3 - نۆۋەتلىك ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يەرمەنكىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. ئۇلار ئۆز خەۋەرلىرىدە بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارالىق ئورنىدا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يەرمەنكە ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن بەك، سىياسىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 3 - نۆۋەتلىك ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ باش مىنىستىرى، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقاندىن سىرت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات كومىتېتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار خادىملىرى قاتناشقان.
ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ باشلىقى ھېلىن كلارك خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىلغان نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىگە قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ياۋرو - ئاسىيا رايونىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھېلىن خانىم نۇتقىدا ئىنسان ۋە مۇھىتنى چىقىش قىلغان تەرەققىيات ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، «تەرەققىياتنىڭ ئىنساننى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى، ئۇلارنىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىنى ياخشىلاشنى چىقىش نوقتىسى قىلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە ئەسكەرتىپ «تەرەققىيات جەريانىدا جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنى تەڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ھېچكىمنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغاندىلا، ئاندىن كۆزلىگەن مۇقىملىق ۋە پاراغەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگەن.
ھېلىن خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ :
« ياۋرو - ئاسىياغا تەۋە بولغان بۇ رايون مۇھىت مەسىلىسىدە ئېغىر رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلار چۆللىشىش، سۇ كەمچىللىكى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ باشقا بىر قانچە خىل تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رايوندا كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرلىرىمۇ ئىلگىرىلەپ ھېس قىلىنىشقا باشلىدى. رايوندا چۆللىشىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ سۇ يېتىشمەسلىك، ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىلىشىنىڭ ئازىيىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ئەپ كېلىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا ياۋرو - ئاسىيا رايونىدىكى باشقا ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورناتقاندا مۇھىت مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن ۋە شۇنداقلا مەزكۇر يەرمەنكىنىڭ مانا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى ئورتاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى بىر سورۇنغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.
ھېلىن خانىمنىڭ نۇتۇقنىڭ تولۇق مەزمۇنى ب د ت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ تۋىتتىر تورىدىكى بېتىدە تولۇق نۇسخىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەرمەنكە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، بۇ نۇتۇقنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە بۇ نۆۋەت يەرمەنكىگە قاتناشقان دۆلەتلەر سانىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپلۈكى، يەرمەنكىگە كەلگەن چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى غايەت زور تەرەققىياتىدىن ھەيران قالغانلىقى، ياۋرو - ئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كەڭ خەۋەر قىلدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر يەرمەنكە ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان سىياسىي مەقسىتىگە دىققەت تارتماقتا. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى بۇ يەرمەنكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇش مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ياۋرو - ئاسىيا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە «جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ غەربىي رايون سەپىرى» پائالىيىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇھاكىمە مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن شۇنداقلا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ ئاسىيا ئېنېرگىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇھاكىمە مۇنبىرى، جۇڭگو شىنجاڭ ئوتتۇرا - شەرقىي ياۋروپا (ۋېنگىرىيە، لىتۋا، لاتۋىيە، پولشا) دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدىكەن. رۇسىيە چېگرا رايونى، ئىتالىيە تاشقى سودا كومىتېتى، ۋېيتنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، شياڭگاڭ سودا - تەرەققىيات ئىدارىسى، ئەرمىنىيە تەرەققىيات مەھكىمىسى قاتارلىقلارنىڭ مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈدىكەن.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى ھەر دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خەلقئارالىق قۇرۇلۇشلارنىڭ رەھبەر ۋە خادىملىرىغا ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىشى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
3 - نۆۋەتلىك يەرمەنكە باشلىنىش ئالدىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە چەتئەل ئىچى ۋە سىرتىدىن نۇرغۇن مۇخبىرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. يەرمەنكە ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يەرمەنكە ھەققىدە كۆپ خەۋەر ئېلان قىلىنمىدى. بۈگۈن جاكارتا پوچتىسى گېزىتى مەزكۇر يەرمەنكە ھەققىدە «ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىشنى مۇزاكىرە قىلدى» دەپ خەۋەر بەردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە مەسئۇل باشلىقلىرى ئۈرۈمچىدىكى ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى جەريانىدا بىر ئارىغا كېلىپ، ئىنتېرنېتتە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان مەزمۇنلارنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن. قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قىرىقبايېۋ ئارمان سۆز قىلىپ « ئىنتېرنېتتە ئېقىپ يۈرگەن تېررورلۇق، رادىكاللىق ۋە سېرىق مەزمۇنلارنى تازىلاش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېگەن. خىتاي ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى رەھبىرى سەيمىڭجۇ قىلغان سۆزىدە «خىتاي ۋە ياۋرۇ - ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆز - ئارا بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك» دېگەن. ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىدە ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش دېرىكتورى كېننېت روس تىۋىتتر تورىدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «ئىنتېرنېت چەكلىمىسى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بىر ئارىغا كېلىپ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. خىتاي بولسا بۇ دۆلەتلەرگە بۇ ئىشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ» دەپ يازغان.
0:00 / 0:00