«ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، غەربنىڭ باھاسى، سىياسەتچىلەر ۋە ئاكادېمىكلار ئۈچۈن دەرس»

0:00 / 0:00


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى خەلقئارالىق تېررور ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى دەپ ئاتىدى. 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىمۇ بۇنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

بىراق، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ھەمكارلاشقاندا ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرىپ كەلگەن. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى بەن شۇك ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنقى ۋەزىيەت ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانى ھەققىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، بۇ مەسىلىدە ئاكادېمىكلار بىلەن سىياسەتچىلەر ئارىىسدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، غەربلىك سىياسەتچىلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرغاندا، چوقۇم ئالدى بىلەن شۇ خەلقنى ياخشى بىلىدىغان ئاكادېمىكلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش ۋە بۇ ئارقىلىق «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» تىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى بېن شۇك «شىنجاڭدىكى توقۇنۇش، غەربنىڭ ئىنكاسى، ئاكادېمىكلار ۋە سىياسەتچىلەر ئۈچۈن دەرس» ماۋزۇلۇق بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ياۋرۇ - ئاسىيا تەتقىقاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ۋە غەربنىڭ پوزىتسىيىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە سىياسەتچىلەر ۋە ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇۋاتقان ئىنكاس بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئارىدىكى بوشلۇقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ياخشى مىسال بولالايدىكەن. ئۇ ماقالىسدە ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاش ۋە زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك قاراشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن :

- خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئاخباراتى يەرلىكتە چىققان ۋەقەلەرنى دەرھال «تېررورچى» ۋە ياكى «ئىسلامچى» دەپ ماركىلاش ئارقىلىق شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭ خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىراق، بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ماركىلىرى رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىششىگە سەۋەب بولدى. ئىسلام گەرچە ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر پارچسىى بولسىمۇ، بىراق رايوندا چىقىۋاتقان قارشىلىقلارغا ئاساسەن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەتكە باغلىق ئامىللار سەۋەب بولغان. يەنى دىن ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىي ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئۈمىدسىزلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتقان بۇنداق ۋەقەلەرنى خەلقئارا جىھادچىلارغا چېتىۋالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.

ئاپتور مۇلاھىزىسدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش، پىلانلىق تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلىششتىكى كەمسىتىش سىياسىتى، ئىشسزلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى ۋە دىنىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىدەك بىر قاتار ئامىللار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئاكادېمىكلار ناھايىتى ياخشى تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق غەربنىڭ خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىنى چىقىرىدىغان سىياسەتچىلىرىدە ئەھۋالنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن :

- غەرب سىياسەتچىلىرىدە ئىچكى جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرىغا چققان بىر مەسىلىگە ئۆزىنىڭ يەرلىك مەسىلىلىرىدىكى كۆز قاراش بويىچە باھا بېرىدىغان خاھىش ئېغىر. كۆپىنچە ھاللاردا بۇ تېخى يەرلىكنىڭ تىلىنى بىلمەيدىغان، مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى بىلمەيدىغان ياكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىپادە قىلىنماقتا. بۇنىڭدەك قايمۇقۇپ قالىدىغانلار پەقەتلا سىياسەتچىلەر ئەمەس، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان نۇرغۇن نەزەرىيىچىلەرمۇ مۇشۇنداق چەتكە قېقىلغان گۇرۇپپىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئابستراكىتلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىمۇ قىلچىلىك ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

ئاپتور مۇلاھىزىسى داۋامىدا، غەربلىك سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر سىياسەت تۇرغۇزغاندا، يەرلىكتىكى ئامىللار يەنى تىل، تارىخ ۋە مىللىي كىملىك قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئييتقان ۋە مۇنداق دېگەن :

- قارام قىلىنغان خەلقلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار، غەربلىك سىياسەتچىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ئۇنى تۈرلەرگە ئايرىشى توغرىمۇ، دەپ سوئال قويىدۇ. بۇ نوقتا مېنىڭ، غەربنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېرىۋاتقان تەبىرىگە قاراتقان تەنقىدىمنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئافغانىستان، ئىراق، ۋە باشقا جايلاردىكى مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىمىز ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن سىياسەتچىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

تەتقىقاتچى بېن شۇك ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئېتنىك سۈركىلىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، گەرچە خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ھۆكۈمەتنى پۈتۈنلەي بىر گەۋدە دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن مىللەتچىلىك ۋە مەنپەئەت تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى، يەنى خىتاي مىللەتچىلىكىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ يەردىكى نىمەتلەردىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇ، بەزى غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ، بولۇپمۇ دۆلەت خەۋپسزلىكىگە قاراشلىق ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە ئوخشىتىشتەك خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ ماقالىلەرنى «سىياسىي نۇقتا چىقىش قىلىنغان، باشقا بىر ئەلدىكى توقۇنۇشنى ئۆزىگە تونوشلۇق بولغان كاتېگورىيە ئىچىگە كىرگۈزۈپ تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆز داۋاسىنى نېمە دەپ قارايدىغانلىقى دىققەتكە ئېلىنماي تۇرۇپ يېزىلغان» دەپ باھالىغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىددىيەتنى رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، مىللىي كىملىك، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە مىللەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق ئامىللارنى دىققەتكە ئالماي تۇرۇپ باھالىغاندا، ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بەن شۇك مۇلاھىزىسى داۋامىدا، ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار، ئاۋام خەلققە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ، بۇنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى نىشان قىلغاندا ئاندىن خىتاينىڭ خەلقئارادا ئېيتىۋاتقانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلىغىلى ۋە خەلقئارانىڭ خىتاينى قوللىشىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، دېگەن. ئۇنداق بولمايدىكەن، غەربنىڭ بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئاپتور بەن شۇك ماقالىسى ئاخىرىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى توقۇنۇشقا قاراپ چىققاندا، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتى، قارام قىلىنغان خەلقلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئوخشاش ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سىياسەت چىقارغۇچىلارنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەرلىكتىكى توقۇنۇشلار ئۈستىدە قارار چىقارغاندا ئۇنى خەلقئارالىق توقۇنۇشلار بىلەن ئوخشاش تۈرگە قويماسلىققا چاقىرغان ۋە ئوخشاش خاتالىقلار سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاكادېمىكلار بىلەن سىياسەتچىلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھاڭنىڭ يوقىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

http://thecessblog.com/2014/10/17/the-xinjiang-conflict-western-response-lessons-for-academics-and-policy-makers-part-ii/Opens in new window ]