ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋسترالىيە تارمىقى ئۇيغۇر دەۋاسىدا قانداق رول ئوينىيالايدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.12.11
awstraliye-uyghurakademiyesi.jpg ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى تۈرك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋسترالىيە تارمىقى رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2019-يىلى 8-دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

8-دېكابىر كۈنى ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى تۈرك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋسترالىيە تارمىقى رەسمىي قۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەزكۇر تارمىقىدا ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئالماقچى بولغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يوشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، سىدنېيدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئىلھامجان سابىت كۆپچىلىكنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋسترالىيە تارمىقىنىڭ رەئىسلىكىگە، شۆھرەت يۈسۈپ مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. مەزكۇر سايلامدا نەق مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە سەلىمە كەمال، پەرىزات غەيرەت، مەلىكىزات ئەخمەت، ئادەم ئىلھام ۋە دىليار بارات قاتارلىق 5 كىشىلىك دائىمىي باشقۇرۇش ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى.

مەركىزى تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇراسىمىغا د ئۇ ق باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىۋاتقان مەزگىلدە، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى مەسىلىسىدە تەنقىدىي پوزىتسىيەلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرغاندا مەزكۇر تارماقنىڭ قانداق رولى بولىدۇ؟ بۇنداق بىر ئورگان قانداق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟ مەزكۇر تارماق قانداق مەقسەت بىلەن قۇرۇلدى؟

ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھازىر قانداق؟ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قانداق بىر ۋەزىيەت مەۋجۇت؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كېلەچەكنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى نېمە؟ 8-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى مەزكۇر تارماقنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇنداقتا مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئاۋسترالىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەرمۇ؟ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇرگۈل ساۋۇت خانىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋسترالىيە تارمىقىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ياردەمچى كۈچ ئىكەنلىكىنى، دەۋا توغرىسىدا ئىلمىي دوكلاتلارنى تەييارلاش، دەۋا توغرىسىدا يېڭى پىكىر، يېڭى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتا زور رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاۋسترالىيە چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، دەۋادا مۇھىم دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيەدە 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى بار ئىكەن. مەزكۇر تارماقنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان د ئۇ ق باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى كۈندە يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيە تارمىقىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ياپونىيەدە مېدىتسىنا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ھازىر سىدنېيدا تۇرۇۋاتقان ئىلھامجان سابىت ئەپەندى رەئىسلىككە سايلانغان. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاۋسترالىيەدىكى زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ئىلىم-پەننى دەۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئايدا 9 ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئاكادېمىيە 2018-يىلى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئامېرىكا تارمىقى ۋە ياۋروپا تارمىقىنى قۇرۇپ چىققانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.