ۋاڭ جيەنشىن نېمە ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىندى؟

0:00 / 0:00

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋاڭ جيەنشىن ئىسىملىك بىر خىتاي ئەمەلدارىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن.

ۋاڭ جيەنشىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تۇيۇقسىز يۆتكەپ كېلىنىشى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا زور دىققەت قوزغىدى. ئەمما ئۇنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر قاراشلار تېخى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. ئۇ ھالدا ۋاڭ جيەنشىن زادى كىم؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن؟

خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ۋاڭ جيەنشىنگە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن قارىغىنىمىزدا، خۇنەنلىك ۋاڭ جيەنشىن 1970-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياش ئەمەلدارلار قاتلىمىغا مەنسۇپ بىر شەخس. ۋاڭ جيەنشىن 1997-يىلى خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «خەلق تورى» دا خىزمەتكە چۈشكەن. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپلا تىبەت رايونىغا يۆتكىلىپ، 4يىل مۇخبىرلىق قىلغان. ئارقىدىن « خەلق تورى» نىڭ بېيجىڭدىكى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى، ئاندىن چوڭچىڭدىكى تارمىقىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ باش مۇھەررىلىك ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتىگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئاۋۋال، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ۋاڭ جيەنشىن.

ۋاڭ جيەنشىن بولسا، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان خىتاينىڭ 20-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنىڭ يېشىمى(解读) نى يازغان خىتاي سىياسەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ «20-قۇرۇلتاي دوكلاتى» ھەققىدە يازغان يېشىم، بۇ ھەقتە يېزىلغان يېشىملار ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. بەلكى بۇ سەۋەب، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

ۋاڭ جيەنشىن 2022-يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات ھەققىدە تەپسىلىي يېشىم بەرگەنىدى. ئۇنىڭ يېشىمى ئاساسلىقى، مەزكۇر دوكلاتتىكى «پارتىيەنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش» تېمىسىغا مەركەزلەشكەن. ئۇ مەزكۇر دوكلاتقا بولغان قاراشلىرىنى مۇنداق تۆت نۇقتىدىن شەرھلىگەن.

1) شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مەركىزىي كومىتېتى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى يادرولۇق ئورنىنى تىكلەش ۋە شى جىنپىڭنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىش

ۋاڭ جيەنشىننىڭ بۇ نوقتىدىكى يېشىمىدا، ئاتالمىش خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم دۆلىتى قۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ ئورنى تىكلەش ۋە ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان.

شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش» تىن ئىبارەت «تۆتنى ئومۇملاشتۇرۇش» نى ئاتالمىش«شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» دەپ بېكىتكەن. شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ماۋزېدوڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شاۋپىڭ ئىدىيەسى بىلەن تەڭ قاتاردا قويۇش تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغان.

بىزگە مەلۇم، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاي دۆلىتىدىكى چوڭ سىياسىي بۇرۇلۇشلار ماۋ دەۋرى، دېڭ دەۋرى ۋە بۈگۈنكى شى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن قارىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ دەۋر دەرۋەقە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات – ماماتى ۋە بۈگۈنكى قىسمەتلىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ سىياسىي بۇرۇلۇشلارغا تولغان يىللار دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى، ماۋ دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە مەنسۇپ بولغان بىڭتۇەننىڭ نەزەربەندىگە پۈتۈنلەي ئېلىنغان دەۋردۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بولغان ئاپتونومىيەنى «نامدا بار، ئەمەلدە يوق» ھالەتكە ئېلىپ كەلگەنىدى.

ئاتالمىش ئىسلاھات دەۋرىدە بولسا، ئۇيغۇرلار«شارائىتى بولغانلارنى ئالدىن بېيىغىلى قويۇش» تىن ئىبارەت دېڭ شاۋپىڭنىڭ يول – يورۇقى ئاستىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، ئوخشاشلا بىڭتۇەن ئارقىلىق ۋاسىتىلىك نامراتلاشتۇرۇلغانىدى.

شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار، خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلققە ئايلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقنى يوقىتىش» سىياسىتىنىڭ باش نىشانىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى «نامراتلىقنى يوقىتىش» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن ماھىيىتى ئېچىپ تاشلاندى.

2) خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ كۈرەش ئىدىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى پۈتكۈل ساھەگە كېڭەيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ھەممە ئىشلارنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش

ۋاڭ جيەنشىنىڭ بۇ يېشىمى بويىچە قارىغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئومۇملاشتۇرۇلمىغانمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، خىتايدىن پەرقلىق تارىخىي، تىلى ۋە مەدەنىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغانلىقى، ئۇلار ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلىشىغا ئاساس قىلىنغانىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلاردىن بولغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقى سەۋەبلىك توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغلىرى، ھېيت - بايراملىرىدا ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىناتتى. ئەمما ۋاڭ جيەنشىننىڭ يېشىمىدىن قارىغاندا، ئەمدى بۇ ئەھۋاللارغا ئومۇميۈزلۈك خاتىمە بېرىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، پارتىيە ئەزالىرى باش بولۇپ، كونا قائىدە-يوسۇنلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ مېيىتىنى كۆيدۈرۈشتە باشلامچى بولۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، يەرلىككە قويۇش ئادەتلىرى بولغان مىللەتلەرنىڭ پارتىيە ئەزالىرى مېيىت كۆيدۈرۈشتە باشلامچى بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھادىسىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم – يېتىم ئادەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش نامىدا سىناق باسقۇچقا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلى بولسا خىتايدىكى ئۆلۈم – يېتىم ئىسلاھاتىدىكى بىرى بولغانلىقى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك دەلىلىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا توي – تۆكۈنلەردە نىكاھ ئوقۇماسلىق، پارتىيە ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشى، خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇملاشتۇرۇش.....لار ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان ئىشلار ئىدى.

3) پارتىيە ئىستىلىنى قاتتىق تۈزەش

ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش»، «شىنجاڭغا ياردەم»..... قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى» كەڭ كۆلۈمدە ئېلىپ بېرىلغان. مىسالغا ئالىدىغان بولساق، «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكەتتە، ئۇيغۇر خەلقى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە زورلانغان «ئىستىل تۈزىتىش» ھەرىكەتلىرىنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ھەرىكەت داۋامىدا ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تىن چەك – چېگراسىنى مۇتلەق ئايرىپ، مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر- بىرىگە دۈشمەن بولغان ئىككى سىنىپقا ئايرىلغان.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىكى» ۋە «تېررورلۇق» تىن باشقا 75تۈرلۈك ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن چەك قويغان . ييۇقىرىقى چەكلىمىلەرنىڭ ئىچىدە تويدا نىكاھ ئوقۇش، ئۆلۈم پەتىسىگە بېرىش، بىسمىللاھ دېيىش، دىن ئۆگىنىش......قاتارلىق مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ ئاددىي قائىدىلىرىمۇ «ئۈچ خىل كۈچ»بىلەن كاتىگورىيەلەشتۈرۈلگەن. دېمەك، ئاتالمىش «ئىستىلنى قاتتىق تۈزەش»تە يۇقارقى ئۆلچەملەر دەل ۋاڭ جيەنشىن ئاتلىق ئۇيغۇر ئېلىغا يېڭى كەلداخۇننىڭ يېشىمى.

4) چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە چوقۇم غەلىبە قىلىش. يەنى قاتتىق بېسىمنى ساقلاپ، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشەلمەسلىك ۋە چىرىكلىشىشنى خالىماسلىقتىن ئىبارەت 3كە كاپالەتلىك قىلىش

چېرىكلىك بولسا خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن تاكى بۈگۈنگىچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئىچىدىكى چېرىكلىك يوقىتىلىش ئەمەس، بەلكى بۈگۈن تارىختىكى ئەڭ ئەسەبىيلەشكەن بىر دەۋرگە ئۇلاشتى.

ئەمما ۋاڭ جيەنشىننىڭ بۇ نۇقتىدا «چېرىكلىك بولسا ئەڭ چوڭ زىيانلىق ئۆسمە» دەپ سۈپەتلىشىدىكى سەۋەبنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكى ئېنىق. يەنى، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەردىن ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى نۇر بەكرىدىن تارتىپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار«چېرىكلىك» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان، قاماققا تاشلانغان ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانىدى. دەرۋەقە، شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشى» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئاستا – ئاستا سىقىپ چىقىرىشى ئۆتكەن ئون يىلدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ۋە نورماللىققا ئايلانغان.

ۋاڭ جيەنشىن بولسا، ئاتالمىش «چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش» تا چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش، «يولۋاسنى ئۇرۇپ، چىۋىننى ئۆلتۈرۈش» نى چېرىكلىكنى يوقىتىشنىڭ ئاساسى دەپ يېشىم بەرگەن.

ئۇ ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۆز ئادىمى بولۇشقا سالاھىيىتى مەڭگۈ توشمايدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟ دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىدە «ئۈچ خىل كۈچلەر يىلتىزىدىن يوقىتىلىپ، بىخەتەرلىك 99پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن» دىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇر كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ياتلار» مۇقەررەر يوسۇندا خىتاي كومپارتىيەسى زەربە بېرىدىغان «يولۋاس» ياكى يوقىتىدىغان «چىۋىن- پاشىلار» غا ئايلىنىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، ۋاڭ جيەنشىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ۋەزىپىگە قويۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، شى جىنپىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى «تەشۋىقات ئارقىلىق بۇرمىلاش» ۋە «پارتىيە رەھبەرلىكىدە قانۇن ئارقىلىق داۋام قىلىش» نى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.