مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بالىلار
2020.12.28
ئۇيغۇردىكى تۇتقۇن سەرخىللارغا كېسىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك ئىدى، ئەمما تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پەرزەنتلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ۋە بۇلارنى ئاخباراتلارغا يەتكۈزۈش ھەقىقەتەن تەس بولۇۋاتىدۇ. تۈزۈپ يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۆلىمالار، زىيالىلار ۋە بايلار تىزىملىكى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىمەكچى بولغان ئاخباراتچىلار تۇتقۇنلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شاھىتلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئىزدەش زۆرۈر ئىدى، ئەمما مەيدانغا چىققان يوق. ئىزدىنىشلەر جەريانىدا ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئابباس مۇنىياز تۈركقان، كېرىمجان سۇلايمان قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ؛ يۈسۈپجان ئابىدىن داموللام، ئابدۇسەمەت ساۋۇت داموللام، مەرھۇم ئابلىمىت داموللام قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ، بولۇپمۇ تۇتۇلغان بايلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاساسەن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ سىماسى بۈگۈنگە قەدەر نە نامايىش مەيدانىدا، نە داۋا سورۇنىدا ئايان بولغان يوق.
پەرزەنتلىرى چەت ئەللەردە سۈكۈتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش مېنى جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار، دۇچ كەلگەن غەلىتە جاۋاپلار ۋە سوغۇق مۇئامىلىلەر ھەقىقەتەن ئويلاندۇردى.
كۆزىتىشىمچە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلار، تۇتقۇن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە مەيدانغا چىقىپ سۈرۈشتە قىلمايۋاتقانلار كۆپىنچە ئائىلىسىدىكى بىرەركىشى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلار ئىكەن. ئۇلار شۇ ئالاقىنىڭمۇ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقىدىكەن. ئالاقە جەريانىدا تېلېفوندىن كېلىۋاتقان ئالاقزادىلىك، قارشى تەرەپ ئىشلەتكەن ئىشرەتلىك سۆز-جۈملىلەر، ۋەتەندە تۇرۇشلۇق تەرەپنىڭ تەشۋىشلىك تاپىلاشلىرى، سۆزلەردىن تەپچىرەپ تۇرغان قورقۇنچ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلارنى تېخىمۇ بىسرەمجان قىلىپ ئىچىگە قورقۇنچ سالىدىكەن.
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ھەققىدە تارقىتىلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئازابلىق بولغاچقا ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى كېسىلمىگەن پەرزەنتلەر ئۇنداق خەۋەرلەردىن ئۆزىنى تارتىپ خىتاينىڭ خەۋەر قاناللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق تەسەللىي تاپىدىكەن. شۇنداقلا ۋەزىيەتنىڭ يۇمشاپ، ئالاقىنىڭ راۋانلىشىپ ۋەتەنگە بارىدىغان يولنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىدىكەن.
كۆزىتىشىمچە، سەرخىللارنىڭ باشقا ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ۋەتەن بىلەن ئالاقە قاناللىرى كۆپرەك بولىدىكەن. ئۇلار شۇ ئالاقە تورى ئارقىلىق نوپۇزلۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھامان بىر چارە قىلىدىغانلىقىغا، ئاتا-ئانىسىنى قەدرىلىگەن ھاكىمىيەتنىڭ ھامان ئىنساپقا كېلىدىغانلىقىغا، زالىمنىڭ ئورنىغا مۆتىدىلرەك بىرى كەلگەن ھامان ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇنقى دەۋىرگە قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئالاقىنىڭ راۋانلىقى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەسەللىي بېرىدىغان، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىدلەندۈرىدىغان ئامىللارغا ئايلانغان ئىكەن.
ئۇيغۇر سەرخىللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قورقىتىۋاتقان يەنە بىر ئامىل خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى رەقەملىك تۈرمىسى. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرى ئارقىلىق ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىق قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىكى تېلېفونغا ئۆزى خالاپ قاچىلىغان ئەپنىڭ بوينىغا سالغان بويۇنتۇرۇق، قولىغا سېلىنغان ئىشكەل، پۇتىغا سالغان كىشەندەك سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، قورقىدۇ، ئەمما قۇتۇلۇشنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ ئالاقە ئۇلارنى بىر كۈنى ئىنسابىغا كېلىپ ئۆزىگە قۇچاق ئاچىدىغان بېيجىڭدىكى ھاكىمىيەتكە باغلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پەقەت قارشىلىق قىلمىسىلا، نارازىلىق بىلدۈرمىسىلا ۋەزىيەت ياخشىلانغاندا قارشى ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ ئۇلار پەقەت كۈندىلىك ھاياتىدا ئىنقىلاپچىلار، دەۋاچىلار ۋە ئۆكتىچىلەر بىلەن پىكىرداش، ھەمنەپەس ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرسىلا بىر كۈنى ئالقىشلىنىدىغانلىقىنى، كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى، كەڭچىلىللىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى تاما قىلىدۇ.
تەكشۈرۈش جەريانىدا مەن سەرخىللارنىڭ پەرزەنتلىرىلا ئەمەس، مەن زىيارەت قىلغان كۆپىنچە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق ھەققدىكى ئۆگۈتلەر بىلەن تەربىيەلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
سەرخىللارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇزالمايۋاتقان سۈكۈتنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە گەۋدىلىك بولغان ھەقتە تۇرۇش، ھەقىقەتنى قوغداشتىن، ھۆرلۈككە ئىنتىلىشتىن قورقۇش مەسىلىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىم.
شەرق مىللەتلىرى ۋە غەرب مىللەتلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسلۇبىدىكى پەرقلەر ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئارىدا نۇرغۇن پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. غەربتىكى مىللەتلەردە پەرزەنتنى كىچىك چېغىدا نەسىھەتلەش، يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇش كۈچلۈك بولىدىكەن، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇلار ئازلاپ ماڭىدىكەن. بۇنى بىر پىرامىدا شەكلىدە چۈشەندۈرۈپتۇ. پىرامىدانىڭ چوققىسى 18 ياش بولۇپ، بارلىق نەسىھەتلەش، يېتەكلەشلەر ۋە باشقۇرۇشلار كىچىك ياشتا كۈچلۈك بولۇپ بۇ ياشتا ئاياقلاشقان بولىدىكەن. ھالبۇكى، شەرقتىكى مىللەتلەردە بۇ ئەھۋال ئەكسىچە ئىكەن. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەر كىچىك چېغىدا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ ۋە مەلۇماتلاندۇرۇپ كەتمەيدىكەن، بالىلار چوڭايغانچە ئۇلارغا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن. چۈنكى ئۇلاردا ياش چوڭايغانچە غەمنىڭمۇ چوڭىيىپ ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدىكەن. شۇڭا ئۇلار باشقۇرۇش، يېتەكلەش ۋە نەسىھەتلەشنى بارغانچە كۈچەيتىپ ماڭىدىكەن. يۇقىرىقى پىرامىدا ئۇلاردا دۈم كۆمتۈرۈلگەن ھالەتتە بولىدىكەن. ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلەرگە بولغان مەسئۇللۇقى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىپ، 18 ياشقا كىرگەندە ئەڭ يۇقۇرى چەككە يېتىدىكەن.
ئەلۋەتتە، بۇ تەتقىقات نورمال ھاياتتا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ئۈستىدىن خۇلاسىلەنگەن. ئۇيغۇرمۇ بىر شەرق مىللىتى بولغاچقا بەزى جەھەتتىن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغىمۇ ماس كېلىپ قالىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بىز بۇ يەردە «ئەگەز شۇ مىللەت پۈتۈنلەي تۇتقۇنلۇققا ئۇچرىسا» دېگەن موھىم بىر شارائىتنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر شۇ مىللەت ھايات-ماماتلىق تەقدرىگە دۇچ كەلگەندىچۇ؟ بىر قانچە يۈز ياكى بىر قانچە تۈمەن ئاتا-ئانا ئەمەس، بىر قانچە مىليۇن ئاتا-ئانا تۇتۇلغاندا تۇتقۇننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ شۇ قاماقتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تاپىلىغانلىرىغا ئەگەشكەن پەرزەنتلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مەنچە، بۇ بىر يېڭى تەتقىقات تېمىسى بولۇشى كېرەك. چۈنكى دۇنيا تارىخىدا تېخى مۇنداق بىر ئىش بولۇپ باقمىغان. يەھۇدىلار دۇچ كەلگەن تۇتقۇن ئائىلە بويىچە ئىدى.
ھەر قانداق مىللەتتىكى ھەر قانداق قىممەت قاراش، ئەنئەنە ۋە چۈشەنچىلەر مەلۇم دەۋىرلەر جەريانىدا شەكىللەنگەن. ئۇيغۇردا نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشى، پەرزەنتلەرنىڭ بويسۇنىشى تەبىئىي قوبۇل قىلىنغان. ئەمما ئۇيغۇلار تارىختىكى ھېچ بىر ئەسىردە بۈگۈنكىدەك مىللەت بويىچە تۇتقۇن قىلىنمىغان، ئىرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمىگەن. ئەگەر مۇشۇ ھالەتتىمۇ يەنە بۇرۇنقى ئەنئەنىلەرگە رىئايە قىلىنسا، پەرزەنتلەردە مۇستەقىل قارار قىلىش ئادىتى يېتىلمەيدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن يەكۈننىڭ ئىلمىيلىكىگە ئىشىمىز.
ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە قارىساق، ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزىدىن چىقماسلىق، ئەجدات ئىزىدىن مېڭىش دېگەندەك قىممەتلىك ئەنئەنىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. ئەمما ئۇيغۇر ھايات-ماماتلىق پەيتلەردە ياشاۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ئەنئەنىنىڭ كەمتۈك تەرىپى ئاشكارىلانغاندەك قىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىلەر ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپتە قالغاندا، ھەر بىر ئىنساننىڭ قىسمىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغاندا، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە تاجاۋۇز قىلىنغاندا، يەنە قىممىتىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟ ئەگەر شۇ بىز گېپىنى ئاڭلاپ كۆنگەن ئاتا قاماقققا كىرىپ قالسا يەنە گېپىنى ئاڭلايمىزمۇ؟ بىز سۆزىدىن چىقماسلىققا ئۆگىتىلگەن ئانا ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچىرىغان بولسىچۇ؟ بىز ئىزىنى بېسىشقا ئۆگىتىلگەن ئەجداتلارنىڭ ئىزى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولسىچۇ؟
ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپ قاماقتىكى مەھكۇم دادىسىدىن، تۇتقۇن ئانىسىدىن ئىجازەت سوراۋاتقان، ھۆر موھىتتا چىقىرىدىغان قارارنى تۈرمىسىمان موھىتتا تۇرۇۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرىۋاتقان بالىلار مەسئۇلىيەتچانلىقتىن ئەمەس، مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم. شۇڭا ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىغا ئىگە بولمايدىغان، قېرىنداشلارغا كۆيۈنمەيدىغان، زۇلۇمغا بىپەرۋا قىلىپ تەسۋىلەش ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. مەنچە، مۇھاجىرەتتە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشاۋاتقان مىڭلىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ جاسارىتى يوق ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان لاگېر ۋە قاماقلاردىن چىقىۋاتقان ئۆلۈم يېتىملەردىن، شاھىتلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرىدىن، مۇسىبەتلىك خەۋەرلەردىن پۈتۈنلەي بىخەۋەرمۇ ئەمەس. ئەمما ئاتا-ئانىنىڭ گېپىدىن چىقماسلىق، بوۋىلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق، چوڭلارنى نارازى قىلماسلىق قاتارلىق ئەنئەنەۋىي ئەخلاقلار ئۇلارنى چۈشەپ قويۇۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم ئۇلاردىكى زۇلۇمغا قارشى جاسارەت ئاتا-ئانىلاردىن ۋەتەندىكى چاغلىرىدا ئالغان، چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ تېلېفوندا تەكىتلەنگەن نەسىھەت، تەربىيە ۋە باشقۇرۇشلارنىڭ پىرامىداسىنىڭ ئاستىدا يەنچىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.