ئۇيغۇر ئاياللىرى-ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېغىر قۇربانلىرىدۇر
2023.03.08

ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەرقانداق قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان باشقا ئاياللاردەكلا، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېغىر قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. گەرچە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قاچان ۋە قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە خەلقئارادا تېخى ئورتاق بىر يەكۈن ئوتتۇرىغا چىقمىغان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى غەربتىكى بىر قانچە دۆلەتلەردە ئېتىراپقا ئېرىشكەندىن باشقا، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دىنداشلىرىمۇ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى شەكسىز بىر ھەقىقەتتۇر.
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشى 2017-يىلىدىن كېيىن بۇيان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش نىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلغاندىن بۇيان ئەسلا يوقالغان ئەمەس. دەل شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ماۋ زېدوڭ، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىن بۈگۈنكى شى جىنپىڭ دەۋرىگىچە بولغان خىتاينىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات دەۋرىدە، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىش، نامراتلاشتۇرۇلۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق يوقىتىلىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاجىز قاتلىمى بولغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمۇ مانا بۇ ئۈچ دەۋرگە سوزۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىتىلىش قىسمەتلىرىدىكى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىغا ئايلاندى. ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھەقلىرىدىن ئايرىلىشى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى» بىلەن باشلانغان بولسا؛ نامراتلاشتۇرۇلۇش دەۋرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتى بىلەن يۈز بەرگەنىدى. ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى» دا ئۇيغۇر ئاياللىرى خۇددىي بۈگۈنكىدەكلا خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتىكى ئاساسلىق نىشانى قىلىنغانىدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلىرىدە ئائىلىسىدىن، يەر-زېمىنلىرىدىن، ئەرلىرىدىن، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىش، ياقا-يۇرتلارغا پالىنىش، چەت ئەللەرگە قېچىش، خانىۋەيران بولۇش قاتارلىق ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» دەۋرىدە بولسا، ئۇيغۇر ئاياللىرى نامراتلاشتۇرۇلۇش، ئىشسىزلاشتۇرۇلۇش، مائارىپسىزلاشتۇرۇلۈش، تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىنىش، تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق قۇربانلىق نىشانەغا ئايلاندى. «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ قوزغىلىشىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نامىدىكى چەكتىن ئاشقان زىيانكەشلىكلەر سەۋەب بولغان ئىدى. «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا بولسا «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي قۇل ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى سەۋەب بولغان ئىدى. ھەتتا شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى 2014-يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن «يەركەن قىرغىنچىلىقى» مۇ مەزكۇر قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرىنىڭ دېيىشىچە، رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنى دۇئا-تىلاۋەت يىغىلىشى قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ قارىلىپ، نەق مەيداندىن تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىسمەتلىرى «يەركەن قىرغىنچىلىقى» بىلەنلا ئاخىرلاشقان بولماستىن، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە زىيانكەشلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك نوقتىسى بولغان ئىرقىي قىرغىنىچلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
2015-يىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئىسىتاتىستىكىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاياللارنىڭ سانى 11 مىليۇن. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسىدىكى ئاياللارنىڭ سانى 7 مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، دېيىلگەن. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئالدى بىلەن «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» ۋە «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» شۇئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. شۇنداقلا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «نامراتلار» نى يوقىتىشتىكى ئاساسلىق باش نىشان قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پېرسەنتتىن كۆپرەك نوپۇسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەندىن بۇيانقى سىياسىي ھەرىكەتلەردە، ئۇيغۇر نوپۇسى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلىشىپ قالغان. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىمۇ بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونغا ئايلانغان.
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 7 مىليۇن دېھقان ئاياللار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر ئاياللىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش، تۇتقۇن قىلىنىش، قۇل ئىشچى قىلىنىش قاتارلىق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراش بىلەن تەڭ، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىش، خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي توي قىلىش، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، باسقۇنچىلىق قاتارلىق زىيانكەشلىكلەرگىمۇ ئۇچرىغان.
2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدىلا «مىليۇن ئايالنى تەربىيىلەش پىلانى» نى يولغا قويغان. مەزكۇر پىلاندا يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر يېزا ئاياللىرى بولسا «تەربىيىلەش» نىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغان. خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە 2015-يىلى سېنتەبىردە ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» دىن كۆچۈرۈپ تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2015-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە 837 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە ئاياللارنىڭ كەشتىچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلغان تەربىيىلەشتىلا 300 مىڭ ئايالنىڭ تەربىيەلىنىپ، ھەر يىل مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ياراتقانلىقى، نەچچە ئون مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا بۇ كەسپ بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىي ئاياللىرىمۇ ناتسىستلارنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، دەسلىپىدە ئۇلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى ناتسىستلار تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق تاشقىي دۇنيادىن يوشۇرۇپ قېلىنغانىدى. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى ئەنە شۇ يەھۇدىي ئاياللىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىي ئاياللىرىنىڭ پۇقرالىق ھەقلىرى ناتسىستلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك، كەسىپ، تەربىيەلىنىش، ئولتۇراقلىشىش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى چەكلىمىگە ئۇچرىغانىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئوخشاشلا خالىغان شەكىلدە ياشاش، خالىغان ئىشنى قىلىش، خالىغان ئادەمگە ئۆيلىنىش، خالىغان كېيىملەرنى كېيىش، خالىغان تىلدا سۆزلەش، خالىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش، خالىغان جايلارغا بېرىش، خالىغان چاغدا پەرزەنتلىك بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك ھەقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىپ، ئازاب-ئوقۇبەت تارتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئاياللارنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرنى تازىلاش» ۋە «نامراتلىقنى يوقىتىش» تىكى ئاساسلىق نىشان ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئەمەس.
ناتسىستلار يەھۇدىي ئاياللىرىنى ياقا-يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىپ، قۇل ئىشچىلىققا سالغان. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئوخشاشلا مەجبۇرىي ئەمگەككە، ياقا-يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىنىپ، قۇل ئىشچى بولۇشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان ئەڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەردىن بىرى بولغان باسقۇنچىلىق ۋە خىتاي ئەرلىرىگە ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلىنىش بولۇپ، بۇ ھادىسە خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىي ئاياللىرى ئۇچرىغان باسقۇنچىلىق، زوراۋانلىقلار بىلەن ماھىيەت جەھەتتە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئاخىرىقى مەقسىتى ئوخشاشلا بىر مىللەتنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان.
چەت ئەل پۇقراسى بولغانلىقى سەۋەبلىك ياكى ھەمراھى چەت ئەللىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن لاگېرلاردىن ئامان قېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلىرى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپات تۇرۇپتۇ. جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئانا مېھرىگۈل تۇرسۇن، لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۆزبېك لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىگە شاھىت بولغان زۇمرەت داۋۇت، لاگېر ھاياتىدا ئېغىر خورلانغاندا قازاقىستان پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن جىنسىي زوراۋانلىقلار تىلغا ئېلىنغان.
يىغىپ كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىرىنچى يوقىتىش ئوبيېكتى قىلغانلىقى، بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، قۇل ئىشچى قىلىش قاتارلىق ۋاستىلارنىلا ئەمەس، بەلكى لاگېرلار، تۈرمىلەرگە قاماش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان.
ئۇيغۇر ئاياللىرى گەرچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرى ئوخشاشلا زوراۋانلارغا باش ئەگمەس روھى، كۈچلۈك مىللىي ئىرادىسى بىلەن 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئاۋانگارتلاردۇر. خۇددىي يەھۇدىي ئاياللىرى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن بۈگۈنكى كۈچلۈك يەھۇدىيلارنى ياراتقىنىدەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ چوقۇم تارىختىكى سەلتەنەتلىك ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ، پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ!
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.