22-ماي ئۈرۈمچى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن خىتاي دېموكراتلىرىدىن ياڭ جيەنلى، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ياڭ جىيەنلى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد، مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى قاتتىق چەكلىمىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل پاجىئەلەرگە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
22-ماي ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىغا توغرا كېلىدىغان، ئەتىگەنلىك بازاردا پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتىپ، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى بولسا، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئېنىقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك تۈگىمەيدىكەن، كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى مۇشۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى سۆزىدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى 30-ئاپرېل ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋە 22-ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ھەتتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، رايوندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىنى تەھلىل قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى كوممۇنىست ھۆكۈمەت رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقىنى قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتى. شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتى قورال كۈچىگە تايىنىپ مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما باستۇرۇش كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شۇنچە كۆپىيىۋاتىدۇ، شىددەت دەرىجىسىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقەت بىزگە مۇقىملىقنى قورال كۈچى ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە تايىنىپ بەرپا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى شى جىڭپىڭنىڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ، شى جىڭپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە باغلاپ، رايوندا تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى ۋە قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا بولغان ئاخىرقى ئۈمىدلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىپ، رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە ئوت پىلتىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتىدىن دەسلەپ ھەممىمىز ئۈمىد كۈتكەن ئىدۇق. ئەمما شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى زىيارىتى جەريانىدا رايون ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ‹ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچ› لەرگە، تېررورچىلارغا، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى. يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقادى، ئانا تىلى قاتارلىقلارنى ئەسلى ھۆرمەت قىلىش كېرەك ئىدى. ئەمما خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ رەئىسى بولغان شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئېتىبارغا ئالمىدى. ئەكسىچە رايوندىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەندە بۇ يەرگە كەلگەن كۆچمەن خىتايلارغا ئېتىبار بېرىشنى، رايوندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى تەكىتلىدى. مەن شى جىنپىڭنىڭ قەشقەر زىيارىتىدىكى بىر سۆزىگە دىققەت قىلدىم. ئۇ قەشقەردە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان قوش تىللىق مەكتەپكە قىلغان زىيارىتىدە، خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزىغا ‹خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگەنسىڭىز، كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تاپالايسىز› دېدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى كەمسىتىش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەنلىك. شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنىڭ ئۆزىلا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىككە نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا، كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىش ئارقىلىق تېررور يولىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، نۆۋەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىنىڭ مەسىلىنى ئۇلغايتىش ئەمەس، بەلكى رايوندىكى بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىپ، رايوندا نىسبەتەن تىنچ مۇھىت يارىتىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرسا، ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە قارىلايدىغان تەشۋىقاتلىرىنى توختاتمىسا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى بارغانچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.