ئۇيغۇر دوپپىچىلىقىنىڭ نىداسى: دوپپىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى رەڭدار بىر دۇنيانىڭ يوقىلىشىدۇر

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2023.04.26
saz-cheliwatqan-uyghur-qizliri.jpg ساز چېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى. 1900-يىلنىڭ باشلىرى، قەشقەر.
Etnografiska Museet/John Törnquist

دوپپا ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ چوڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان، مىللىيەت ۋە مەدەنىيەت قاتلىمى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان يارقىن مىللىي بەلگە بولۇپ كەلمەكتە. 2009-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «دوپپا بايرىمى» تەدرىجىي ئومۇملىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ يارقىن سىمۋولىغا ئايلاندى، شۇنداقلا خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئاسىمىلياتسىيەگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان باش كىيىم بولۇپ قالدى.

دوپپا ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ ئىچىدە مەيلى شەكىل ۋە نۇسخا تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن بولسۇن ياكى گۈل نەقىشلىرىنىڭ موللۇقى ۋە رەڭگىنىڭ جەزبىدارلىقى، شۇنداقلا ئىستىمال دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن بولسۇن، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، رايون ئالاھدىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر بىر يۇرتتىكى دوپپىلارنىڭ تۈرلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە، يۇقىرى بەدىئىي زوققا ۋە كۈچلۈك مىللىي سىمۋوللۇققا ئىگە كىيىم-كېچەك تۈرىدۇر. دوپپا ئۆز نۆۋىتىدە پەقەت بىر ماددىي بۇيۇملا بولۇپ قالماستىن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، سىمۋوللۇق تۈسى قويۇق بولغان بەلگىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى، سەنئەتكە بولغان ئىجادكارلىقىنى ۋە تەبىئەتتىن ئالغان گۈزەللىك قاراشلىرىنى دوپپىغا سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئۆزىگە خاس نەپىس ۋە رەڭگارەڭ دوپپىلارنى ئىجاد قىلغان. دوپپىنىڭ يۈزىدىكى ھەر بىر رەڭ، ھەر بىر نەقىش ياكى ھەر بىر سىزىققا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرى، ئىزتىراپلىرى، دىنىي ئېتىقاد-ئەقىدىلىرى ۋە بىرلىك-ئىتتىپاقلىق روھى مۇجەسسەملەنگەن. دوپپا يۇقىرىقىدەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ كىيىدىغان، شۇنداقلا ئەڭ قەدىرلىك كىشىلىرىگە سوۋغا قىلىدىغان باش كىيىمگە ئايلانغان.

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي دوپپا شەكلى خوتەن يوتقان قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان رەڭدار ھەيكەللەرنىڭ بېشىدا كۆزگە چېلىقىدۇ، ئۇنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيە 3-ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. ئاۋرېل ستەيىن خوتەن دەندان ئۆيلۈك خارابىلىقىدىن ئېلىپ كەتكەن، ھازىر بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان يىل دەۋرى مىلادىيە 6-ئەسىرگە توغرا كېلىدىغان ياغاچ تاختىغا سىزىلغان رەسىمدىمۇ، دوپپىنىڭ قەدىمكى شەكىللىرى ئۇچرايدۇ.

بىر قىسىم چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك ۋە ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقات نەتىجىسى بىزنى مەيلى ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ ئىختىراسى بولسۇن ياكى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تۈپكى ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى، مەلۇم جەھەتتە ھىندىستان، ئىران، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ مۇئەييەن تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە 17 يىل ياشىغان ئەنگىلىيە كونسۇلىنىڭ خانىمى كاتارىن ماكارتنېي خانىم «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسلىمىسىدە، قەشقەردىكى ئىجتىمائىي ھايات ھەققىدە ئىتايىن جانلىق ۋە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇ كىتابىدا ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان قەشقەر كوچىلىرىنى ھەۋەس بىلەن تەسۋىرلىگەن بولۇپ، قەشقەردىكى دوپپا بازىرى ۋە ئۇ يەردىكى دوپپىلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە مەلۇماتلارنى بەرگەن. ماكارتنېي خانىم قەشقەردىكى دوپپا بازىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ، «يىراقتىن قارىغاندا بەئەينى رەڭمۇرەڭ گۈللەر تەڭلا ئېچىلغان چىمەنزارغا ئوخشايدۇ» دەپ يازغان.

1900-يىلنىڭ باشلىرىدا شىۋېتلار قەشقەردىن ئېلىپ كەتكەن دوپپا؛ مەنبە: شىۋېتسىيە ئېتنوفرافىيە مۇزېيى (Etnografiska Museet)

ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ گۈلتاجىسى بولغان دوپپا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مول تەسەۋۋۇرى، سۆيگۈ مۇھەببىتى ۋە چىۋەر قوللىرىدىن پۈتۈپ چىقىدىغان بولۇپ، دوپپىچىلىق ھۈنىرى ئادەتتە كەشتىچىلىك ۋە تىجارەت كەسپى بىلەن زىچ باغلانغان. دوپپا تىكىش جەريانى رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىقلار ئارىلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ پاتلاش قاتارلىق باسقۇچلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

دوپپىچىلىق كەسپى ئەزەلدىن ھەمكارلىق ۋە بىرلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسپ تۈرى بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرشۇناس ئىلدىكو بېللېر-خان (Ildiko Bellér-Hann) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا، بولۇپمۇ كۇچا بوستانلىقىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى» شارائىتىدىكى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئەھۋالى ھەققىدە جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. ئىلدىكو خانىم، بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە، ئاياللارنىڭ دوپپا تىكىش ۋە سېتىش ئىشلىرىنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ قىلىدىغانلىقى، تىكىلگەن دوپپىلارنى ھەپتىلىك بازارلارغا ياكى ئۆزلىرى كېلىشىۋالغان دۇكاندارلارغا ساتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە دوپپىچىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىدىكى تۇغقاندارچىلىق، قوشنىدارچىلىق قاتارلىق ئۇقۇملارغا ئۆزگىچە مەزمۇن بېغىشلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئىلدىكو خانىم يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دوپپىچىلىق قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي قول ھۈنەر كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەرز پۇل ياردىمى تەسىس قىلىنغانلىقى، ئەمما يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دوپپىچىلىقنىڭ جەريانلىرىغا قول تىقىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر قەرز پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە چۈشكەن سېلىقلارنىڭ كۈنسايىن ئارتىپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسپلەر بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بارغانسېرى كەمبەغەللىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ دەلىللىشىچە، 2020-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەر شەھىرىدىكى خام بازىرى، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا مەركىزى قاتارلىق چوڭ رەستە-بازارلارنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى چېقىش ھەرىكەتلىرىنى «ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» دەپ پەردازلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چېقىشنىڭ ماھىيىتى ئۇيغۇرلارنى شەھەر مەركىزىدىن قوغلاش ۋە ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ياشىشى ھەم مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى داۋاملىق ساقلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي بازارلارنىڭ چېقىلىشى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ بازاردىن سىقىپ چىقىرىلىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپلىرى دائىرىسىنىڭ تارىيىشىدىن، جۈملىدىن دوپپىچىلىققا ئوخشاش مەلۇم ئىستېمال بوشلۇقى بولغان مىللىي ھۈنەر-كەسپلەرنى ۋەيران قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دوپپىچىلىقىغا كېلىۋاتقان يەنە بىر تەھدىت، ئۇيغۇر دوپپا نۇسخىلىرىنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىلىشىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا كىيىش ئادىتى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە خاسلىق شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا جىنسىي ئايرىمىسى، ياش قۇرامى، يۇرتى، كەسپىي سالاھىيىتى ۋە سورۇنغا قاراپ ماتېرىيال، رەڭ، نەقىش ۋە شەكىل جەھەتلەردىن پەرقلىنىدىغان دوپپىلارنى كىيىش ئادىتى مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، ئەرەنچە دوپپىلارنىڭ گۈل-نەقىشلىرى شالاڭراق، رەڭ تۈرلىرى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئەرەنچە دوپپىلارنىڭ مەنپۇ دوپپا، چىمەن دوپپا، بادام دوپپا ۋە شاپاق دوپپا قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئايالچە دوپپىلارنىڭ كەشتە رەڭ تۈرى كۆپ، رەڭ تۈسى شوخ، رەڭ سېلىشتۇرما پەرقى چوڭراق بولىدۇ. ئاياللار ياقتۇرۇپ كىيىدىغان دوپپىلاردىن مارجان دوپپا، گىلەم دوپپا قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەھمەد ئۆزىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىدە ياراتقان تۈرلۈك ئوبرازلاردا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ رەڭدار جۇلاسى ۋە خىلمۇ-خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ئىنتايىن جانلىق ئەكس-ئەتتۈرگەن. ئۇ، ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئىپادە قىلغان مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۆت قىرلىق قىلىپ تىكىلىشى تاسادىپىي بولۇپ قالغان ئەمەس. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئەقىدە-ئېتىقادلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۆت تادۇ قارىشى ۋە تۆت رەقىمىنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. دوپپىلارنىڭ بۆلەكلىرى، سىزىقلىرى ۋە ئەستەرلىك رەڭلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە نىسبەتلەرمۇ مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە.»

كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، تېز سۈرئەتتە شەھەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسپلىرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر دوپپىلىرىمۇ زاۋۇتلاردا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئىلگىرىكى باش كىيىملىك رولىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىشقا، ئاتالمىش «ساياھەتچى» لەرگە سوۋغا ئورنىدا تەقدىم قىلىنىدىغان ياكى سېتىلىدىغان بېزەك بۇيۇمىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن دوپپىلار قولدا تىكىلىدىغان ئەنئەنىۋىي دوپپىلارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللاردىن بىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. خىتايدىكى «ئالىبابا» ۋە «تاۋباۋ» قاتارلىق تور سودىسى بېكەتلىرىدە سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ھەممىسى شېنجېن، يىۋۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ خىل دوپپىلارغا ئەرزان، ناچار سۈپەتلىك ماتېرىياللار ۋە بېزەكلەر قوللىنىشتىن باشقا يەنە دوپپىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۇسلۇبى بۇزۇلۇپ، ئالتە قىرلىق، ھەتتا سەككىز قىرلىق قىلىپ ياسىلىدىغان، خىتاي ئىستېمالچىلارنىڭ قىزىقىشىغا قاراپ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ بازارغا سالىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن.

بۇ خىل ئەھۋالنى ئىككى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ: بىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ زاۋۇتلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى قولدا تىكىلگەن دوپپىلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان يوقىرى تېخنىكىلىق تەقىپ سىستېمىسىنىڭ كۈنسايىن چىڭىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرى ئېغىر چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىش، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يىتىم مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش، ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش ئىشلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسپلەر، جۈملىدىن تىكىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن دوپپىچىلىق بازىرى كىرىزىسكە دۇچ كەلدى. خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنىڭ ئاتالمىش «ياردىمى» بىلەن قۇرۇلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى كوپېراتىپ شەكلىدىكى دوپپىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ مۇددىئاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمالى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرى ياكى ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىدى. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ ئاخىرىقى مەقسىتى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى بارلىقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، شۇنداقلا ئۇلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.

يەنە بىر نۇقتىدىن، ئالغاندا، دوپپا نۇسخىلىرى مەيلى شەكىل ياكى نەقىش جەھەتتە بولسۇن، خىتايلارنىڭ سوبېيكتىپ خاھىشى بويىچە ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋىي خاسلىقلىرى تىكىلىش قانۇنىيەتلىرى خالىغانچە ئۆزگەرتىلىپ، دوپپا نەقىشلىرى ئەسلىدىكى مەنىسى ۋە قىممىتىنى يوقاتماقتا. بۇ خىل ئەبجەش دوپپىلار، ھەتتا خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن دوپپىلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىسالى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قۇربان نىياز لايىھەلىگەن خىتايچە خەت ۋە نەقىشلەر كەشتىلەنگەن دوپپادۇر. قۇربان نىياز، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ شەكىل ۋە نەقىش جەھەتتە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «سىياسىي سىمۋول» غا ئايلىنىشىنى تەرغىپ قىلغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ھەم ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ھەم گۈزەللىك روھىغا ئىگە يەرلىك ئىگىلىكىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ بىرەر شەخسنىڭ ئىرادىسى ياكى ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كىيم مەدەنىيىتىگە ۋە گۈزەللىك ئىجادىيىتىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى بولۇپ، ئۇنى يوقىتىۋېتىش ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئىختىرالىرىغا قىلغان بۇزغۇنچىلىقتۇر. خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپلىرىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرى ماھىيەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىۋاتقان بىر قىلمىش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى ھەم قوغدىلىشى كېرەك!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.