ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتامدۇ؟
2018.05.24

دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر يېقىن شەرق ۋەزىيىتى بىلەن بىر قاتاردا مەركىزىي ئاسىيادىمۇ شۇنداق بىر جىددىي ھالەتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرا قويماقتا. ئۇلار بۇنى قوشنا ئافغانىستاندىكى ئەھۋال بىلەن باغلاشتۇرۇپ، بۇ خەۋپنىڭ بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان ئارقىلىق كىرىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.
«رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» دا ئېلان قىلىنغان «شويگۇ: ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت تېررورچىلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە ئۆتۈپ كېتىش خەۋپىگە ئېلىپ كېلىدۇ» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئافغانىستاندىكى تېررورچىلارنىڭ قوشنا ئەللەرگە كىرىپ كېتىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، بۇ پىكىرىنى ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇسالام ئەزىزوف بىلەن ئۇچراشقان پەيتىدە ئېيتقان. ئۇ، سۈرىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ ئافغانىستانغا ئورۇنلىشىپ، ئەمدى مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئاساسىي جەھەتتىن ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، مىنىستىرلار ئۆزبېكىستان ھەربىي قوراللىق كۈچلىرى ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش ھەم بۇ ساھەدە ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى قارىغان.
«سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە بېرىلگەن ۋلادىمىر مۇخىننىڭ «ئا ق ش ۋە خىتاي رۇسىيەنى ئۆزبېك قوراللىرى بازىرىدىن سىقىپ چىقارماقتا» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان 2016-يىلى ھەربىي-تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ساھەسىدە كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، بۇ يۆنىلىشتە ئېنىق بىر ئىشلار قىلىنمىغان. شاۋكەت مىرزىيويېفنىڭ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشى بىلەن ئىككى تەرەپ قورال سېتىۋېلىش ھەم رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزبېكىستاندا قورال ئىشلەپ چىقىش ئىشلىرىغا تەييارلىق كۆرمەكچى. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان قانداقلا مەملىكەتتىن بولمىسۇن، قورالنى بىكارغا ياكى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشقا تەييار ئىكەن. ۋلادىمىر مۇخىن ئا ق ش ۋە خىتاينىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قورال سېتىش ئارقىلىق ھەر قايسىنىڭ ئۆزبېكىستاننى ئۆزىگە تارتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«رۇسسكايا ۋېسنا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يان ئوستروئۇموفنىڭ «ئاسىيادا قىرغىنچىلىق باشلىنىدۇ: ئىسلام مەملىكىتىنىڭ 5000 لەشكىرى ئۆزبېكىستاندا» دەپ ئاتالغان ماقالىسىدە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇجاپار ئابدۇۋاھىتوفنىڭ 3-مايدا ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىسىگە يازغان خېتى ھەققىدە ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستاننىڭ بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن چېگرىداش بولغان بالخ ئۆلكىسىدە سۈرىيەدىن كەلگەن «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ساندىكى قوراللىق ئەسكەرلىرى توپلىنىپ، ئۆزبېكىستانغا خەۋپ تۇغدۇرماقتىكەن.
لېكىن ئىسلام مەملىكىتىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا تۇغدۇرۇۋاتقان خەۋپى ئا ق ش تەرىپىدىن يوققا چىقىرىلىپ، بۇ رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتى، دەپ قارالماقتا. بۇ ھەقتە«يېڭىلىقلار» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «پېنتاگون: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام مەملىكىتى-رۇسىيە تەشۋىقاتى» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلغان.
پېنتاگوننىڭ ئاخبارات خىزمىتى ۋەكىلى كۆن فولكنېر مەزكۇر ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبىتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە ئا ق ش نىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىسلام مەملىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ پوپوزىلارنى ئويلاپ چىقارماقتا. رۇسىيە ئا ق ش ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا شېرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا پۇتاق چىقىرىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئاماللارنى ئىزدەپ تېپىۋاتىدۇ. ئىسلام مەملىكىتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا تېررىتورىيەسىنى بېسىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرى توغرىلىق ئاساسسىز بىلدۈرۈشلەر تەشۋىقاتتىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس». ماقالىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئورۇنباسارىنىڭ تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە قىلغان بىلدۈرۈشىمۇ كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستاندا ئىسلام مەملىكىتىنىڭ 4 مىڭدىن 10 مىڭغىچە ئەسكىرى توپلانغان بولۇپ، ئۇلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ قانۇنىي ھۆكۈمەتلىرىنى غۇلىتىپ، مەركىزىي ئاسىيا ۋە رۇسىيە يەرلىرىنى بېسىۋېلىشنى ھەم «شىمالىي خوراسان» دۆلىتىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتىكەن.
ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ مەركىزىي ئاسىياغا خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتامدۇ؟ بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ خىتاي بۇ مەسىلىدە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ؟
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، ئافغانىستاندا تالىپلار ۋە «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى بىرىككەن ھالدا، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىگە، شۇنداقلا قوشنا چېگرىداش دۆلەتلەرگە، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا چوڭ تەھدىت سېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، ‹ئىسلام دۆلىتى› نىڭ قانداقتۇر بىر چوڭ خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى مەن كۆرمەيۋاتىمەن. ھەتتا ‹ئىسلام دۆلىتى› تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان پۇقرالىرى مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ تەسىر چوڭ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىرىكىپ ھەرىكەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرمىسا بولمايدۇ. بارلىق مەسىلىلەر مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما، ئەپسۇسكى، مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتىمەن.»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى، بىرىنچىدىن، تالىپلار، ئىككىنچىدىن، سۈرىيەدىن كېلىۋاتقان «ئىسلام دۆلىتى» ئەزالىرى تەرىپىدىن كەسكىنلەشتۈرۈلمەكتىكئەن.
ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئافغانىستان تەرەپتىن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە خەۋپ تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئاتالمىش ‹ئىسلام دۆلىتى› ئېلىپ بارغان ئۇرۇشقا مىڭلىغان پىدائىيلىرى قاتناشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پاكىستانغا، ئافغانىستانغا كەلسە، بەزىلىرى قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، قازاقىستان ئونلىغان شۇنداق قايتىپ كەلگەنلەرنى تۇتۇپ، تۈرمىلەرگە تاشلاۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ بۇ يەردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتنى جانلاندۇرۇشى مۇمكىن دېگەن پىكىر بار.»
ئۇ رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، بېلارۇسىيە ۋە ئەرمېنىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ھەر قانداق سىرتقى تەھدىتلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قەھرىمان غوجامبەردى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭەش كاتىپلىرىنىڭ يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىلىمىزكى، بېيجىڭ بۇ كۈرەش ئاستىدا ئۇتتۇر ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.‹ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش›،‹ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش›، ‹دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش› دېگەن مەنىنى كىرگۈزۈپ، ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ ئويدۇرما سىياسىتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تېڭىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خىتاي نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ خىتاي پاكىستان ۋە ئافغانىستان رەھبەرلىرى بىلەن نەچچە قېتىم ئۇچرىشىپ، بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلارنى ھەم پاكىستاندا، ھەم ئافغانىستاندا تۇتۇپ، خىتاينىڭ مەخسۇس ئورگانلىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. مەقسەت - ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرنىڭ ئۇيغۇرىستانغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇ تەرەپتىن خىتاي ناھايىتى قاتتىق ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر ئۇ يەردە چېكىدىن ئاشقان تەقىبلەش. تەخمىنەن سىڭىپ كىرىدىغان تېررىتورىيە بۇ ئافغانىستان ھەم پاكىستان. خىتاي شۇلار بىلەن بىرلىشىپ، قاتتىق كونترولغا ئېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرىستانغا ھېچ قانداق تەسىرى يوق.»
قەھرىمان غوجامبەردى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ بىر تەرىپى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.