ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرى: «ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆز ۋەتىنىدىلا شادىمان بولالايدۇ!»
2016.12.26
چەتئەللەرگە سوزۇلغان ئۇزۇن يىللىق ھىجرەت سەپىرى مۇئەييەن ساندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىنى ھاسىل قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ توپتىكى سەركىلىك رولىنى ئويناۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە بىر-بىرلەپ ئالەمدىن ئۆتۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بۇندىن كېيىنكى سىياسىي داۋا ۋە مىللىي كىملىك مەسىلىسىگە ئائىت بىر قاتار سوئاللارنى تاشلىماقتا. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئەنىۋەرجان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ كەلگۈسى يول خەرىتىسىنى قانداق سىزىش شۇنداقلا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەييار قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سان جەھەتتە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرى ئىچىدە تەدرىجىي شەكىللىنىشكە باشلىغان بىر گەۋدىلىشىش يۈزلىنىشى شۇ توپلۇقلار ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇۋاتقان شەخسلەرنىڭ ھەرخىل كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاپات بولۇشى بىلەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر توپلۇقلىرىدا شۇ توپلارنى بىر ئومۇمىي نىشانغا قاراپ يېتەكلەپ مېڭىۋاتقان مويسىپىتلارنىڭ ئازىيىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرۇش مەسىلىسى يېقىن كەلگۈسىدە بىز زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
2009 - يىلىدىكى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەللەرگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچمەن بولۇشى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى توپلۇقىدا ياشلارنىڭ سالمىقى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىشقا باشلىدى.
دەرۋەقە ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرى قاتارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى قاتارىدا سانالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ياشلار توپىدا مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ مېڭىۋاتقانلىقىمۇ كىشىلەرنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. بۇ خىل زىددىيەتلىك ھادىسىگە قارىتا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن ئەنىۋەرجان ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان قېرىنداش مىللەتلەردىن گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر توپلۇقى ھاسىل قىلىشتا ئەڭ زور دەرىجىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى ھايات تەجرىبىلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرى بەزى كۆچمەنلەر توپىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولىدىغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇتلەق خاراپلىق ھالىتىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىشىش شارائىتىغا ئىگە ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجەمبەردى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى، بۇنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىلەردىن بىرى قاتارىدا قولغا ئېلىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەنىۋەرجاننىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىدىن ھېس قىلىشىچە، چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما بۇ خىل خالىس ياردەملەرنى ئاخىرقى نىشان قىلىۋېلىشنىڭ ئورنىغا چەتئەللەردىكى ھايات قايناملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونۇپ يېتىشى ھەمدە بۇنى بايقىشى تېخىمۇ زور مەنىۋى بايلىق ھېسابلىنىدىكەن.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان مۇساپىرلار توپلۇقلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىشىدە پىداكارلىق ۋە قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىشتىن باشقا يول يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ئەنىۋەرجان ئەپەندى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرىنىڭمۇ مۇشۇ ئومۇمىي يېتەكچى ئىدىيەنى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن خەلقئارا ۋەزىيەتنى ھەرقاچان دىققەتتىن ساقىت قىلماسلىقنى تەكىتلىگەن قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئاتمىش يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاخىرقى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىدا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشنىڭ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.