«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجابىي باھالىرىغا ئېرىشمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەقسىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن يېقىندا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ چاقىرىققا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆز-ئارا مەدەت-قوللاشتا بولۇۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىۋاتقان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنى قوللاش تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ بارماقتا. ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا ۋە قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆز خەلقىگە، ۋەتىنىگە ئىگە چىقىشى لازىملىقىنى ئىپادە قىلىشتى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئەل-ۋەتەننىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەن بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» توپىنىڭ پائالىيىتىنى ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرىدە خانىم «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» توپىنىڭ مەقسىتىنىڭ چەتئەللەردىكى خىتايدىن بىھۇدە ئۈمىدلەردە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «قاباھەتلىك ئۇيقۇلىرىدىن ئويغىتىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلنۇر قاسىموۋا خانىم بولسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىختىن بۇيان دۆلەت ۋە مىللەت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن زور ھەسسىلەر قوشۇپ كەلگەنلىكىنى، كۆپلىگەن قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىختا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى مىللىي ھەرىكەتلەردىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇكەررەم قۇربان خانىم سۆزىدە، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ ئاياللاردا ئۈمىد ۋە ھاياجان پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بالىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى بىلەن تەربىيەلەشتە ئەھمىيىتى زورلىغىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئامانگۈل خانىممۇ بۇ ھەرىكەتكە يۇغۇرى باھا بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر زۇلۇملارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە ئۇلاشتۇرۇشتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازىدىن پايدىلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» توپىغا قوشۇلۇش تەشەببۇسلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللار ئارىسىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلماقتىكەن. مەزكۇر توپ ئەھلى 15-مارت كۈنى نيۇ-يوركتىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىشنى تۇنجى ھەرىكەت پىلانى قىلغان بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى د ئۇ ق بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ئاساستا ئېلىپ بارىدىكەن.
0:00 / 0:00