خىتاي قانداق قىلىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەردىن ئىبارەت «ئالتۇن قوزۇق» تىن ئايرىپ تاشلىدى؟
2022.04.29
ئۇيغۇرلاردا «يەر-ئالتۇن قوزۇق» دەيدىغان ھېكمەتلىك ماقال-تەمسىل بار. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان يەردىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن قوزۇق» قا مەھكەم ئېسىلىپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قاقاس چۆللەرنى بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرغان، ئۇزاق ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ئۇلىغان، ئۆزىگە خاس بوستانلىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، يېقىنقى چارەك ئەسىردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەردىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن قوزۇق» تىن ئارىۋېتىشكە، تۇپراق بىلەن بولغان رىشتىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە، ئولتۇراق يەر-جايلىرىغا بولغان تارىخىي-ئەنئەنىۋىي ھەقدارلىق تۇيغۇسىنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «دېھقانچىلىق، يېزا-ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» نامىدىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. قارىماققا بۇ سىياسەتلەر دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يۈرگۈزۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىش ۋە ئۇلارنى يەرسىز ياللانما ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى دېھقانلار تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتىغا توسالغۇ پەيدا قىلىش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىنكى خىتايدا يولغا قويۇلغان «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» دەۋرىدە پەيدا بولغان نامراتلىقىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ۋاستىلىق ھالدا توسۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى يەر-زېمىنلارنى تارتىۋېلىش ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە كونترول قىلىشتىن باشلىغان. خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىي رايونلاردىكى نوپۇسى ۋە يەر-زېمىنلىرى بىڭتۇەننىڭ زوراۋانلىقلىرى ئارقىلىق جىددىي شەكىلدە ئازىيىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا مەركەزلىشىپ قېلىشىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق، پىلانلىق يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي سۈيىقەستلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2016-يىلى نەشر قىلغان «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى: مىللەت قاتلىمى ۋە يۆتكىلىش مېتودى» ناملىق دوكلاتتا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 79 پىرسەنتىنىڭ يېزىلاردا ياشايدىغانلىقى ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى كۆرۈنمەس تام» ناملىق ماقالىسىدىمۇ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاھالىسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب» ىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت 1 ئوبلاست ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 83.7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، يەنى جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت 1 ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 74.01 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
يوقۇرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، دېھقانلار نوپۇسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق غول قىسمى ھېسابلىنىدۇ. 2021-يىلى 4-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلات» تا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر، بايىغولىن، تۇرپان، قومۇل، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى تېرىلغۇ يەر كۆلۈمى 34 مىليۇن 7354 مو بولۇپ، بۇ سان پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 44.17 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دېمەك، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا يېقىن قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئەگەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەر-زېمىنلارنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالسا، بىڭتۇەن ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان تېرىلغۇ يەرلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قالغان يېرىمىنى تولۇق تارتىۋالغان بولىدۇ.
«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ، خىتاينىڭ «ئىسلاھات» ۋە «ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان مەزگىللەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى مەبلەغ ۋە سىياسەت بىلەن قوللاش، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پىلانلىق شەكىلدە نامراتلىقتا قالدۇرۇش، يەنى ئۇلارنى سۇ، يەر بايلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا مەھكۇم قىلىش، سىياسەت جەھەتتىن بوغۇش، مىللىي مائارىپقا مەبلەغ سالماسلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلماسلىقتەك بىر قاتار «ئىچكىي تەدبىر» لەر ئارقىلىق، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك دېھقانلارنى ئېغىر دەرىجىدىكى نامراتلىق پاتقىقىغا ئىتتەرگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايونغا ئايلاندۇرغان. تېخىمۇ كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ۋاستىلىق نامراتلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا تېخىمۇ ئېغىر نامراتلىققا دۇچار قىلىش، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئاخرىقى بىر غېرىچ تېرىلغۇ يەرنىمۇ تارتىپ ئېلىپ، ئۇلارنى قىپ-يالىڭاچ يوقسۇلغا ئايلاندۇرۇش، ئاندىن ئۇلارنى خىتاي خوجايىنلارغا ياللىنىپ ئىشلەشتىن باشقا چىقىش يولى قويماسلىق-مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالسىرىتىپ يوقىتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىچ يۈزىدۇر. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1996-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش»، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق سىياسەتلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تارتىپ ئېلىش، ئۇلارنى قاق سەنەم قىلىپ قويۇش، ئەمگەك كۈچىنى سېتىشتىن باشقا چىقىش يولى قويماسلىقتەك ئىستراتېگىيەنى خېلى بالدۇرلا پىلانلىغان ئىدى.
مەلۇمكى، خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتى يولغا قويۇلغان 1996-يىلى ئالدى بىلەن «دۆلەت مەمۇرلىرىنىۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى» يولغا قويۇلغان. 1997-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانى (1997-2010)» ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تارتىپ ئېلىشتا قانۇنىي ئاساس يارىتىلغان. «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتىدە، مەمۇرىي قاتلاملىرىدىن ئۇيغۇر مەمۇرلىرى بىر-بىرلەپ سىقىپ چىقىرىلىپ، ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرى سەپلەنگەن بولسا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولغان كۆچمەن خىتايلار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى يوقۇرىقى يەر ئىشلىتىش پىلانى نامىدا تارتىپ ئېلىشقا باشلىغان. كۆچمەن خىتاي مەمۇرلىرى يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىڭتۇەن بىلەن ھەمكارلىشىپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى تاشلاندۇق كوپېراتىپلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنى يېڭىدىن قۇرۇشنى باشلىۋەتكەن. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بولسا دېھقانچىلىق كەسپىنى تاشلاپ، خىتاي كارىخانىلىرىدا قۇل ئىشچى بولۇشقا مەجبۇرلىغان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانى (1997-2010)» دا، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ كەمچىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش، بولۇپمۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىملىرى نوقتىلىق ئېچىش رايونلىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. 2020-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مالىيە ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۆمەك جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار كېيىنچە بۇ رايونلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، يېزا-ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش مەسىلىلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش كۆلىمى 2020-يىلى بىر يىل ئىچىدە 2 مىليۇن 2024 موغا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ 2019-يىلىدىكىدىن 8.25 پىرسەنت ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىشتا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ئالدىدىكى يىللاردا خىتاي يولغا قويغان ئاتالمىش كوپېراتىپ تۈزۈمى قايتا يولغا قويۇلغان. يەنى دېھقانلار مەجبۇرىي يوسۇندا يېزا-ئىگىلىك كەسپىي كوپېراتىپلىرىغا تىزىملىتىلىپ، تېرىلغۇ يەرلىرى كوپېراتىپقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خىتاينىڭ نەنجىڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ K يېزىسى (قايسى يېزا ئىكەنلىكى نامەلۇم) دىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن. دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن «دېھقان + كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى + كوپېراتىپ» شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى كوپېراتىپلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋاستىچىلىق رولىنى ئوينىغان. دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇش مەسىلىسىدە 2013-يىلىدىن ئاۋۋال دېھقانلارنى يەر قايتۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ، 2014-يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەت ۋاستىسى بىلەن مەجبۇرلانغان.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، 2013-يىلى جاڭ چۈنشيەننىڭ مەركەزگە بەرگەن «شىنجاڭ خىزمىتى دوكلاتى» دىن كېيىن، «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» (·Ã» ݾÛ) نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن خىتاي مەمۇرلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا كوپېراتىپ قۇرۇش، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەردىن ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سالغۇچى چاقىرىش، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارىخانىلار بىلەن كوپېراتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت، كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە تورى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلار ھۆكۈمەتننڭ مەجبۇرلىشى ۋە بېسىمى ئاستىدا كەسپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. «نەنكەي دوكلاتى» دا بۇ تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلارنىڭ «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا قۇل ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇلۇش ئۇسۇلى ھەققىدە نۇرغۇن بايانلار بار. مەسىلەن، «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 12 ۋىلايەت ئوبلاستلارنى بۆلۈشىۋالغان خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە شەھەر، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە دېھقانچىلىق كوپېراتىپلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغى ئارقىلىق ئېرىشكەن. ئاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى بۇ جايلارغا يۆتكەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئېتىبار سىياسەت» لەر ئارقىلىق كارخانىلىرىنى كېڭەيتكەن. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بولسا «كوپېراتىپ + ھۆكۈمەت + كارخانا» ھەمكارلىقى شەكلىدە كەسپىي ئېھتىياجىغا ماس ھالدا پىلانلىق ۋە زاكاس بىلەن كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، كارىخانىلارغا توپ ۋە پارچە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. يەنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردا نەپكە ئېرىشىۋاتقانلار يەنىلا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەن خىتايلار، ھۆكۈمەت كارىخانىلىرى، بىڭتۇەن ۋە كۆچمەن خىتايلاردۇر، خالاس.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.