ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم يېقىندا، «خىتاي ماتېرىياللىرى» تورىدا «ھەقىقىي ئۇيغۇر ئايال قەھرىمانلىرى قانداق بولۇشى كېرەك» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ماقالە ئاپتورى زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىسىنى يېزىشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يېقىندىن بۇيان خەلقئاراغا تارقىتىۋاتقان، مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ» دىنىي رادىكاللىق يولىغا مېڭىشتىن توسۇش «ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئىچىدىكى ئاياللارنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدا تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىلگىرىكى دىنىي رادىكاللىق ئىدىيە لىرىدىن ئازاد بولۇپ، مەلۇم تېخنىكا ماھارىتى جەھەتتە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ» دېگەن سەپسەتىنى تەنقىد قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قارشى ھەرىكەتتە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن روشەن ئابباس خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارادا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان «مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماشنى توختىتىش» تەلىپى ۋە ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتىدىكى «قايتا تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى دىنىي رادىكاللىق ئىدىيەسىدىن يىراقلاشتۇرۇش» دېيىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، زۇبەيرە خانىمنىڭ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەتۈر تەشۋىقاتىغا دەل جايىدا رەددىيە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىم ماقالىسىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇت، مالايسىيادىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ لاگېرغا قامالغان دوكتور ئاسپىرانتى گۈلگىنە تاشمۇھەممەت، پېنسىيەگە چىققان دوختۇر گۈلشەن ئابباس ۋە باشقىلارنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇقتا زەھەرلەنگەن» لىكى ئۈچۈن «تەربىيەلەش» ۋە ياكى «تېخنىكا جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش» كە ھېچ ئېھتىياجى يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت بويىچە تۇتقۇن قىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇۋاتقان سىياسىتىنى پەردازلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئەھۋالغا جىددىي قاراش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئاياللارنى يەنە لاگېرلاردىكى ئاتالمىش زاۋۇتلاردا «بىكارلىق ئىشچىلار» غا ئايلاندۇرۇش، ئاتا-ئانىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان نارەسىدە بالىلارنى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەنگە ئوخشاش ياتاقلىق مەكتەپلەردە قاماپ ئۇلارغا خىتاي مائارىپ-مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە قارىتا يوقىتىش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەسۋىرلەشتە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان «جاپاكەش» سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى رولىدىن باشقا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رولىغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ماقالىسىدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئايال قەھرىمانلار ئىچىدىكى سىمۋوللۇق ئوبرازلاردىن، 19-ئەسىردە مانجۇ ئىستىلاچىلىرى دەۋرىدە غۇلجىدا ئۆلتۈرۈلگەن قەشقەرلىك قوزغىلاڭچىلار ئەۋلادى نۇزۇگۇم، 1999-يىلى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدېرىغا ئايلانغان رابىيە قادىر خانىم ۋە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىن چىققان سەرخىللەرنى نەقىل ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ سىياسەت، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق ساھەلىرىدە ئەرلەرگە ئوخشاش ياكى ئاشۇرۇپ تۆھپە قوشۇپ، تارىخىنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك قىسمىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، شۇڭا ئۆز ماقالىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00