاۋاب قەغىزىدىن قارىغاندا 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك پىدائىي مەزكۇر پىلاندا دېيىلگەن «ئەۋزەل سىياسەتلەر» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، خىتاينىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش ئېھتىياجىنىڭ ئۇنداق ئاسان روياپقا چىقمايدىغانلىقى خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق.

دەرۋەقە، بۇ يىل دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن «ئۈچ چوڭ ئىش» گەرچە كۆچمەن يۆتكەش بىلەن باغلىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما «كوچا پاراڭلىرى» دا دېيىلگەن «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسىنى 50 مىليونغا چىقىرىش» ھەققىدىكى سىن خەۋەرلىرىنىڭ پەقەت خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتە بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشىمىز تەس ئەمەس!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.