ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.07.04
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر بىر ئۇيغۇر كىشى خىتايننىڭ سابىق رەھبەرلىرى جۇ دې ، جوۋ ئېنلەي ، ماۋ زېدوڭ ۋە ليۇ شاۋچىلارنىڭ ئايرودرومدا كۆرۈشكەن رەسىمىنى كۆرسەكتە
REUTERS

ئۇيغۇرلار مۇستەملىكە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن دۇنيادىكى باشقا يەرلىك خەلقلەرگە ئوخشاشلا مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاش قىسمىتىگە دۇچار بولدى. ئوخشىمايدىغان يېرى، ب د ت نىڭ «مۇستەملىكىلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى» چىقىرىلغىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار يەنىلا مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇملىرى ئاستىدا داۋاملىق ئازاب چەكمەكتە. مانا بۈگۈن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆز ئانا تۇپراقلىرىنىڭ يەرلىك خەلقى ئەمەس، بەلكى «موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن خەلق» قە ئايلاندۇرۇلدى، ھالبۇكى، كۆچمەن خىتايلار ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ «يەرلىك خەلقى» بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىمۇ خىتاي تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ساختا تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە «خىتاينىڭ تارىختىن بۇيانقى ئايرىلماس بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىلدى. خىتاي بۈگۈنكى كۈندە زور مەبلەغ ۋە دۆلەت تېرورلۇقىنى ئىشقا سېلىپ، ئەسىرلەر بويى ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئېرىتىپ تۈگىتىشكە، ئۇلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلماقتا.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك داۋام قىلغان ئېغىر زۇلۇملىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەكرار قارشىلىقلىقلىرى، قانلىق باستۇرۇلۇشلار ۋە باش ئەگمەسلىكلەردىن كېيىن، 2009-يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مەجبۇرىي «ۋەتەنداشلىق» ھەم ساختا «قېرىنداشلىق» نىڭ نىقابى ئاخىرى يىرتىپ تاشلاندى. ئۇيغۇر خەلقى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «دۆلەت دۈشمىنى» گە، خىتاي خەلقىنىڭ «كۈشەندىسى» گە ئايلاندۇرۇلدى. يەنى 2009-يىلى يۈز بەرگەن «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى ھاكىمىيەت كۈچى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ كوللېكتىپ نەپرەت تۇيغۇسى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش پىلانىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

دەرۋەقە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان، ئۇلار رايوندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرى چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن ئىدى. يەنى، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى كوممۇنىست خىتاينىڭ قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىشى؛ دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىكى «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاستىلىق نامراتلاشتۇرۇلۇشى؛ شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىش ۋە دۇنياغا خوجا بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇلۇشىدۇر.

ماۋ زېدۇڭ دەۋرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ۋەتەنسىزلەشتۈرۈلىشى

بىزگە مەلۇم، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇددىي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان خىلمۇ خىل كوممۇنىست پارتىيەلەرگە ئوخشاشلا رۇس بولشېۋىكلار پارتىيەسى ۋە خەلقئارا ئىنتېرناتسىيونال (خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى تەشكىلاتى) نىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان. شۇ دەۋرلەردە، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى ۋە رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ «شەرقتىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىش» شوئارىدىن ئىلھاملىنىپ، مىللىي ئازادلىق كۆرەشلىرىگە ئاتلانغانىدى. ئەينى يىللاردىكى خىتايدا ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشلار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىچكىي ئۇرۇشتا ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت تىكلەشكە مۇيەسسەر بولغان ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ھەر جەھەتتىن يۆلىشى، ھەتتا ئامېرىكانىڭ 1947-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ ئىچكىي ئۇرۇشىدا ئوينىغان بىر قىسىم رولى سەۋەبلىك، ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە ۋە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىغا ئاساس ياراتقان ئىدى. ئامېرىكانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتى بۈگۈن غەرب تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن «ماۋ زېدوڭنىڭ ئامېرىكانى ئالدىشى» دەپ قارالماقتا. خىتاي ئىچكىي ئۇرۇشقا پېتىپ قالغان شۇ دەۋردە، ئىككى سەپكە ئايرىلغان مىللەتچى خىتايلار بىلەن كوممۇنىست خىتايلار، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن قورال كۆرۈشىنىلا ئەمەس، بەلكى تەشۋىقات كۆرۈشىنىمۇ كەسكىن رەۋىشتە ئېلىپ بارغان ئىدى. بولۇپمۇ ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ تاكى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان «شىنخۇا گېزىتى»، «ئازادلىق گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا غەربنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا بولغان «تونۇشى ۋە قوبۇل قىلىشى» تەسۋىرلەنگەن كۆپ مىقداردىكى ئوبزور ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ يازمىلاردا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش، مەدھىيەلەر ئورۇن ئالغان ئىدى. ماۋ زېدوڭنىڭ كۆپلىگەن يازمىلىرىدىمۇ كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ دەل ئامېرىكادەك دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدىكى بىر دۆلەت بولىدىغانلىقى توختىماي تىلغا ئېلىنغان ئىدى. 1947-يىلى ئامېرىكانىڭ گومىنداڭغا بېرىپ كېلىۋاتقان غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەملىرىنىڭ توختىتىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۇرۇشىغا ئارلاشماسلىقنى قارار قىلىشىدىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا گومىنداڭنى مەغلۇب قىلىشتەك تارىخىي نەتىجىگە ئېرىشىشى، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق بىلەن ئېلىپ بارغان قەلەم كۆرەشلىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە.

دەرۋەقە، خىتاي كوممۇنىستلىرى غەرب دۇنياسىغا «يېڭى دېموكراتىك خىتاي دۆلىتى» قۇرۇش ئېھتىماللىقىدىن شەپە بېرىپ قويۇپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتايلار ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، دەرھال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر لاگېرىنى تەشكىل قىلدى ۋە «ئامېرىكا جاھانگىرلىكى» گە قارشى بىرلىكسەپ ئورناتتى. بۇ ھادىسە ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى دۈشمەنلىشىش دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەن ۋە خىتاينى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنىڭ سىرتىدا يېتىم قالدۇرۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ ئەھۋال تاكى دېڭ شياۋپىڭ «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغۇچە بولغان ئۇزۇن جەرياندا داۋام قىلغان، كوممۇنىست خىتاي «ئىشىكنى تاقاپ، ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىش ۋە ئۆزىگە تايىنىش» ئۇسۇلىنى قوللانغان ئىدى.

خىتايدا 30 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان «ئىشىكنى تاقاش دەۋرى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىر يوقىتىلىشلارغا تولغان، قانلىق 30 يىل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ 30 يىلدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ئۇيغۇردىن باشقا زور ساندىكى خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە مىللەتلەرگە «يەرلىك ئاپتونومىيە» شەكلىدە بۆلۈپ بېرىلدى. رايوندىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار زېمىن ھەقدارلىقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلىنىپ، نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق «ئاپتونومىيە» نىڭ ھوقۇقسىز ساھىبلىرىغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇ دەۋردە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك چەتلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش»، «يەر ئىسلاھاتى»، «ئۈچكە قارشى ھەرىكەت»، «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى يوقىتىش» «ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش»، كوممۇنالاشتۇرۇش، 1960-يىللاردىكى ئاچارچىلىق، «سوۋېت رىۋىزىيونىزمچىلىرىغا قارشى تۇرۇش» ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدىكى «ۋەتەنسىزلەر» گە ۋە ئۆز تۇپرىقىدىكى «ياتلار» غا ئايلاندۇردى.

دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىكى ۋاستىلىق، پىلانلىق نامراتلاشتۇرۇش

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، خىتاي ھاكىمىيىتى 30 يىلغا يېقىن تاشقىي دۇنياغا «ئىشىكنى تاقاش» جەريانىدا خىتاي پۇقرالىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق كىرىزىسىغا پېتىپ قالغان ئىدى. 1972-يىلى ئامېرىكا پرېزدېنتى نېكسوننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغا زىيارىتى، ئېغىر كىرىزىسقا پاتقان خىتايغا قايتا ئۈمىد بېغىشلىدى. بۇ دەۋر خىتاي ئۈچۈن يا ئامېرىكانىڭ قولىنى تۇتۇپ دېموكراتىيەلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش ياكى داۋاملىق ئىشىكنى تاقاپ ۋەيران بولۇشنى كۈتۈشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن بىر دەۋر ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» ھوقۇقىغا ئىگە رايونلارنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشى سەۋەبلىك قولدىن چىقىپ كېتىشىنى خالىمايتتى، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. دەل بۇ پەيتتە، دېڭ شاۋپىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىدى ھەمدە «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش دېگەنلىك، دېموكراتىيەلەشمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان پىكىر ئەركىنلىكى، ھۆرلۈك، باراۋەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي ئورتاق قىممەت قاراشلارنىڭ ئومۇملىشىشىنى توسۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ، خىتاي ئاخىرى 1978-يىلىدىكى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» قەدىمىنى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي گەرچە تۈزۈم ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئىقتىساد تەرەققىي قىلسا، دېموكراتىيەلىشىش ئۆزلىكىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن قاراشقا ئىشىنىدىغان ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى، خىتاينىڭ ھامان دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى. خىتاي ئۈچۈن ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى شەرتى «تۈزۈمنى ئۆزگەرتمەسلىك» بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق ئامىللارنى توسۇشقا ئۇرۇناتتى. بۇ ۋەجىدىن دېڭ شاۋپىڭ «ئالدى بىلەن شارائىتى بار بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشىغا يول قويۇش» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. خىتاي ئىچىدە خىتاي نوپۇسى مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى دەستەك قىلىپ، ئالدى بىلەن دېڭىز ياقىسىدىكى خىتايلارنى باي قىلىش قارار قىلىندى. ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا خىتاي نوپۇسىنى ئاساس قىلغان قانۇنسىز تەشكىلات «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالدىن تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن بايلىقلىرى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ھەمدە ئەۋزەل سىياسەتلىرى بىلەن تېزلا تەرەققىي قىلدى. ئەمما نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار بولسا ئېغىر دەرىجىدە نامراتلاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىشى ئاساسلىقى بىڭتۇەننىڭ ۋاستىلىق كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى بىلەن بىۋاستە باغلانغانىدى. ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچىدە «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا كاتىگورىيەلەشتۈرۈلگەن خەتەرلىك كوللېكتىپقا ئايلاندۇرۇلدى، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاي ئىچىدە بىردىن-بىر چەتكە قېقىلغان، يېتىم قالدۇرۇلغان مىللەتكە ئايلاندى. ھېچكىم ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقىنىڭ ۋاستىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا مەيدانغا چىقىرىلغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرمىدى، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇلاردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەلىرىنىڭ مەھسۇلى، دەپ تەشۋىق قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن» ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتى يولغا قويۇلدى. ئاتالمىش ياردەم ئۈچۈن خىتايلارغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىقلاردىن خالىغانچە پايدىلىنىش «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ھوقۇقى ئبېرىلدى. «قوش تىل مائارىپى»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «پىلانلىق تۇغۇت»، «ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپى»، «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسپىي تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملاردا ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار سىياسەتلەر داۋامىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئاتالمىش «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاۋانگارت سېپى» قىلىنىپ، خىتاي يۇرتلىرىغا ئاپىرىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشقا باشلىدى. ئوبرازى ئومۇميۈزلۈك خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ ئېلىپ بېرىلىشى يەرلىك خىتايلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. «شاۋگۈەن ۋەقەسى» دەل بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى ۋە يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان تەڭسىزلىكلەر قوشۇلۇپ، 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ يۈز بېرىشىغا سەۋەب بولدى. ھالبۇكى، بۇ نامايىشنىڭ خاراكتېرى «ئۈچ خىل كۈچلەر» نامىدا بۇرمىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشىغا تۇتقا قىلىندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ يوقىتىش، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتىكى يېڭى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى.

شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنىچلىقى

2010-يىلىدىكى «بىرىنجى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى پۈتۈنلەي تازىلاش بىلەن «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» نى قولغا كەلتۈرۈش قارار قىلىنغان ئىدى. بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۈچۈن «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ۋە خەلق بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستقا نوقتىلىق ياردەم قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى.

مەلۇمكى، خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىرى ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» تا ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان رايونلار ئىدى. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بۇ رايونلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورناتقان ئىدى. يەنى، دۇنيادىكى داڭلىق كارىخانىلار، مەكتەپلەر، تىببىي تەتقىقات ئورگانلىرى، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى، پەن-تېخنىكا، يېزا-ئىگىلىكى قاتارلىق. . . بارلىق ساھەلەر بىلەن چەمبەرچاس ئالاقە تورى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ ئاتالمىش «خەلقئارالىق ئاچا-سىڭىل دوستلۇق شەھەر مۇناسىۋىتى» يوقۇرىقى ئالاقىلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، خىتايلارنىڭ كوللېكتىپ بىر كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇپ، غەرب دۇنياسىدا تور شەكىللىك مۇناسىۋەت زەنجىرى شەكىللەندۈرۈشىدە «ئاۋانگارت» لىق رولىنى ئالدى. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا سىڭىپ كىرىشتە «چەت ئەللەرگە ياردەم قىلىش سىياسىتى» نامىنى قوللاندى. ئاتالمىش «كوڭزى ئىنىستىتۇتى»، «خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىىيىتى ئۆگىتىش ۋە تارقىتىش مەركەزلىرى»، چەت ئەللەردە بىردىنلا «خىتاي قىزغىنلىقى» نى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. خەلقئارادىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى بۇ قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە خىتايغا مەبلەغ سېلىش، زاۋۇت كارخانىلىرىنى خىتايدا قۇرۇشقا ئاتلاندى. مانا شۇنداق قىلىپ، دېڭىز ياقىسىدىكى خىتايلار ھاكىمىيەت بىلەن بىر تەن، بىر ئۇستىخان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالغانىدى. دېمەك، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتى ئارقىلىق دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەرلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈچى» گە تايىنىپ ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە يەتتى. ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئۈچۈن «مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش» شەرت قىلىنغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم سىياسىتى» ئاقىۋەتتە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيانىڭ كۆزىدە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىتاي دىيارىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن بېرىپ نەتىجىسىز قايتىشى، مۇسۇلمان، تۈرك ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشى، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلۈك تەدبىر ئالالماسلىقلىرىنىڭ ھەممىسى، ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ كۆرۈنمەس باغلىنىشلار سەۋەبىدىن ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى خىتاي بىلەن بولغان بۇ بىنورمال باغلىنىشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. گەرچە بۈگۈن يەر شارى ئىنسانىيەت ئۈچۈن «ئورتاق كەنت» كە ئايلاندۇرۇلۇپ، خىتايدىن تېزلا ئايرىلىش نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، ئەمما بۇ قەدەم يەنىلا ئېلىندى. بۇ ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت بولۇپ، خىتايغا باغلانغان ھەرقانداق ساھەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا باغلانغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىش، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن مەھكەم باغلانغان بولۇپ، بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىش ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىدىكى ئىشەنچ ۋە ئۈمىدتىن دېرەك بېرىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.