28- ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ،«ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم،تەكشۈرۈپ تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇچۇر ئالاقىسى نىسپەتەن ئەركىن بولغان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر دولقونى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن، بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ كۈن ئالمىقى تېخىمۇ تەسلەشكەن. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى»دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تەشۋىقات - تەربىيە ۋە نازارەت كۈچەيتىلگەن.
مۇشتىرىلىرىمىز يوللىغان ئىنكاسلاردا بايان قىلىنىشىچە، 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ئىشلەۋاتقان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، مەكتەپ دائىرىلىرى مەكتەپتىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت - پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئوقۇغۇچىلار يوللىغان ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇلارغا «ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىماسلىق»، «ئىلھام توختىنى ئىزدىمەسلىك»كە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي شەھەرلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربيىسى، ئاتىزم تەربىيىسى قاتارلىقلار كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدە مەكتەپ سىرتىغا رۇخسەتسىز چىقماسلىق، ئىنتېرنېت تورىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنغان خەۋەر - ماقالىلەرنى ئوقۇماسلىق، جەمئىيەتتىكى گۇمانلىق كىشىلەر بىلەن ئىزدەشمەسلىك ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلارنى يەنە كۆرۈشكەن دوستلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەققىدە مەكتەپ تەشكىلىگە ھەر ۋاقىت مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى ئىشلىگەن خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىگە تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.
مەسىلەن، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، شۇ خىل قىسمەتكە يولۇققان ناۋاي مەمەتتۇرسۇننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 28 - ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭ ناۋايخانىسىنى تاقىۋەتكەن. كېيىن ئۇ ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىدىنمۇ ھەيدەلگەن. ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندىن كېيىن، ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ شىكايەت قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا «پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشىغا يول يوقلۇقى» نى بىلدۈرۈشكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىياسى ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى،رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمىندىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەر، ئۆلكىلىرىدە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەكشۈرۈش، تەقىپ قىلىنىش ھەتتا تۇتقۇن قىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بارغانچە ئېغىرلىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھەر خىل باھانىلەردە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، تەقىپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر رايونىدىن نىسپەتەن ئەركىن بولغان ئىنتېرنېت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ،ھۆكۈمەت چەكلىگەن خەۋەر - ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ كۆزى ئېچىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.