«ئۈچ خىل كۈچ» نامىغا يوشۇرۇلغان مۇستەملىكىچىلىك
2025.02.06

(غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 28-يىلىغا بېغىشلاپ)
بۇنىڭدىن 28 يىل ئاۋۋالقى 5-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چوڭ كۆلەملىك قانلىق قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنى، شۇنداقلا قانۇنسىز باستۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بارغان بۇ نامايىش ئاقىۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان. مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كىتاب يازغان گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر نامايىش ئەينى چاغدا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش بىلەن باشلىنىپ، نامايىشچىلار قوشۇنى داۋاملىق زورىيىپ، سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ياشلار 90-يىللاردا غۇلجا ياشلىرى ئارىسىدا ئەۋج ئالغان زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان «مەشرەپ» گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، شۇ يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋج ئالغان خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەيران قىلىشىنى توسۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن، غۇلجادىكى پۈتكۈل مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنغان. تاكى ئىككى ھەپتىگىچە غۇلجادا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۇتقۇن قىلىش توختىمىغان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈرمىگە قامىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش قاتارلىق ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان.
گەرچە، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» بىلەن «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ئوخشاشلا ھۆكۈمەتتىن ئادالەت، دېموكراتىيە ۋە قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقنى تەلەپ قىلىش بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ۋەقەنىڭ ماھىيىتى خىتاي تەرىپىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق شەكىلدە شەرھلەنگەن ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىمۇ پەرقلىق بولغان.
خىتاي «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى پىلانلىغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ بېكىتىپ، نامايىشقا قاتناشقان ياكى مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاپ قارىلىغان ۋە قىرغىن قىلغان. 5-فېۋرالدىكى تىنچ نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنى بولسا نەق مەيداندا ياكى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈپ يوقاتقان. ئەمما بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى بولسا، «مالىمانچىلىق (动乱) » سۆزى بىلەن تەبىرلىگەن. مەزكۇر نامايىش سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا، تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە چەتئەللەرگە چىقىپ كېتەلىگەن. بۇ ۋەقەنىڭ كۆپ قىسىم رەھبەرلىرى ھېلىمۇ چەتئەللەردە ھايات تۇرماقتا. دېمەك، ئىككى ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش تېخىمۇ ئېغىر بولغان. يەنە كېلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلار «4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقى» دەك تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلانمىغان.
دەرۋەقە، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بەرگىنىگە 28-يىل بولغان، ئۇيغۇرلار بولسا مىللەت بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەزكۇر قىرغىنچىلىقتا قىرغىن قىلىنغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئەستە تۇتۇش بىلەن تەڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق ھەقلىرى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن ھەرقانداق نارازىلىقلىرى، 90-يىللاردىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن بىردىنلا خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك قارىلىنىپ كەلگەن.
ئەسلىدە، ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىجارەتنى باشلىغان بولۇپ، سودىغا ماھىرلىقى، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل خاراكتېرى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى تاڭ قالدۇرغانىدى. لېكىن 90-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى بىردىنلا «ئوغرى»، «يانچۇقچى»، «زەھەر ئەتكەسچىسى»، «رادىكال»، «بۆلگۈنچى» گە ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يەنە بىر تۈركۈم ئاجايىپ قىسمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كىرىلىشى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، زەھەر چېكىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش دېگەندەك تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋاللار ئېغىرلاپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خانىۋەيران قىلىندى. يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىگە قالدى. 90-يىللار ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغان قورقۇنچلۇق يىللار بولغانىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، غۇلجانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مەشرەپ يىغىلىشى»، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي ئەخلاقى ۋە دىنىي ئېتىقاد پىرىنسىپلىرى بويىچە تەربىيەلەپ، قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇتقۇزۇشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقان «ئۇيغۇر مەشرەپ» پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى دەل 1996-يىلى مارتتا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ئۈچ خىل كۈچنى يوقىتىش» نى نىشان قىلغان «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بېرىشتىمۇ خىتاي يەنىلا «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىگە تايانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى بىلەن قارىلىنىپ، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىشى نورماللاشتۇرۇلغان. «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورىزم بىلەن باغلىنىپ، خەلقئارانىڭ نەزەرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەتتا جازا لاگېرلىرىغا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان 2017-يىلى خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ، «ئۈچ خىل كۈچكە تاقابىل تۇرۇش» نامىدا ئاقلىغان.
دەرۋەقە، 90-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان پۈتكۈل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، مەقسەتلىك ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا باستۇرۇلغان. قىسقىسى ئۇيغۇرلار، خىتايلار تەرىپىدىن مەقسەتلىك ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىنىڭ قۇربانى قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىنىڭ ئارتىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى بىر چوڭ بۇرۇلۇش دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنداق قارىشىمىزدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار. يەنى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى. بۇ ھادىسىلەر ئۇيغۇرلاردىمۇ زور ئويغىنىش دەۋرىنى باشلىغان بولۇپ، ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى دەل بۇ دەۋردە يۈز بەرگەن. 1989-يىلى مارتتا تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان، شۇ يىلى ئىيۇندا بولسا بېيجىڭدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋاتقان بۇ قارشىلىقلار كوممۇنىست خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى تەۋرىتىپ قويۇشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا يۈز بەرگەن «بارىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى قوزغىلىڭى» خىتاينى تېخىمۇ ئېغىر ئەندىشىگە پاتۇردى.
خىتاي بۇ ۋاقىتلاردا تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «دالاي لاما ۋە غەربنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. تىبەت خەلقىنىڭ قارشىلىق مەقسىتى ئەسلا يوق» دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. بۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئىزاھلىغاندا، خەلقئارادا خىتايدىكى مىللىي زۇلۇملارغا نىسبەتەن ئاسانلا گۇمان پەيدا قىلىپ قويىدىغانلىقىنى پەملىگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك باستۇرۇش مەسىلىسىدە تىبەتتىن باشقىچە چارە قوللانماقچى بولۇشقان. دېمەك، خىتاي مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى 1990-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇكەممەل بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالمىغان. ئەمما 1995-يىلى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىشى ۋە ئارقىدىنلا «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇرۇنقى نىسپىي كەڭچىل سىياسەتتىن «قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش» سىياسىتىنى رەسمىي يوسۇندا باشلىغان. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتساق، ئاتالمىش «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ سىمۋولى دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، 1996-يىلى باشلانغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتىمۇ دەل مەزكۇر ھۆججەتنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. يەنى، بۇ سىياسەتمۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولغان بارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا كۆچمەن خىتايلارنى سەپلەش مەقسىتىدە يۈرگۈزۈلگەن. چۈنكى ئاتالمىش «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» تە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلارغا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» دىن «ئىشەنچلىك جەڭچى ۋە كادىرلارنى رەھبىرىي قوشۇن» سۈپىتىدە يۆتكەش، بىڭتۈەن ئورگانلىرىغا بولسا ئىچكىرىدىن خىتاي ئىشچىلىرىنى ۋە پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈش شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى «بىرىنچى قول رەھبەرلىك ئورنىغا قويۇش، يېتەرلىك ھوقۇق ۋە كۈچ بېرىش» قاتارلىق ئەۋزەل سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن.
خۇلاسىلىگەندە، گەرچە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا قارىلاپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى خەلقئارادىن ئىزچىل يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە ئازراقلار ئىزدەنگەن كىشى، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ خىتايدا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشى تەس ئەمەس. «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى ھەقلىق قارشىلىقلىرىنى قارىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر ۋاسىتە خالاس. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىمۇ دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ، جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىشىغا قارشى مەيدانغا كەلگەن ھەققانىي قارشىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ نە «ئۈچ خىل كۈچ»، نە «خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» بىلەن ئالاقىسى يوق. بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خۇددى 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمان ئۇيغۇرلاردەكلا، ئۇلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ھۆرلۈك، ئەركىنلىك، ئىنساندەك ياشاش ئارزۇلىرى، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۆز ھەقلىرىنى ھاياتى بەدىلىگە قوغداشتەك جاسارىتى ۋە مىللىي روھى بىلەن ئالاقىدار بولغان!
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]