ئەسىر ھالقىغان ئىزتىراپ: ئۇيغۇر ئاياللىرى نىشان قىلىنغان قىلتاقلار

ستوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2023.09.19
Qeshqer-geziti-1946 قەشقەردە نەشر قىلىنغان «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1946-يىل، 2-سېنتەبىر سانى، مەنبە: شىۋېتسىيە ئىستانبۇل تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئارخىپى
RFA/Newbahar

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەرغىب قىلىنىۋاتقان، رىغبەتلەندۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى مەسىلىسى ۋە بۇنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن بىز ئۆتمۈشكە نەزەر سالايلى.

شىۋېتسىيە ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1946-يىلى، 2-سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا «غەربىي شىمال شىتابى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجۇڭ» ئىمزاسىدا «ئىسلام دىنىدىكىلەر بىلەن غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ نىكاھلانماسلىقى توغرىلىق ھۆكۈمەت بۇيرۇقى» ئېلان قىلىنغان. بۇ گېزىت 1950-يىللاردىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت ئورنىغا چىققاندىن كېيىن «قەشقەر گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن، كېيىنچە گېزىتنىڭ بۇرۇن نەشر قىلىنغان بارلىق سانلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر بۇيرۇق ھەققىدە ئىلگىرى «جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى» ۋە ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن بولغان يازغۇچى پولات قادىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىمۇ بۇ تېما توغرىسىدا بايانلار مەۋجۇت.

جاڭ جىجۇڭ-ئەينى ۋاقىتتا ئاتالمىش «تىنچلىق بىتىمى» دىن كېيىن، خىتاي گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى رەئىسى جاڭ كەيشى تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن كىشى ئىدى. تارىخچىلار جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە نىسپىي «يۇمشاق» سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. تەيۋەن ئارخىپلىرىدا ئاشكارىلانغان گومىنداڭ ھۆججەتلىرى ۋە باشقا تارىخىي بايانلارغا قارىغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى تۆت شوئارى» نىڭ بىرى ئىدى. جاڭ جىجۇڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا يەرلىك مىللەتلەرنى قاتناشتۇرۇش ۋە ئەركىن سايلامنى يولغا قويۇش، يەرلىكتىن ئېلىنىدىغان باجلارنى كېمەيتىش، خىتاي تىلى بىلەن يەرلىك تىلنى تەڭ قوللىنىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇش ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قىسىم سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدا چاقىرىق قىلغان.

 «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان خەۋەردە خىتاي ئوفىتسېرلىرى، ئەسكەرلىرى، مەمۇرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ مۇسۇلمان خانىم-قىزلار بىلەن تويلىشىشى ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەنئى قىلىنغانلىقى توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر بۇيرۇقتا يەنە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇنداقتا جاڭ جىجۇڭنىڭ يولغا قويغان «يۇمشاق» سىياسەتلىرى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، مىللىي باراۋەرلىكى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتكە ئىگە قىلغانمۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تارىخنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولغان بىر قىسىم شەخسىيلەرنىڭ ئەسلىمىلىرى، ئارخىپلار، مەتبۇئات ئەسەرلىرى ۋە تارىخچىلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. تارىخچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەھلىللىرىمۇ بىر-بىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تارىخچى ئاندرېيېۋ د. ۋ. فوربىس (Andrew D. W. Forbes) ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخى ھەققىدە يازغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاي مىلىتارىستلىرى ۋە مۇسۇلمانلار» ناملىق كىتابىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن جاڭ جىجۇڭنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار چارىلەرنى يولغا قويۇشى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدىكى داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بولغان بېقىندىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك باشقۇرۇش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى دەپ ئىزاھلايدۇ. مۇسۇلمانلار بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى چەكلەش مەسىلىسى ئۈستىدە، فوربېسنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، جاڭ جىجۇڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى رادىكال كۈچلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىش بىلەن بىرگە جەمئىيەتتە تار مىللەتچى كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزىگە قارشى چىقىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق كۈچلەرنى تىزگىنلەپ، ۋەزىيەتنى تىنچ ھالەتتە ساقلاش قالماقچى بولغان.

ئۇيغۇر تارىخچىسى نەبىجان تۇرسۇن «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 9-تومىدا، جاڭ جىجۇڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىگە تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىما بەرگەن: جاڭ جىجۇڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، يەنى ئىلى تەرەپكە يول قويۇش ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆپلەپ مەركەزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىرلىكىنى بىر مەزگىل ساقلاپ تۇرغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھېچقانداق مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بولمايدىغان، خىتاي ھاكىمىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن، ھەتتا ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىمۇ ئۆز چاڭگىلى ئاستىغا ئالىدىغان ۋەزىيەت ياراتماقچى بولغان. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان كەسكىن سىياسىي كۈرەشتە مەغلۇپ قىلىنغان. دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 9-تومىدا يەنە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھەربىي ۋە مەمۇرىيلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللىرىغا مەجبۇرىي ئۆيلىنىش ئەھۋاللىرى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بۇنداق قىلمىشنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ ئاخىرى جاڭ جىجوڭ قاتارلىقلارنى بۇنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر بۇيرۇقنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى.

ھازىر دۇنيادا چەكلىك ساندا ساقلىنىپ قالغان يەنە بىر تارىخىي مەنبە-قەشقەردە نەشر قىلىنغان «ئاڭ گېزىتى» دە، ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنىشىنىڭ چەكلىنىش سىياسىتى ھەققىدە خەلقنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بايان قىلىنغان بىر پارچە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق يىغىنچاقلانغان: «بۇ سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا مەسىلە مەۋجۇت. ئەسلى مەسىلە نېمە ئۈچۈن ياتلار مۇسۇلمان قىز-ئاياللىرىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئىمكانىيەت تاپالىدى؟ قىز-ئاياللارمۇ غەيرىي دىندىكىلەر بىلەن نىكاھلاندى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بىرىنچىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ئىككىنچىدىن تەربىيەدىن مەھرۇملۇق. ئامالسىز ھالدا خىتايلارغا ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرسەك، ھەممىسىنىڭلا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن زارلانغانلىقىنى كۆرىمىز. يەنە بىرى، ئوقۇپ بىلىم ئالغانلارنىڭ ئىچىدە خىتايلارغا ياتلىق بولغانلار يوق دېيەرلىك. شۇڭا مۇشۇ ئىككى سەۋەب ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ئار-نومۇسىنى يوقىتىپ ياتلارنىڭ بىزنى ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللاردۇر. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئىجتىمائىي تەرەپتىن ھەل قىلىشقا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كۈچ چىقىرىشى لازىم.»

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيەگە ئېرىشىشىنى ياكى ئۇلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى خالىمايتتى. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن خۇددى كۆندۈرۈلگەن ئاتتەك خىزمەت قىلىشىنى، ھەر زامان ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.

لېكىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، جاڭ جىجۇڭ يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان خىتايلار بىلەن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ نىكاھلىنىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە دەرھال چاپان ئالماشتۇرۇپ خىتايلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تويلىشىشى تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى بوي سۇندۇرۇشى ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى جەريانىدا، ياۋلارغا باش ئەگمەستىن ئۆزىنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە شان-شۆھرىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن. خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ھەققىدىكى ئىستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2004-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولغان. ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا 2014-يىللىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مالىيە، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرىنىڭ مەزمۇنىغا خىتايلار بىلەن تويلىشىش شەرتىنى كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، مەجبۇر قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇيغۇر ئەرلىرىنى لاگېرغا سولاش، قوشماق تۇغقان سىياسىتى، ياش قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىتاي ئەر كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك تۈمەن چارە ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلارغا ياتلىق بولۇپ، خىتاي ئەرلەر بىلەن ئائىلە قۇرۇش قىلتىقىغا چۈشۈرمەكچى بولدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوبرازى شەرەنداز ۋە جەلپكار، ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر قىلىپ يارىتىلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوبرازى ئارىلاپ زاۋۇت-كارخانىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ھالەتتىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەمما خىتاي ئاياللىرىنىڭ ئەزەلدىن بۇ خىل قىياپەتلەردە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ھەتتا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىۋاتقان مۇراسىملىرى، خىتاي ئەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەلسە ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلالايدىغانلىقىغا ئائىت تەشۋىقات فىلىملىرى ۋە باشقىلارمۇ كۆپەيگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا مەدەنىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەرەققىيات يولىغا باشلىدۇق دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بوي سۇندۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇ خىل مەدەنىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ۋە پەرزەنت يېتىشتۈرۈشتىكى يادرو بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئانىلارنىڭ «مىللەتنىڭ ئانىلىرى» دەپ تەرىپلىنىشى بىكارغا ئەمەس. كەلگۈسىدە ئانا بولغۇچى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى خىتايلار بىلەن تويلاشقاندا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئېتنىك ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغان بولىدۇ.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، يېقىنقى بىر ئەسىرلىك تارىخىي ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى شالغۇتلاشتۇرۇش، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىدىن توختاپ قالغىنى يوق. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش مەسىلىسى سىياسىي تاجاۋۇز ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىنمۇ بىر قاتار ھاقارەت خاراكتېرلىك زەربىلەرگە ئۇچراشتەك ئازابلىق قىسمەتلەردىن دېرەك بېرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھەتتا سىياسىي ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل بولۇپ قالماقتا.

ئۇيغۇر ئاياللىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىس ۋە قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. مۈشكۈلاتلار ۋە ئىزتىراپلار ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئېغىر ھالسىراتماقتا.

***

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.