ئۇيغۇر داۋاسىدا ئىزباسار كىملەر

0:00 / 0:00

كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئىچىدە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئاساس ئورۇندا تۇتىدىغانلىقى مەلۇم.

گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا يېشى ئەڭ كىچىك رەھبەر 35 ياش بولۇپ كۆپىنچەيلەن 1960-يىللاردا تۇغۇلغانلار ئىكەن. تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىكى رەھبەرلەر ئاساسەن 1960-يىللار ۋە 1970-يىللاردا تۇغۇلغانلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. دۇنيادا ئەزا سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان بۇ ئىككى تەشكىلاتتىكى ياشلارنىڭ ئازلىقى مەسىلىسى ئىككىلا تەشكىلاتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

2009-يىلدىن 2012-يىلغىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مەزگىلدە مەخسۇس ياشلار خىزمىتىنى تۇتقان، ھازىر د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىدا مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سەمەت ئابلا ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر داۋاسىدا ياشلارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن.

سەمەت ئابلا ئەپەندى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىغا نىسبەتلەشتۈرگەندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى بىر بوشلۇق دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭچە، بۇ بوشلۇق سان جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر داۋاسىدا غەربتە ئوقۇپ يېتىشكەنلەرنىڭ ئازلىقىدەك سۈپەت جەھەتتىنمۇ تولۇقلاشقا موھتاج ئىكەن.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى داۋا سېپىدە ياشلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ يىغىنلاردا بۇ ھەقتە توختالغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ سەفاكۆي شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى سابىرجان رەشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى غەييۇر قۇربان ئەپەندى داۋا ئىشلىرىدا ياشلارنىڭ كەملىكى ۋە بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتقان چارىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرىنى ئورتاقلاشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر داۋاسىغا ياراملىق ياشلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، گەرچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە 2018-يىلغىچە 14 قېتىملىق ياشلارنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلغان بولسىمۇ، كۇرسانتلار ئىچىدىن داۋادا ئاكتىپ رول ئالغانلار يېتەرلىك بولمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ 1996-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنى قۇرغان چاغلارنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى ياشلارنىڭ شۇنداق بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىرقى ئەۋزەللىكلەر ۋە ئۆزىنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1985-يىلدىكى «12-دېكابىر ياشلار ھەرىكىتى» گە قاتناشقانلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتچىلىرىگە ئايلانغان. 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر دەۋاگەرلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. ھالبۇكى، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» سەۋەبلىك چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ياشلارنىڭ سانى يۇقىرىقىلارغا سېلىشتۇرغاندا پەۋقۇلئاددە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدا كۆزگە كۆرۈنمەسلىكى دىققەتكە سازاۋەر بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.

2013-يىلدىن باشلاپ قاچاق يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يەتتە مىڭدىن ئون مىڭغىچە تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاساسلىق سالماقنى ياشلار تەشكىل قىلىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر ئېلى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ياشلاردىن قان تولۇقلىشى تارىختىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى ياراتقان بولۇپ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن داۋانىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان ئەجەللىك ۋەزىپە ئىكەن.