مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 22 - يانۋاردا گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكەن «نورماندى تۆرتلۈكى»نىڭ يەنى رۇسىيە، ئۇكرائىنا، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ نوۋەتتىكى ئۇچرىشىشىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. ئۇچرىشىش ئاخىرىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىنىستىرلار ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قارشى تەرەپلەرنى ئېغىر قوراللارنى 2014 - يىل 19 - سېنتەبىردىكى مىنسك كېلىشىمىگە بېنائەن بەلگىلەنگەن چېگرا لىنىيىسىدىن چېكىندۈرۈشكە، بۇ مەسىلە بويىچە مۇزاكىرىلەرنى داۋام قىلىشقا چاقىردى.
بۇ جەرياندا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئىككى ئارىدا ئوق چىقىرىش توختىتىلغان تەقدىردە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاستانىدا «نورماندى تۆرتلۈكى»نىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كېلىپ چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ رايوندا ئوق چىقىرىشلار يەنىمۇ داۋاملىشىپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. شۇ سەۋەبتىن ئاستانا ئۇچرىشىشى نامەلۇم ۋاقىتقا قالدۇرۇلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00