«ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» دىكى ھېكايىلەر (1)

0:00 / 0:00

مەن نېمە ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى يازدىم؟

يېقىندا «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق ئەسەر گېرمانىيەدە گېرمان ۋە ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان بۇ ئەدەبىي ئەسەردە ئاپتور غەرب ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن تامامەن ناتونۇش ماكان بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىنلىق ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئىنگرىد ۋىدىيارتو خانىم بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشلەر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردىن تېگىشلىك يەر ئېلىش بىلەن بىرگە، ئەدەبىيات سېپىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئىنگرىد ۋىدىيارتو خانىم ئەنە شۇ خىلدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ 2017-يىلى دېكابىردا نەشردىن چىققان «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق ئەسىرى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقەلەرنى تىپىكلەشتۈرۈش ئاساسىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

ئىنگرىد خانىم گېرمانىيەنىڭ كيېل شەھىرىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. كېيىنچە ئۇزۇن مەزگىل بېرلىن شەھىرىدىكى ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن. ئۆزىنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە ساياھەتنى ياخشى كۆرۈشتەك ھەۋىسى سەۋەبلىك تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن گېرمانىيەدە «ئۇيغۇرلار زېمىنىغا سەپەر» (2012-يىلى) ۋە «يانار-ئۇيغۇر: خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىي رايونىدىكى بىر ياشنىڭ ھاياتى» (2013-يىلى) ناملىق كىتابلىرىنى گېرمان تىلىدا نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابلار نەشردىن چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى ئاستىدا يەنچىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭدار مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە «دەرت-ئەلەمگە تولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ ئومۇمىي كارتىنىسىنى گېرمانىيە خەلقىگە جانلىق ۋە تەسىرلىك شەكىلدە تەسۋىرلەپ بېرىشتىكى يېگانە ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان.

بۇ يىل نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق ئەسەر 2015-يىلى گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنىپ، تارقىتىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتقاندا نەشرىياتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشى سەۋەبلىك تارقىتىلىشتىن توختاپ قالغان. ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئاپتور ئىنگرىد خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى كىتابىم. بۇ كىتاب نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ نەشرىيات ۋەيران بولدى ۋە بىرنەچچە ئايغا بارمايلا كىتاپلارمۇ يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ كىتابنى تۈزىتىپ ۋە ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئېلېكترونلۇق كىتاب قىلىپ چىقارسام بولامدىكىن، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى مەن قايتىدىن بىر نەشرىيات تاپىمەن دېسەم ئۇنىڭغا بەك جىق پۇل كېتىدىكەن. شۇڭا ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بېرلىندا ئېلېكترونلۇق كىتاب چىقىرىدىغان بىر نەشرىياتنى تاپتىم، ئۇلار كىتابنى باسما شەكىلدىمۇ چىقىرىدىكەن. شۇڭا بۇ قېتىم نەشر قىلىنغىنى ئاشۇ ‹ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر› ناملىق ئۈچىنچى نۇسخا بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ... شۇنداق قىلىپ مەن ئۈچ كىتاب يازغان بولدۇم.»

بىز ئۇنىڭ ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرنەچچە پارچە ئەسەر يازغانلىقىنى ئەسلىتىپ، بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان ئەسەرنىڭ ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدىن قانداق پەرقى بارلىقىنى سورىدۇق. ئىنگرىد خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېزىقچىلىقىنىڭ «ئۇيغۇرلار زېمىنىغا سەپەر» ناملىق ئەسەر ئارقىلىق باشلانغانلىقىنى ئەسلىگەچ مۇنداق دېدى:
«بىرىنچى كىتاۋىم ساياھەت ھەققىدە يېزىلغان. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مەن ئۆزۈممۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىق نەرسە بىلىپ كەتمەيتتىم. ئۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇ ۋاقىتتا بىرەيلەن ماڭا ئۇيغۇرلار ھەمدە شىنجاڭدىكى ھاياتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە تۇنجى قېتىم تەپسىلىي پاراڭ قىلىپ بەرگەن. بۇ ئىشلارنى دۇنيانىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا شۈركۈنۈپ كەتتىم. چۈنكى ياۋروپادا تىبەتنى بىلمەيدىغان كىشى يوق، ھەممىلا ئادەم دالاي لامانى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تىبەتلەرگە ئوخشاشلا ناچار بولسىمۇ كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ جەھەتتە ئۆزۈم بىر ئىش قىلىپ باقاي، دەپ ئويلىدىم. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈم بۇ ھەقتە بىر نەرسە ئۆگىنىشىم زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇڭا بىرىنچى كىتاۋىم ئۆزۈمنىڭ ساياھىتى، بۇ دىيار ھەققىدىكى ئومۇمىي مەلۇمات خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار، ئۇنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلار ئاساسىدا يېزىلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى بىر پارچە ساياھەت خاتىرىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.»

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى كىتابى «يانار-ئۇيغۇر» نى يېزىش جەريانىدا راست ۋەقەلىكلەرنى ئۇدۇللا بايان قىلىشتىن كۆرە ئۇلارنى ئەدەبىيلەشتۈرۈپ چىققاندا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. بۇ بولسا ئۇنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىدە مۇشۇنداق بىر ئۇسلۇبنى ئىزچىل قوللىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىككىنچى كىتاۋىمغا كەلسەك، بىر دوستۇم ئۆزىنىڭ تەكلىماكان چۆلىنىڭ بويلىرىدا ئۆتكۈزگەن بالىلىق ھاياتىنى ماڭا ھېكايە قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ‹بۇ ھەقتە چوقۇم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالىغۇدەك بىر نەرسە يېزىشىم لازىم ئىكەن› دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن كاللامغا بىر پىكىر كەلدى: ئۇ جايدا شۇنچە كۆپ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىكەنمەن، ئۇ ھالدا بۇ ۋەقەلەرنى ھېكايىلەشتۈرۈپ يېزىپ چىقسام بۇنى ئاۋام خەلق ئوقۇسا، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم.»

ئىنگرىد خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋالى ھەققىدە گېرمانىيە خەلقى قىزىقىپ ئوقۇغۇدەك بىر ئەسەر يېزىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن ياۋروپادىكى، جۈملىدىن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى ئاساسىي يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا قەلەم تەۋرىتىش خىيالىغا كېلىدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن «ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەي قالغان» لىقى ئايان بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«دەسلەپتە كىتابىمغا لازىملىق تېمىلارنى قەيەردىن تېپىش لازىملىقىنى بىلەلمىدىم. چۈنكى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە سۆزلەشنى خالىمايدىكەن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن قەلب يارىسىنى تاتىلىغانلىق ھېسابلانسا كېرەك ياكى ئۇلار بېشىدىن ئۆتكەن ئۇ قاباھەتلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلامدىكىن، بىلمىدىم. ئەمما بۇ توغرىلىق كۆپ گەپلەرنى ئاڭلىدىم. ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ خىلدىكى بەزى ھېكايىلەرنىڭ ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› نىڭ ئىنگلىزچە سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي يۈز بەرگەن مۇشۇ ۋەقەلەر ئاساسىدا ھېكايە يېزىپ باقسام قانداق بولار، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرى ئاۋام خەلقنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.»

«ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق ئەسەردە يىگىرمىگە يېقىن پېرسوناژنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ، ئەمما بۇ شەخسلەر بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، تارىم ۋادىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ياشىغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بولغان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يېزىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەسلىدە مەن بىر پۈتۈن شەكىلدە داۋام قىلىدىغان بىرلا ۋەقەنى يازىمەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۇنداق قىلىشقا مېنىڭ ھېچ ئىلاجىم بولمىدى. يەنە كېلىپ مەن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ھېكايە قىلىپ بېرەلەيدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچرىتالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنداق ئويلىدىم: ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ئايرىم-ئايرىم شەخسلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى ھېكايىلەشتۈرۈپ چىقسام، بۇ ھېكايىلەر ئاشۇ ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ناھەقچىلىكلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ تەسۋىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا بولسا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق دەردىنى بايان قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. چۈنكى سىياسىي بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئاشۇ ئاددىي ئىنسانلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇشۇ توقۇنۇشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.»

ئىنگرىد ۋىديارتو خانىم ئالدى بىلەن «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق ئەسەرنى ئۆز ئانا تىلى بولغان گېرمان تىلىدا يېزى چىققان. كىتابنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوقۇشى ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئېگە بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئان دېشېسنى، تىم دياس، لۇئىزا گرېۋ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ كىتابنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ گېرمانچە نۇسخا بىلەن بىللە بازارغا سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىنگرىد خانىم يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ساھەسىدىمۇ پىداكار شەخسلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تور بەتتە «غەرب دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇشۇنداق بىر تور بەتنى ئېچىشنىڭ لازىملىقىنى ئويلىدىم،» دەپ يازىدۇ.

مۆھتەرەم رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! مەزكۇر پروگراممىمىزنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.