ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا رۇس ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا باشلىنىپ، كېيىنچە فىرانسىيە، ئەنگلىيە ، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن باشلانغان، كۈنىمىزدە خىتاي ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن داۋاملىشىۋاتقان پىلانلىق ياكى پىلانسىز قېزىش نەتىجىسىدە تېپىلغان مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋە قوليازمىلارنىڭ سانى ھەم تۈرىنى ئېنىق ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ قەدىمىي بايلىقلارنىڭ بىر قىسمى ياقا يۇرتلاردا ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ قۇربانى بولغان بولسا، بىر قىسمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي تەرەپتىن چوڭ ۋەيرانچىلىق ۋە سۇيىئىستېمال قىلىشلارغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر تىلدىكى قوليازمىلار، تارىشا پۈتۈكلەرنىڭ ھازىر قانداق قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى كىشىدە ئەندىشە قوزغايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 7 يىلدىن بېرى يولغا قويۇۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى نىشان قىلغان «دۆلەت ئورتاق تىل ۋە يېزىقىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش» چاقىرىقى ھەمدە خىتاي تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە يېزىقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىق ۋە چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان تارىشا پۈتۈك، تام يازمىلىرى ۋە قول يازمىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى خاتىرىلەنگەن ۋە خەلقىمىز ئانچە بىلىپ بولالمىغان بىر يېزىق تۈرك-رۇنىك يېزىقىدۇر. ھەيۋەتلىك تاشلارغا ئويۇلغان ۋە ئەسىرلەر بويى «سىرلىق بەلگىلەر» دەپ قارالغان تۈرك-رۇنىك يېزىقى ئەڭ دەسلەپ سىبىرىيە يايلاقلىرىدا تونۇلدى؛ 1893-يىلى دانىيەلىك ۋىلھېلم تومسۇن (Wilhelm Thomson) تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ، رادلوف تەرىپىدىن ھازىرقى زامان تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ بەلگىلەرنىڭ سىرى ئايدىڭلىشىپ، ئۇنىڭ ئەسلىدە تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تارىخى مەنبەلىرى ئىكەنلىكى، تۈركلەرنىڭ كۈچلۈك ۋە مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

تۈرك-رۇنىك يېزىقى دېگىنىمىزدە،كۆپ قىسىم ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئېسىگە ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە يايلاقلىرىدىكى ئورخۇن -سېلىنگا دەريالىرى ئەتراپىدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر ئىمپېراتورلۇقلىرى دەۋرىدىن قالغان تاش پۈتۈكلەر كېلىدۇ. بۇ ئىككى دەريا نامى بىلەن ئاتالغان تاش پۈتۈكلەردىن باشقا، سىبىرىيەنىڭ شەرقىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە سوزۇلغان كەڭ زېمىندا يەنە نەچچە يۈزلىگەن چوڭ-كىچىك ياغاچ تاش پۈتۈكلەر ۋە قىيا تاشلارغا، ئۆي جابدۇقلىرىغا، زىننەت بۇيۇملىرىغا ئويۇلغان يازمىلارنىڭ بارلىقى ۋە داۋاملىق بايقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2012-يىلى، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان چاڭئەندىن تېپىلغان پەقەت 19 يېشىدا سىرلىق بىر سەۋەب بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر شاھزادىسى كۇلى چۇر تېگىننىڭ قەبرە تېشىغا ئويۇلغان قىسقا مۇسىبەتنامەمۇ مانا مۇشۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن. قاتتىق جىسىملارغا ئويۇلغان يازمىلاردىن باشقا دۇنخۇاڭ تاش كېمىرلىكلىرىدىن تېپىلىپ ئاۋرېل ستېيىن (Aurel Stein) تەرىپىدىن ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن «ئىرق بىتىگ» مانا مۇشۇ يېزىقتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسىدۇر.
ئەگەر ۋىلھېلم تامسون تۈرك-رۇنىك يېزىقىنىڭ سىرىنى يەشمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ يېزىقى ۋە تىلى داۋاملىق سىر بولۇپ قېلىۋېرەمتى؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا تارىختا قوللىنىلغان يېزىقلار ئىچىدە تۈرك-رۇنىك يېزىقىغا ئالاھىدە چەكلىمە قويغان ۋە ھەتتا بۇ يېزىقنىڭ تارىختا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقىنى يوشۇرۇپ كەلگەن؟
تۈركىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ پىروفېسسور ئوسمان فىكرى سەرتكايا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ۋىلھېلىم تامسون 1893-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ھەرپ سىستېمىسىنىڭ سىرىنى يەشمىگەن، 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى دانىيە پادىشاھلىق ئاكادېمىيەسىدە بەرگەن دوكلاتى ئارقىلىق بۇ بايقىشىنى ئىلىم ئالىمىگە بىلدۈرمىگەن بولسا ئىدى، بۇ ئابىدىلەرنىڭ ھەرپ سىستېمىسى تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان قوش ئېلىپبەلىك تېكىستلەر ياردىمى بىلەن يېشىلەتتى».
ھەقىقەتەن تۇرپاندىن تېپىلغان قوليازمىلار ئارىسىدا قەغەزگە يېزىلغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئارىسىدا ئۈچ پارچە كەمتۈك ئېلىپبە پارچىسى بايقالغان. بۇلاردىن ئىككىسى گېرمانىيەلىك مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيەچى ئالبېرت فون لېكوك (Albert von Le Coq) تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، كۈنىمىزدە بېرلىندا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئېلىپبەلەرنىڭ دەسلەپكىسىدە بىر قىسىم تۈرك-رۇنىك يېزىقى ھەرپلىرى ۋە ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوقۇلۇشى ئورۇن ئالغان. ئىككىنچى پارچىسىدا بولسا، تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى 19 ھەرپنىڭ مانى يېزىقىدىكى ئوقۇلۇشىغا ئورۇن بېرىلگەن. بۇ ئىككى قوش يېزىقلىق ئېلىپبەنىڭ بايقىلىشى تۈرك-رۇنىك يېزىقى ھەرپلىرىنىڭ تەرتىپى ۋە ئايرىم تەلەپپۇزى جەھەتتە شۇ ۋاقىتقىچە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان پەرقلىق قاراشلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر پارچە كەمتۈك قوليازما ياپونىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى ئوتانى كوزۇي (Otani Kozui) تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، كۈنىمىزدە ريۇكوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان ئېلىپبە پارچىسى بولۇپ، بۇنىڭدا تەرتىپى بىلەن يېزىلغان 16 ھەرپ بار.
دېمەك، تۈرك-رۇنىك يېزىقىنىڭ سىرىنى ۋىلھېلم تامسون ئالدى بىلەن ئاچمىغان بولسا ئىدى، بۇ سىرنى ئۇيغۇرلار ئۆز ئاچقۇچى بىلەن ئاچقان بولاتتى.
تۇرپاندىن تېپىلغان ۋە ھازىر بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى 34 پارچە كەمتۈك قوليازما پارچىلىرىدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيەدە 13 پارچە، ياپونىيەدە 3 پارچە شۇنداقلا رۇسىيە ۋە فىرانسىيەدە بۇ يېزىقتىكى قوليازمىلاردىن بىر پارچىدىن بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 1914-يىلى ئاۋرېل ستېيىن تەرىپىدىن مىراندا بايقىلىپ ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن قوليازمىلار تۇرپاندىن تېپىلغانلارغا قارىغاندا پۈتۈنرەك ھۆججەتلەردۇر. بۇ قوليازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى كونىراپ ئۇپراپ كەتكەن پارچىلار بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇرپاندىن تېپىلغان قوليازمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ قوليازمىلارنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى ئۇيغۇرلار مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، يەنى مىلادىيە 762-يىلىدىن باشلانغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ قوليازمىلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەسلىكىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ تارىخىي دەلىللەر دەل خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان، «ئۇيغۇرلار 840-يىلى ئورخۇن ۋادىسىدىن ھازىرقى ۋەتىنىگە كۆچۈپ كەلگەن» دېگەن سەپسەتىنى رەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئەسكىرىي كۈچى ئەڭ قۇدرەت تاپقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى تارىخىي پاكىتلاردىن شۇنى بىلىمىزكى، بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىنى باج تۆلىگىلى سالغان. 840-يىلىدىن بۇرۇنمۇ ئورخۇن ۋادىسى بىلەن تۇرپان، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى ئايرىم دۆلەتلەر بولماستىن بەلكى ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولغان. دېمەك، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر دىيارى ئورخۇن-يېنسەي ۋادىسىدىن پامىر تېغىنىڭ غەربىگىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا قەغەزگە يېزىلغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى بۇ قىممەتلىك قوليازمىلاردىن باشقا يەنە، يېقىنقى يىللاردىمۇ بىر قىسىم يېڭى تاش پۈتۈك ۋە تامغا ئويۇلغان يازمىلار بايقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۇچانىڭ قۇمتۇرا مىڭ ئۆي تېمىغا يېزىلغان قىسقا ئۇچۇر، جىمىساردىن بايقالغان تاش پۈتۈك ۋە خوتەندىن تېپىلغان كىچىك تارىشا پۈتۈك قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا يەنە تۇرپان يارغول تاش كېمىرلىكلىرى تاملىرىغا ئويۇلغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ناھايىتى كۆپ يازمىلارنىڭ بارلىقى خېلىدىن بېرى مەلۇم. شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، بىلمىگەن كىشىگە ئادەتتىكى بىر سىزىقتەك بىلىنىدىغان بۇ يېزىقتا يېزىلغان ۋە ئويۇلغان نۇرغۇن يازمىلارنىڭ بۇ يېزىقنى تونۇمايدىغان ۋە ئۆزلۈكىدىن ئارخېئولوگ بولۇۋالغان خۇاڭ ۋېنبىگە ئوخشاش كىشىلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. بۇ يېزىقتىكى يازمىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تارقىلىش دائىرىسى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان بولسا، يەنە نۇرغۇن قول يازمىلارنىڭ ۋە پۈتۈكلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. چۈنكى ئەنە شۇ تارىخىي ئىزلاردىن تاكى كۈنىمىزگىچە داۋاملىق يېڭى ئاسارە-ئەتىقە ۋە ھەر خىل تىل يېزىقتىكى قوليازمىلار تېپىلىۋاتىدۇ.
1982-يىلىدىن باشلاپ 2017-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ھەتتا ئالى مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە تۈرك-رۇنىك يېزىقى يېزىلغان ئورخۇن يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەغەزگە پۈتۈلگەن ئىرق بىتىگ قاتارلىق ئەسەرلەر ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى، شۇنداقلا تېكىست پارچىلىرىنى ئوقۇش مۇمكىن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزىدىن بايقالغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى قوليازمىلار ياكى تارىشا پۈتۈكلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمەي كەلدى. بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى يوشۇرۇنغان، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئورخۇن-يېنسەي ۋادىسىدىن ھازىرقى تارىم ۋادىسىغىچە سوزۇلغان بىپايان زېمىن ئەمەس، بەلكى ئايرىم دۆلەت، ئايرىم ماكان ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۆچمەن خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش.
ئەمەلىيەتتە رېئاللىق خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقاننىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پامىر ئېتەكلىرىدىن ئورخۇن يېنسەي ۋادىسىغىچە كەڭ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس كىملىك ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سانسىزلىغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ۋە يازما دەلىللەرنى ئىنكار قىلىشتا ئامالسىز قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە چەكلىمە قويۇپ، ئۇلارنى خىتاي تىلى ۋە مائارىپى ئىچىدە ئېرىپ كېتىشكە مەجبۇرلىماقتا، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنى ئۆزى تونۇمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشتەك رەزىل مەقسىتىنى تېزرەك ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان قوليازما ۋە پۈتۈكلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارا نىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.