ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنازىرە» ناملىق تەكلىپ لايىھەسى 6-ئۆكتەبىر ب د ت دا ئاۋازغا قويۇلۇپ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ ئۇرۇش ئىچىدىكى ئۇكرائىنانىڭ ئەينى چاغدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللاش تەرەپدارىغا ئۆزگەرگەنلىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 10-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇكرائىنا پۇشايمان قىلدى، بىتەرەپلىكتىن قوللاشقا ئۆتتى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 6-ئۆكتەبىر ب د ت دا ئېلىپ بېرىلغان ئاۋاز بېرىشتە بىتەرەپلىكنى تاللىغان ئۇكرائىنا 7-ئۆكتەبىر كۈنى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. غەرب ئاخبارات ساھەسى بۇنى «ھەيران قالارلىق خەۋەر» دەپ ئاتاشقان.
ئۇكرائىنانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى يېۋگىنىيا فىلىپىنكو 7-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە «يىغىن خاتىرىسى چوقۇم بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك» دېگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى فېدېرىكو ۋىللىگاس جاۋابەن «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى سىزنىڭ بايانىڭىزغا دىققەت قىلىدۇ» دېگەن ھەمدە «قائىدە-پرىنسىپلىرىمىزغا بىنائەن، بېلەت نەتىجىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان نەتىجىنى ساقلاپ قالىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، 6-ئۆكتەبىردىكى بېلەت تاشلاشتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتتىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى 17 ئاۋازغا، خىتاي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى 19 ئاۋازغا ئېرىشكەن، ئۇكرائىنا، ھىندىستان قاتارلىق 11 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنىدى. بىتەرەپلىك يولىنى تاللىغان ئۇكرائىنانىڭ ئەتىسىلا قارارىنى ئۆزگەرتىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، خىتاينى بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن بۇ ھەقتە «ئۇكرائىنانىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى، ئۇنىڭ غەربكە سېتىلغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. كىيېۋ ھۆكۈمىتى غەربنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئىرادىسىدىن ۋاز كەچتى. بۇ ئىنتايىن ئېچىنارلىق ئىش» دېگەن ئىبارىسىنى تۋىتتېردا كەڭ تارقاتقان.
تۇپرىقى رۇسلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنا نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارغا بېلەت تاشلىماقچى بولۇپ قالدى؟
بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە ئىگە. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇكرائىنانىڭ دەسلەپتە ئۆز دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتايدىن بىھۇدە ياردەم تاما قىلىپ بىتەرەپلىك يولىنى تاللىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بىراق بۇ تاللاش غەربتە قارشىلىقلار پەيدا قىلغان. ئۇكرائىنانىڭ ئۆزلىرىنى قوللاۋاتقان غەرب بىلەن ب د ت دا بىر سەپتە تۇرالمىغانلىقى غەربنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا خاتاسىنى دەرھال تۈزەتكەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا ئۆز دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئارقىدا خىتاي بارلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇكرائىنا ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، خىتايغا زەربە بېرىشنىڭ بىر پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان. ئەمما كېيىن خاتاسىنى تۈزەتكەن.
خەۋەردە ئۇكرائىنانىڭ بېلەت تاشلاشتا بىتەرەپلىكنى تاللىشى نارازىلىق قوزغاپلا قالماي، ئۆز ۋاقتىدا يەنە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بولغان مىللەتلەر دۆلەتلىرىنىڭمۇ خىتاينى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقىنىڭ كۆپلىگەن نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغانلىقى، 20 دۆلەتتىكى 66 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن.