ھاۋا بۇلغىنىشى نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتكە ئايلانغان بولۇپ، ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتە قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھەر يىلى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن دۇنيا بويىچە يەتتە مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.
نۆۋەتتە شەھەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى مەسىلىسى 21-ئەسىردە دۇنيا مىقياسىدا سىياسىي تەسىر قوزغاۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى تور سەھىپىلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن، بۇلغىنىش مەسىلىسى ئېغىر بولغان دۆلەتلەر ۋە بۇلغىنىش سەۋەبلىرى سۇ يۈزىگە چىقىشقا باشلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، دۇنيادىكى ھاۋا بۇلغىنىش ئېغىر بولغان ئالدىنقى قاتاردىكى 50 شەھەرنىڭ ئىچىدە قىرىق توققۇزى خىتاي، پاكىستان، ھىندىستان ۋە بېنگال قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى شەھەرلەر ئىكەن. «ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى» تورىنىڭ 2023-يىلى 7-ئايدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىش ئېغىر بولغان 10 شەھەرنىڭ ئۈچى ئۇيغۇر رايونىدا بولۇپ، بۇلار خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەن شەھىرى 2022-يىلى خىتاي بويىچە «ئەڭ بۇلغانغان شەھەر» دېگەن نامنى ئالغان.
يەنە مەزكۇر ئورگاننىڭ 2020-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خوتەن شەھىرى 2020-يىلى «دۇنيا بويىچە بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر شەھەر» دەپ بېكىتىلگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى دۆلەت، رايون ۋە شەھەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئۆزىگە تۈپ نىشان قىلغان ھالدا خىزمەت قىلىدۇ. خوتەن شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، خوتەننىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ئاللىبۇرۇن ئۆلچەمدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. ھاۋا تەركىبىدە بۇلغىغۇچى زەررىچىلەرنىڭ مىقدارى زور بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن قان ئارقىلىق ئىچكى ئەزالارغا ئۆتۈپ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى. يەنە كېلىپ خوتەننىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ئىزچىل ھالدا ئۆرلەپ ماڭماقتا.

ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى دۇنيا ئەھلىنى بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن پەقەتلا ئۇيغۇر رايونىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە بۇلغىنىش ئېغىر بولۇۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قاماللار تۈپەيلىدىن بۇ رايوندىكى مۇھىت بۇلغىنىشقا ئائىت ھەقىقىي ئۇچۇرلار ۋە توغرا سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر خىزمەت بولۇپ كەلمەكتە. ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى (CSIS) نىڭ 2008-يىلى 6-ئايدىكى بىر دوكلاتىدا، خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. مەزكۇر ئورگان يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سەزگۈر مەلۇماتلارنى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئېلان قىلمايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ئىچىدە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەيلى ھاۋا بۇلغىنىشى بولسۇن ياكى سۇ بۇلغىنىشى بولسۇن، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان سىياسىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. «گرىنپىس» (Greenpeace) تورىدا 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلىتى تەۋەلىكىدە مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر بولغان شەھەرلەردىن بېيجىڭ، تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى كۆرسەتكۈچى 2016-يىلىدىن باشلاپ 23 پىرسەنت ياخشىلانغان، ئەكسىچە خوتەن، قەشقەر شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى كۆرسەتكۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 99 پىرسەنت ۋە 49 پىرسەنت ناچارلاشقان. ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشى ھەمدە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا شىددەت بىلەن كۆچۈپ كېلىش مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» نى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىشنى تېزلىتىشى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» نامىدىكى توك قۇرۇلۇشى، «كۆمۈر كۆيدۈرۈش ئارقىلىق پاكىز ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش» قۇرۇلۇشى ھەمدە خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش خاراكتېردىكى ئىشلەپچىقىرىش بازا قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرى دېگەنلەر بۇ خىل بۇلغىنىشنى غايەت زور دەرىجىدە تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
كەلگۈسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش تەشكىلاتى (RTF) دىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەننىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن جايلىشى، قۇم-بوران كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدە ھاۋا شارائىتى ھاۋادىكى بۇلغانمىلارنى كۆپەيتىپ، ئاتموسفېرا سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» شوئارى ئاستىدا بۇ رايوندا قۇرغان ئېغىر سانائەت كارخانىلىرى ۋە زاۋۇتلىرىدىن چىققان كېرەكسىز ماددىلار ھاۋا تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىپ، رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.
«خىتايدىكى مۇھىت ۋە ساغلاملىق تەتقىقات تۈرى» ناملىق دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى نورمىدىن ئارتۇق پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ يەكۈنلەنگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىشچىلارنى خىزمەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زور مىقداردا پاختا ئېتىزلىرى بەرپا قىلىش زۆرۈر بولغان. نەتىجىدە تۇپراق تەركىبىدىكى شور مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تاشلاندۇق تۇپراقلارنى نېيتراللاشتۇرۇش ئۈچۈن تارىم ۋادىسىدىكى دەريا-ئۆستەڭلەردىكى سۇلارنى باشلاشقا توغرا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ مىقدارى ۋە سۈپىتى تۆۋەنلەپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.
ئەسىرلەردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى ناچار كىلىماتقا قارشى كۈرەش قىلىپ، بوستانلىق بەرپا قىلىپ يۇرت-ماكانلىرىنى قوغداپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس يەرلىك بىلىم، قىممەت قارىشى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ئىگە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. مەسىلەن سۇنى ئاسراش، دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش ۋە تۇپراقنى مۇقەددەس بىلىش ھەققىدە خەلق ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۆرپ-ئادەت ۋە پەرھىزلەر شەكىللەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ خىل مىللىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش، ئىگىلەش قىلمىشى تەبىئىي مۇۋازىنەتنى بۇزۇش ۋە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئاقىۋەتكە سەۋەب بولغان. بۇ خىل ئەھۋالنى مۇستەملىكىچىلىك نەزەرىيەسى كۆزنىكىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، خۇددى تەتقىقاتچى نىيۇكى ناسانېل ۋېيىن (Njoki Nathani Wane) تەكىتلىگىنىدەك «مۇستەملىكە قىلىش دېگەنلىك مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارنىڭ بىلىمى، مەدەنىيەت ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى تۆۋەن كۆرۈشتىن ئىبارەت» دېگەن سۆزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق ئاتوم سىناقلىرىمۇ سۇ ۋە تۇپراق تەركىبىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولغان ئىدى. يېقىنقى 20 يىل مابەينىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا قاراتقان بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىمۇ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراشقا باشلىدى.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشىغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى؟
«خەلق گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇلغىنىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1.29 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالامەتلىك ۋە ياشاش مۇھىتىغا ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى مەلۇم. ۋىلسون مەركىزىنىڭ «مۇھىت ۋە ساغلاملىق تەتقىقات تۈرى» ناملىق پروجېكتىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ يولغا قويغان «غەربنى ئېچىش» سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدىنلا كىلىمات ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ خىرىسلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان رايوننىڭ تېخىمۇ ئېغىر بۇلغىنىشقا مۇپتىلا بولغانلىقى بايان قىلىنغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ «غەربنى ئېچىش» سىياسىتى خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، رايوندىكى نېفىت ۋە باشقا تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش، چوڭ ئۇل-ئەسلىھە تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شوئارلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ دولقۇنغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان خىتاي زاۋۇت-شىركەتلىرى بۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر رايونىغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ يىلتىز تارتىشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا ئۇيغۇر خەلقى ياشاۋاتقان زېمىندا ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى خىتايدىكى مۇھىت قوغداش جەمئىيىتى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ھاۋا بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر شەھەرلەرنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۈرۈمچىدىكى بۇلغىنىشقا سەۋەبچى بولغان يېقىلغۇ كۆمۈر، قاتناش قوراللىرى ۋە ئوچۇق كان قاتارلىق ئامىللار يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە ئىنسانلار بەدىنىگە ناھايىتى زىيانلىق زەررىچىلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ئەنگلىيەدىكى «تايمىس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1950-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يىلىغا قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك گاز مىقدارى 70 مىڭ توننىغا يەتكەن.
خىتايدا چىقىدىغان «خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى 27-ئىيۇندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە زەھەرلىك گازدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوڭ يىغىنى چاقىرىلغان. «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالايلى» تېمىسىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاشقا سەپەرۋەرلىك قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇقتىلىق قىلىپ ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە لىنىيەسىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدا بىرلەشمە نازارەت قىلىش، قانۇن ھالقىغان ئىجرا قىلىش سىستېمىسى خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش لازىملىقى» ھەققىدە قارارلار ئېلىنغان ۋە بۇ قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، بۇ خىل يىغىنلار ئۈرۈمچى قاتارلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولامدۇ-يوق؟ ۋاھالەنكى، ئىلگىرىمۇ خىتايدا ئوخشاش تەرىقىدىكى يىغىنلار كۆپ قېتىم ئېچىلغان بولۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن چىقارغان چارە-تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك بولمىغان. بۇنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىنى بىر قىسىم خەلقئارالىق دوكلاتلاردا 2003-2006-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىپ ماڭغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
***
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]