باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە غۇلجادىكى مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى گەرچە «تەكشۈرۈش» شەكلىدە ئەمەس، بەلكى «سۆھبەت» شەكلىدە داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ «سۆھبەت» تېرىغان بىسەرەمجانچىلىق قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى بىلەنلا چەكلەنمىگەن. غۇلجادىمۇ يەرلىك ئاھالىلەر، بولۇپمۇ مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىر يېرىم ئايچە سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىyو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر خەلقئارالىق مۇراسىم ۋە زىيارەت رايوندىكى ئاھالىلەرگە، بولۇپمۇ مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بىر قاتار ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتىمۇ، ئۇنىڭ قەدىمى يېتىپ بارغان قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىلەردىلا ئەمەس، غۇلجادىكى ئاھالىلەرگىمۇ، جۈملىدىن مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغۇ ئېغىر بىسەرەمجانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

بىر نەپەر كەنت ساقچىسىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، غۇلجا ناھىيەسىدە مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن سىياسىي- قانۇن يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش ۋە ئائىلە ھاياتى تېخىمۇ قاتتىق كونتروللۇققا ئېلىنغان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن.

شۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى ساقلاشنىڭ مېتودلىرى سۈپىتىدە نومۇرى نۆلدىن ۋە 11 دىن باشلانغان خەلقئارالىق تېلېفونلارنى ئالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. تۈرمىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى سوراپ تېلېفون قىلغانلارغا ئۇچۇر بېرىپ قويماسىقنىڭ يوللىرى چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا بېرىلىدىغان «ئۆلچەملىك جاۋاب» لار ئۆگىتىلگەن. بۇ قېتىملىق «سىياسىي-قانۇن ئۆگىنىشى»، باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىش تەييارلىقى باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئۇ ئۇزاپ كەتكىچە بىر يېرىم ئايچە داۋام قىلغان. بۇ جەرياندا بىر قوڭغۇراق بىلەن توپلىنىپ، يەنە بىر قوڭغۇراق بىلەن دەرھال تارقاپ كېتىش بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنغان. بۇ بىر يېرىم ئاي داۋامىدا، مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مەھەللىدىكى ئونبېشى ياكى كەنت ساقچىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تاڭ سەھەردە كوچا دوقمۇشى ياكى ئاھالىلەر كومېتىتلىرىغا توپلانغان. بۇ يىغىنلاردا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش باياناتلىرى ۋە دۆلەت بىختەرلىكىنى ساقلاش ۋەدىنامىلىرى بېرىلگەن. بۇ مەزگىل ئىچىدە سىرتتىن بىرەر ئۇرۇق-تۇغقىنى ۋە تونۇشى كەلگەنلەر، دەرھال ساقچىخانىغا ئەۋەتىلىپ، بۇ ئۇچرىشىشتا نېمىلەر دېيىشكەنلىكى سۈرۈشتە قىلىنغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندە، رايوندىكى سابىق سىياسىي مەھبۇسلار ۋە ئەرزدارلارنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى»، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 17 ‏- ۋە 18 ‏- قۇرۇلتىيى مەزگىللىرىدىمۇ، تۈركىيە پرېزدېنتى ئەردوغان ۋە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى قىلىچدارئوغلۇ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدىمۇ، رايوندىكى مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئەرزدارلار، مۇراسىم ۋە زىيارەتلەر ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۆز ئۆيلىرىگە سولاپ قويۇلغان ۋە ياكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا يىغىۋېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كاتتا سورۇنلاردا توپلۇنۇشىدىن بەك ئەندىشە قىلغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 2014-يىلدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ جامائەت سورۇنلىرىغا قېتىلماي ئايرىم ياشىشىدىنمۇ ئەندىشە ھېس قىلغان. شۇڭا 2016 ‏-يىللىرى «تۇۋاق ئېچىش» ھەركىتى نامى ئاستىدا چەت جايلارغا ئۆي سېلىپ ئايرىم ياشاۋاتقان ئائىلىلەر ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان.

باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتى مەزگىلىدە، غۇلجا ناھىيەسىدە يىغىۋېلىش ۋە ئايرىم نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەدبىرنىڭ تەڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي قائىدىنى بۇزۇپ قويغانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.