ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت سىستېمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان خىتاي شېركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غەربلىك مەبلەغ سالغۇچىلىرى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى نۆۋەتتە خەلقئارا ئاخباراتلاردا بەلگىلىك دىققەت قوزغىماقتا. بىر قىسىم مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور مىقداردا پايدىغا ئېرىشكەن بەزى خىتاي تېخنىكا شېركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى چوڭ شېركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇ شېركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ يىراق غەربىدە مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان نازارەت سىستېمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق بېيىۋاتقان شېركەتلەر» ماۋزۇلۇق بىر پارچە زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور دارامەت ھاسىل قىلغان ئىككى چوڭ خىتاي شىركىتى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر قىسىم چەتئەل شېركەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدا خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە كۆزىتىلىدىغان دۆلەت نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەقىبگە ئالماقتا. خىتاي ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئاتىۋالغان بۇ سىستېما گاز قاچىلاش ئورۇنلىرىدا يۈز پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ۋە wifi تاپقۇچ دەپ ئاتىلىدىغان ۋە تورغا ئۇلانغان تېلېفونلاردىكى ئۇچۇرلارنى مەخپىي ھالدا يىغىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى يىل مابەينىدە دائىرىلەر نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خىتاي ‹قايتا تەربىيە مەركىزى› دەپ ئاتىۋالغان يوشۇرۇن لاگېرلارغا سولاندى. بۇ تۇتقۇنلار ئۈچۈن ۋە باشقا مىليونلىغان كىشىلەر ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكىدىكى بۇ تەجرىبىلىرى شىنجاڭنى بىر ئېغىر بېسىم ئاستىدىكى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر دېتالىغىچە كۆزىتىلىدىغان ‹ئورۋېلىيان تۈرمە دۆلىتى› گە ئايلاندۇرۇلدى. ئەمما خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان شېركەتلىرى ئۈچۈن بولسا بۇ رايون يەنە پۈتۈنلەي باشقا بىر ئەھمىيىتى بار. ئۇ بولسىمۇ كىرىمى ئىنتايىن ياخشى بىر بازار ۋە يېڭى ئۈسكۈنىلىرىنى سىناق قىلىدىغان بىر تەجرىبىخانىدۇر. بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر خىتايدىكى ئۆز ساھەسىدە باشلامچى بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ شېركەتلەرنىڭ ھەتتا بەزى غەرب شېركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى بۇ ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.»

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىخەتەرلىك كامېراسى ئىشلەپچىقىرىدىغان داخۇا ۋە خايكۋىسن دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شىركىتى گەرچە خەلقئارادا تونۇلمىسىمۇ بىراق ئۇلار دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كامېرا ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. دۇنيادىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ ئىككى شىركەتنىڭ شېنجىن پاي چېكى بازىرىدىكى قىممىتى 70 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، دۇنيادا كەڭ تونۇلىدىغان SONY ماركىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. خايكۋىسن شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار بولۇپ، بۇ شىركەت رەئىسى يېقىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ سايلىنىپ كىرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى شىركەت چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كېلىپ رايوننىڭ خەۋپسىزلىك راسخوتلىرىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ، يىللىق مەبلىغىنى 9 مىليارد دوللارغا چىقارغاندىن بېرى زور كۆلەملىك نازارەت سىستېمىلىرىغا ئائىت 11 قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە جەمئىي 1. 2 مىليارد دوللارغا ئېرىشكەن. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپى 2017-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ يىلى بۇ شېركەتلەرنىڭ يىللىق دارامىتىمۇ 30-40 پىرسەنت ئارىسىدا ئۆسۈپ ماڭغان ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇشلار زور كۆلەملىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ «بىخەتەر ناھىيە» دەپ ئاتالغان سىياسىتى بويىچە يالغۇز يەكەن ناھىيىسىدىكى قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە ئالىدىغان پايدىسى 686 مىليون دوللار ئىكەن. خايكۋىسن شىركىتى قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر قۇرۇلۇش تۈرى بولسا ئۈرۈمچىگە ئورنىتىلىدىغان 30 مىڭ كامېرا قۇرۇلۇشى بولۇپ، پەقەت مۇشۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىلا 79 مىليون دوللارغا يارايدىكەن. يۇقىرىدىكى شېركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى پەقەت بىخەتەرلىك كامېرالىرىدىن سىرت يەنە، ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنى ئانالىز قىلىش مەركىزى، ئەقىللىق نازارەت سىستېمىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ساقچى پونكىتلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ كۆپى ھازىر قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ بولغان ئىكەن.

ئاپتور بۇ ھەقتە داخۇا شىركىتى بىلەن خايكۋىسن شېركىتىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. بىراق، خايكۋىسن شىركىتى جاۋاب قايتۇرمىغان. ئەمما داخۇا شىركىتى بولسا ئۆزىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاشلا رايوننى مال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى ئارتىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ بىر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ماقالىگە قارىغاندا، خايكۋىسن شىركىتىنىڭ 42 پىرسەنت پاي چېكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان «خىتاي ئېلېكترونلۇق تېخنىكا گۇرۇھى» غا تەۋە بولۇپ، بۇ گۇرۇھ ئۇيغۇر ئېلىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆتۈرە ئالغۇچىسى ئىكەن. «بلۇمبېرگ گېزىتى» يۇقىرىدىكى بۇ گۇرۇھنىڭ مەلۇم نىشانلىق كىشىلەر بەلگىلەنگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە خەۋەر بېرىدىغان بىر خىل سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. يۇقىرىدىكى شىركەت يەنە ئىرق ۋە مىللەت پەرقىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان تېخنىكىسىنىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان بېرىپ بازارغا سېلىۋاتقان بولۇپ، ۋىدىيولۇق ئېلاندا بۇ سىستېمىنىڭ كىشىلەرنىڭ بەزى مىللەت تەركىبلىرىگە تەۋە بولغان-بولمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، دېگەن. ئەمما «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تېخنىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېخى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ياكى كىرىشتۈرۈلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان ياكى يۇقىرىقىدەك مىللەت ئايرىمىچىلىقى قىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ ئاللىقاچان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى يۈز پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ياسايدىغان بىر قىسىم شېركەتلەر ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ مالايشىيا ساقچى دائىرىلىرى بىلەن بۇ جەھەتتە سودا قىلغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ شېركەتلەرنىڭ پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەنلا ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دېموكراتىك بولمىغان باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئېنىق. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇنداق نازارەت سىستېمىلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. بىز كۈندىن-كۈنگە بۇنىڭ يەنىمۇ كۆپ مىساللىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەنچە، بۇ مۇھىم بىر مەسىلە.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان يۇقىرىدىكى بۇ شېركەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا يەنىمۇ كۆپ كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشماقتىكەن. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى ماقالىسىدە بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جېيمىس لايبولدنى زىيارەت قىلغان. جېيمىس لايبولد سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىتلەرنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كامېرا ئارقىلىق نازارەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەمدى يېزا-قىشلاقلارغىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغايدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىنتايىن ئاز تېررور تەھدىتىگە ماس كەلمەيدىغان تەدبىرلىرىنىڭ يەنە بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خۇددى بىر چىۋىننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئاتقاندەك بىر ئىش،» دېگەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ شېركەتلەرنىڭ دارامىتى ۋە پاي چەك بازىرىدىكى قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى چەتئەللەردىكى مەبلەغ سالغۇچى شېركەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مىليونلىغان خېرىدارلىرىنى قىزىقتۇرۇۋاتقان ئامىل بولۇپ، Vanguard, JP Morgan, Fidelity قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ شېركەتلەرنىڭ مىليونلىغان خېرىدارلىرى يۇقىرىدىكى بۇ خىتاي شېركەتلىرىگە مەبلەغ سالماقتىكەن. مەسىلەن، 2016-يىلى خايكۋىسن شىركىتى پاي چەك بازىرىغا كىرگەندىن بېرى ئۇنىڭ پاي چەك باھاسى 70 پىرسەنتكە يېقىنلىشىپلا قالماي، بۇ شېركەتلەرنىڭ پاي چېكىگە بولغان تەلەپمۇ ئۈزلۈكسىز ئارتماقتىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى خىتاي شىركىتى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىنتىل ۋە ۋىدىيا قاتارلىق شېركەتلىرىنىڭ تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىپ نازارەت ئىقتىدارىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتىكەن. ماقالە ئاپتورى بۇ شېركەتلەرگە يەنىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى JP Morgan شىركىتى بىلەن ئالاقە قىلغان بولساقمۇ، بىر جاۋاب ئالالمىدۇق.

تەتقىقاتچى ساراھ كۇك خانىم بولسا دۇنيا مىقياسىدىكى نۇرغۇن شىركەت ۋە كىشىلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار نېمىگە مەبلەغ سېلىشى ياكى سالماسلىقى كېرەك، بۇنداق مەسىلىلەردە قانداق قارار چىقىرىشى كېرەك، دېگەن بىر مۇنازىرىنىڭ بىر قىسمى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە بىر قىسىم چوڭ شېركەتلەر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە ۋە تىجارەت ئەخلاقىغا ۋە شىركەتنىڭ ئوبرازىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا مەن بۇ شېركەتلەرگە ۋە بۇ شېركەتلەر ئارقىلىق مەبلەغ سېلىۋاتقان كىشىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ قانداق نەرسىگە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ قانداق يەردە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بەك مۇھىم، دەپ قارايمەن. مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ‹تاشقى سىياسەت› ژۇرنىلىدا چىققان بۇ خەۋەر ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئۇ بۇ شېركەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرىغا بېرىلگەن بىر سىگنال. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ۋە شېركەتلەر پەقەت رەقەملەرگىلا قاراپ ئۆزلىرى پاي چېكىنى سېتىۋېلىۋاتقان بۇ شېركەتلەرنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانداق بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ جەھەتتە شېركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرىنى ئويغىتىش، ئۇلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش بەك مۇھىم. مەن بۇنداق ماقالىلەرنى يەنىمۇ كۆپ ئېلان قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن.»

دەرۋەقە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىلار ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋايبېر روسقا ئوچۇق خەت يوللاپ، ئامېرىكىدىكى بەزى تېخنىكا شېركەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ماللىرىنى خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلار ئوچۇق خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھازەل بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىۋالغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكا سودا مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكىدىن خىتايغا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ قانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرگەن ياكى تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى سورىغان ۋە ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ بۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.