ئۇيغۇر پائالىيەتچى، جامائەت ئەربابى ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنىڭ ھاياتى قانداق بىر ھايات ئىدى؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر پائالىيەتچى، جامائەت ئەربابى ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى ماتەمگە چۆمدۈردى. ئۇنىڭ 98 يىللىق ھاياتى قانداق بىر ھايات ئىدى؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى زادى قانچىلىك؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇزۇن يىلدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنى ياخشى تونۇيدىغان ئەخمەت مۆمىن ئەپەندى، مەرھۇمنىڭ 98 يىللىق ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاتالغان ئۆمۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى، تەتقىقاتچى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ھۈسەيىن قارى ئىسلامى، 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيە، پاكىستان، مىسىرغا ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتلەرگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان تالەبە ساندۇقى يەنى ئوقۇغۇچىلار ساندۇقىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى. ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ئىسلام دۇنياسىدا، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. مەزكۇر دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇ، دۆلەتلەردىكى سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلاتتى.

مەرھۇم ھۈسەيىن قارى ئىسلامى 1994-يىلى ئىستانبۇلنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى، ھازىرقى رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. 1992-يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ كۈرەش تەجرىبىلىرىنى ئاڭلاتقان. يەنە ھەر قانداق سورۇندا ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنى ئاڭلىتاتتى. بۇلارنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندا ئۆيىدە زىيارەت قىلغانلىقىنى، دەۋا توغرىسىدا مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنىڭ ۋاپاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.