خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نى يوقىتىش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر!
2024.11.22
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زادى نېمە ۋەجىدىن يۈز بەرگەنلىكى، بېرىۋاتقانلىقى ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە كىشىلەر پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە. بەزىلەر بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىشىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا خىتاينىڭ چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىدىن دەپ قارىشىدۇ.
بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم ئاساسنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن، لېكىن يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ ھېچبىرى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۈپ يىلتىزىدىن قىرىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتماقچى بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئانچە قولاي بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» نامىدىكى سىياسەتلىرىدىن مەلۇم ئىچكى سەۋەبلەرنى كۆرەلەيمىز.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چوڭ تۇتقۇن ئەلۋەتتە 2017-يىلىلا باشلانغان ئەمەس. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى، جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا خالىغانچە قاماپ قويۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرى چېقىلىپ، تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، پەرزەنتلىرى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە، ئاتا-ئانىلىرى «يېتىمخانا» لارغا، قوي-كالىلىرى كوپىراتىپلارغا، ئىشقا يارايدىغان ياش ئوغۇل-قىزلىرى بولسا خىتاي ئۆلكىلىرى ياكى خىتاي كارخانىلىرىغا قۇل ئىشچىلىققا يولغا سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. 2019-يىلىدىن بۇيان جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پاكىتلار ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «قايتا تەكرارلانمايدۇ» دەپ ۋەدە بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا يۈز بېرىۋاتقانلىقى بىلەن دۇنيانى چۆچۈتتى. بۇ ۋەجىدىن كىشىلەر بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جىددىي دىققەت قىلىشقا باشلىدى. شۇ ۋاقىتلاردىن بۇيان «كورونا ۋىرۇسى» ئاپىتى، «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى» ۋە «ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى» قاتارلىق تۈرلۈك دۇنياۋى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا بولغان دىققىتى ئاجىزلاپ قالغىنى يوق. بەلكى بۇ مەسىلە بۈگۈن، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇش مۇمكىن» چىلىكى ھەققىدە دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك قانۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدەك ھالغا كەلدى. ھەتتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە چېكىنىشى ۋە ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشىغا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك خىتايغا قويغان ئىقتىسادىي جازالىرى سەۋەب بولدى. ئەمما ئاشكارىلانغان «خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرى» ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ھەققىدە خىتاينىڭ ئىنكاسلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبلىرىگە ئائىت مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى بايقايمىز.
بىرىنچىدىن، خىتاي ئۆز قىلمىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئېتىراپ قىلمىغان. ھەتتا بۇنداق بىر ئېھتىماللىققا ھېچقانداق ئىمكان قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىزچىل يوسۇندا «شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە ئاشقۇنلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت» دەپ تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرغان. شۇنداقلا بۇ جىنايەتلىرىنى «ئۆز دۆلىتىنى ئۈچ خىل كۈچنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەقلىق ھەرىكەت» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
ئىككىنچىدىن، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش كۈرىشىنىڭ جەڭ مەيدانى» نى، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى قىلىپ بېكىتكەن. ئەمما «ئۇيغۇرلار يوقالسا، شىنجاڭ خىتايلارغا مەڭگۈ بىخەتەر بولىدۇ» دېگەن ئەسلى مەقسەتنى «شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دېگەن سۆز بىلەن پەردازلاپ تەشۋىق قىلغان.
يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» پەقەت جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە مەركەزلەشكەن. شۇڭا «ئۈچ خىل كۈچ» نى يوقىتىش ھەرىكىتىمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما بۇ يەردە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغان سىياسىي ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى، «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» نىڭمۇ، ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ھەقىقەت بار. ئۇ بولسىمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇشىدۇر.
خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» سىياسىتى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئاساس قىلىدىغان قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما شىمالىي ئۇيغۇر رايونلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بۇ سىياسەت ئوخشاش شەكىلدە تەدبىقلانغان. ھەتتا سىياسەت ئىجراچىلىرىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى تېخىمۇ يۈرەكلىك، دادىل ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن يۇقىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان. خىتاي ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ قىرغىنچىلىق «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن قومۇرۇش، بېغىنى كېسىش، ئەجدادىنى قۇرۇتۇش ۋە ئەۋلادىنى يوقىتىش» ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەقتە 2017-يىلى فېۋرالدا خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش يىغىنى» دا جۇ خەيلۈننىڭ قىلغان سۆزلىرىنى دەلىل قىلىشقا بولىدۇ. مەزكۇر يىغىندا جۇ خەيلۈن، «ئۈچ خىل كۈچ» نى يىلتىزىدىن يوقىتىشتا «تۆمۈر بازغاندەك كۈچ بىلەن قاتتىق ئۇرۇش، دۈشمەننى يىلتىزىدىن بەربات قىلىش، كوللېكتىپ يوقىتىش، قوغلاپ يوقىتىش، مىخ سۇغۇرغاندەك سۇغۇرۇپ يوقىتىش، ئۇۋىسىنى چۇۋۇپ يوقىتىش، قوغلاپ يوقىتىش، بېسىپ يوقىتىش، قېزىپ يوقىتىش، نەپەس ئالغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك، رەھىم قىلماسلىق، قاتتىق قول بولۇش، ھەيۋە كۆرسىتىپ، پولاتتەك ئىرادىسىنى نامايان قىلىش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.
دەرۋەقە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش ئۈچۈن يەنە مۇنداق ئىككى شەرتنى قويغان. ئۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدىن، تارىخىدىن، مەدەنىيىتىدىن ۋە زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلىش؛ يەنە بىرى بولسا، خىتاي كىملىكى، خىتاي دۆلىتى، خىتاي تارىخى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىست ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىش. لېكىن ئۇيغۇرلار بۇ شەرتنىڭ قايسىسىنىلا قوبۇل قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا يوقىلىش ياكى يوقىتىلىش بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ شەرتنى قوبۇل قىلسۇن ياكى رەت قىلسۇن، كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە بەرىبىر ئوخشاش، يەنى تىرىك قېلىش ئۈچۈن خىتايغا سىڭىپ يوقىلىش ياكى باش ئېگىشنى رەت قىلىپ، مەجبۇرىي يوقىتىلىش بولىدۇ. دېمەك، خىتاي ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزۈشتە، «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن توقۇلمىنى بازارغا سالغان. خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا «ئۈچ خىل كۈچ» دىن ئىبارەت بۇ توقۇلمىنىڭ مەلۇم ئىشەنگۈچىلىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بۇ نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىشنى باشلىۋەتكەن. لېكىن كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى چوڭقۇرلاشقانسېرى، بۇنداق يالغانچىلىقلارنىڭ تېزلا ئاشكارىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرگەن؟
دەرۋەقە، يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنى، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ 6 دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان چوڭ زېمىنلىقى، بۇ زېمىننىڭ ناھايىتى مول تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولۇشى، خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىشىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىم بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇشى ۋە خىتايدىن پەرقلىق بولغان تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ پەرقنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇيغۇرلار يوقىتىلمىسا، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق يوسۇندا مۇستەقىل بولۇش ئىمكانىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق ئامىللارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. دېمەك، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]