ئۇيغۇر ئېلىگە تۇنجى كەلگەن گېرمانىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى ئادولف شلاگىنتۋايت ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى (2)
2023.09.14
ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە، ئادولف شلاگىنتۋايتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەنگلىيەگە قارام ھىندىستان ۋە چار رۇسىيە تەرىپىدىن قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن مەخسۇس كىشىلەرمۇ بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئادولف شلاگىنتۋايت ھەقىقەتەنمۇ ئالدىنقى يىلى، يەنى 1857-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ۋەلىخان تۆرە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
تارىختا «چوڭ خوجا» دەپ نام ئالغان سامساق خوجىنىڭ نەۋرىسى ۋەلىخان تۆرە ھەققىدە رۇسىيەلىك قازاق شەرقشۇناس چۇقان ۋالىخانوفنىڭ «رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيادا» ناملىق كىتابىدىن ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەزكۇر كىتاب ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەرىيەدە 1847-يىلى باشلانغان مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ 20 يىلدەك داۋاملىشىپ، 1857-يىلىغا، يەنى ۋەلىخان تۆرە دەۋرىگە كەلگەندە ئاخىرى غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. ۋەلىخان تۆرە قەشقەرىيەگە تەۋە يەتتە شەھەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ. ئۇ تولىمۇ تەسلىكتە ئېرىشكەن بۇ ھاكىمىيەت مېۋىسىنى تارتتۇرۇپ قويۇشتىن ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن، ئۆز تەۋەلىكىدىكى مانجۇ-خىتاي چېرىكلىرىنى قىرغىن قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك خەلقتىن ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ.
تارىخچى موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «بۇ ئارىلىقتا ۋەلىخان تۆرەم كاشىغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلىرىنى قولىغا كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن پاسىق-بۇزۇق ۋە زالىم جەۋىرلەرنى قەتلى قىلىپ، جەسەتلىرىنى ئىت ۋە قاغا-قۇزغۇنلارغا تاشلاپتۇ. كاپىر ۋە يامان پاسىقلارنىڭ، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەر-ئايال يولدىن چىققانلارنىڭ بېشىنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۆت كاللا مۇنارى ياساپتۇ. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دېيىشىدۇ…»
ۋەلىخان تۆرە قەشقەرگە يەرلىشىپ، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە، قەشقەرنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىلى ۋە ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتىلگەن مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ مارالبېشىغا يېتىپ كەلگەنلىكى خەۋىرى كېلىدۇ. ۋەلىخان تۆرە دەرھال مارالبېشىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنى قوغلىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئۇنىڭ يەتتە كۈن يول يۈرۈپ ھېرىپ چارچىغان ئەسكەرلىرى، ياخشى ئارام ئېلىۋالغان ۋە شۇ زاماننىڭ زامانىۋى قوراللىرى بىلەن قوراللانغان مەنچىڭ چېرىكلىرىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. مەغلۇپ بولغان ۋەلىخان تۆرىنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەرگە چېكىنىدۇ. خىتاي ئەسكەرلىرىمۇ ئىز قوغلاپ يەكەنگە كېلىدۇ. ئۇلار يەكەننى ساقلاپ ياتقان چېرىكلىرىگە قوشۇلۇپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قەشقەر شەھىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋېلىپ، ياردەم كۈتۈپ ياتقان خىتايلار چېرىكلىرىمۇ بار ئىدى» . مۇشۇنداق بىر قىيىن ۋەزىيەتتە، ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ بىر توپ ئادەم بىلەن يەركەن تەرەپتىن قەشقەرگە كېلىشى ساراسىمە ئىچىدە تۇرغان ۋەلىخان تۆرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
ئادولف شىلاگىنتۋايت ھەمراھلىرى بىلەن قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ چېدىرلىرىنى تىكىۋاتقاندا، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر توپ ئەسكەرلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئەسكەرلەر ئۇلارنى تۇتۇپ ۋەلىخان تۆرەنىڭ تۇرالغۇسىغا ئېلىپ بارىدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەلىخان تۆرە دەسلەپ ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەتتا ئۆز تۇرالغۇسىغا يېقىنراق يەرگە چېدىر تىكىپ ئارام ئېلىشىنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، ئادولف شىلاگىنتۋايت قوقانغا مېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىجازەت سوراپ كىرگىنىدە، ئۇ قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە ئادولفنى سوراققا تارتقان. ئادولفنىڭ قوقان خانىغا خەت ۋە سوۋغاتلار ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا، ۋەلىخان تۆرەدە «بۇلار مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇمان پەيدا بولغان. بۇنىڭ بىلەن ۋەلىخان تۆرە ئۇنىڭدىن، قوقانغا ئېلىپ ماڭغان خەت ۋە سوۋغاتلارنى ئۆزىگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئادولف ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە خەت بىلەن سوۋغاتنى قوقان خانىغا ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە، ۋەلىخان تۆرە تېخىمۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئادولف شىلاگىنتۋايتنى دەرھال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈم قەشقەر شەھىرىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قىزىل دەرياسىنىڭ بويىدا ئىجرا قىلىنغان. ئۇنىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشى قىزىل دەرياسى كۆۋرۈكىگە بىر نەچچە كۈن ئېسىپ قويۇلغاندىن كېيىن، دەريا بويىدىكى كېسىك باشلار دۆۋىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.
ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ كارۋان بېشى مۇھەممەد ئىمىن ئەسلىدە يەكەنلىك بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى لېھ بىلەن يەكەن ئارىلىقىدا قاتناپ تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەن. ئۇ باشتىن-ئاخىر ئادولفنىڭ يېنىدا بولغاچقا، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار ئىكەن. ئۇ دەسلەپ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە قوقانغا چىقىپ كەتكەن كەشمىرلىك ئابدۇللا ئارقىلىق ھىندىستانغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئۇ يەردىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرگەن. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ، ئۆزىمۇ پامىر يولى ئارقىلىق كەشمىرگە بارغان ۋە ئادولفنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
ئادولفنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى تۇنجى خەۋەر ھىندىستاننىڭ كۆپ تىراژلىق گېزىتى «خەۋەرلەر» دە بېسىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئارىدا قەشقەرلىك بىر تاماكىچىنىڭ يېنىدىن ئادولف شىلاگىتۋايتنىڭ كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرى بايقىلىدۇ. بۇ خاتىرىدە ئادولفنىڭ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە يەركەن ۋە قەشقەر ئارىلىقىدا ئېلىپ بارغان ئۆلچەش نەتىجىلىرى، يەر ناملىرى تىزىملىكى، تېز سىزمىلىرى ۋە يازغان سەپەر تەسىراتلىرى بار ئىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ ئاكىسى ھېرمان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىشتۇرۇپ ھەم خۇلاسىلەپ، «ئادولفنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئادولف شىلاگىنتۋايت 1857-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى قاغىلىقتا، 13-15-كۈنلىرى يەكەن ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 24-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن.
ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ ئۆلۈمى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېقىنلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئەپسۇسكى، ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشى ۋە بەدىنىنىڭ قەيەرگە كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغان. «ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ بېشى بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىلىپ لاھورغا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى باش سۆڭىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قەشقەرلىك يەرلىك كىشىلەرنىڭ كاللىسى بولۇپ چىققان.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قەشقەردە بەلگىلىك تەسىرى مەۋجۇت بولغان چاررۇسىيە دائىرىلىرىدىن ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ جەسىتىنى تېپىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەزىپىنى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تالانتلىق ياش تەتقىقاتچىسى، قازاق مىللىتىدىن بولغان ئوفىتسېر چۇقان ۋالىخانوفقا تاپشۇرغان.
60 كىشىلىك بىر ئۆمەك بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن چۇقان ۋالىخانوف بىر تەرەپتىن ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ جەسىتىنى ئىزدىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بارغان. ئۇ، قەشقەر خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تىل ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ماتېرىيال توپلىغان.
كېيىنچە ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ ئاكىسى ھېرمان، ئۇكىسى ئادولف ۋە چۇقان ۋالىخانوفنىڭ خەرىتىلىرى ۋە خاتىرىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ، شۇ ۋاقىتقىچە سىزىلغان خەرىتەلەردە ئاق تاشلىنىپ كېلىۋاتقان قەشقەردىن مۇز تاغقىچە بولغان يەرلەرنىڭ تۇنجى ئۆلچەملىك خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. «غەربىي تۈركىستان ئېگىزلىكى خەرىتىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ خەرىتىدە، جەنۇبتىكى ھىندىستاندىن شىمالدىكى قەشقەرگىچە سوزۇلغان كەڭ زېمىندىكى تاغ-دەريالار، يوللار ۋە ئولتۇراق يەرلەرنىڭ فىزىكىلىق شەكلى سىزىلىپ، يېنىغا يەرلىك تىلدىكى ئىسىملىرى يېزىلغان. پامىر ئېگىزلىكىنى چېگرا قىلىپ ئايرىلغان شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئادولف شىلاگىنتۋايت ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئېكسپېدىتسىيە جەريانىدا توپلىغان ماتېرىياللىرى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ياۋروپادىكى تونۇلغان نەشرىياتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان. ئادولف ۋە روبېرتنىڭ خاتىرىلىرى ۋە سىزغان خەرىتىلىرىگە ئاساسەن ئاكىسى ھېرمان يېزىپ چىققان «ھىندىستان ۋە ئاسىيا ئېگىزلىكىگە ساياھەت» ناملىق كىتابىنىڭ 4-قىسمىدا قەشقەرنىڭ تارىخى، ئادولفنىڭ قەشقەر سەپىرى ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر بايان قىلىنغان. ئادولف شىلاگىنتۋايت ۋەقەسىنى ئېنىقلاش سەۋەبى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ، بۇ تارىخىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان چۇقان ۋالىخانوف ۋە باشقا رۇسىيەلىك ئالىملارنىڭ قىلغان ئىشلىرى، كېيىنچە ئەنگلىيەلىك دوگلاس فورسېس (Douglas Forsyth) يېتەكچىلىكىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قەشقەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا بايان قىلىنغان. قەشقەرىيە ھەققىدە بىر-بىرىدىن قىممەتلىك مەلۇماتلار بەرگەن بۇ كىتابلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىشى بىلەن، تېخى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە بىلىنمىگەن قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، شۇنداقلا بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق دۇنيانىڭ دىققىتىنى بىردىنلا ئۆزىگە تارتقان.
ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ رۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى نىكولاي فيودوروۋىچ پېتروۋسكى (Nikolai Fjodorovich Pétrowski) ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر خاتىرە مۇنارى ئورنىتىشنى پىلانلىغان. ئۇ كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق قەشقەردىكى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنى بۇ ئىشقا ماقۇل كەلتۈرگەن. نەتىجەدە بۇ خاتىرە مۇنارى قەشقەر كونا شەھەر ۋە يېڭىشەھەردىن تەڭ يىراقلىقتىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قىزىل دەرياسى بويىغا، يەنى ئادولف شىلاگىنتۋايت قەتلى قىلىنغان يەرگە ئورنىتىلغان.
پىششىق خىش بىلەن سېلىنغان مەزكۇر خاتىرە مۇنارنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى 4. 2 مېتىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان تۆمۈر كىرېستنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، جەمئىي ئېگىزلىكى 5. 8 مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. خاتىرە مۇنار 1889-يىلى 6-ئاينىڭ 31-كۈنى پۈتكەن. ئەمما خاتىرىلەش مۇراسىمى كېچىكتۈرۈلۈپ، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاندىن ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا چاررۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى پېتروۋسكى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، كونسۇلخانىدىكى 15 نەپەر كازاك ئەسكەر، قەشقەر ئامبىلى، ئۈرۈمچىدىكى مەنچىڭ ئەمەلدارىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتا قەشقەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم چەت ئەللىكلەر قاتناشقان. رۇسىيە كونسۇلى پېتروۋسكي بۇ مۇراسىمدا ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ قەشقەر سەپىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەلىخان تۆرە بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
خاتىرە مۇنارىغا «سەيياھ ئادولف شلاگىنتۋايىت جۇغراپىيە ئىلمىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە جاسارىتى يولىدا قۇربان بولدى. 1857-يىلى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ خاتىرە مۇنارى رۇسىيە ئىمپېراتورلۇقى جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن 1889-يىلى رۇسىيە كونسۇلى نىكولاي فيودوروۋىچ پېتروۋسكى تەرىپىدىن ئورنىتىلدى» دەپ يېزىلغان.
ئادولف شىلاگىنتۋايتنىڭ كۈتۈلمىگەن ئۆلۈمى قارىماققا بىر تەلۋىلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشى يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان مەنچىڭ خانىدانلىقىنىڭ رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇنىڭغا چىدىمىغان يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن زىچ باغلانغان. شۇڭلاشقىمۇ بۇ تىراگېدىيە ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن چۇقان ۋالىخانوف، فورسېس، ھەتتا ئادولفنىڭ ئاكىسى ھېرمانمۇ يەرلىك خەلقنى ئەيىبلىمەيدۇ. ھېرمان ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە، بۇ يۇرتنىڭ يۈز يىل بۇرۇن (1759) مانجۇ-خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بېرى زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلقنىڭ ھەر 20-30 يىلدا بىر قېتىم قوزغىلىپ تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما ھەر قېتىمدا قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ماقالىسىدا يەنە ئىنىسىنىڭ قاراقاشتىن قەشقەرگىچە بولغان ئون نەچچە كۈنلۈك سەپىرى جەريانىدا يول بويى يەرلىك خەلقتىن ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت كۆرگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئادلوف شىلاگىنتۋايتنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىسقا مۇددەتلىك، ئەمما تولىمۇ مۇھىم ئىلمىي ساياھىتى، جەسىتىنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان چۇقان ۋالىخانوف ھەم باشقىلارنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان. بۇ ۋەقە قەشقەرنى بىرىتانىيە، چار رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدەك 3 چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ بىر ئورتاق تېما ئۈستىدە ئۆزئارا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان سەھنىگە ئايلاندۇرغان. بۇ دۆلەتلەردىكى مەشھۇر شەرقشۇناسلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئىشلىشىدەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. قىسقا ۋاقىتلىق بولسىمۇ قەشقەرنى دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.