ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرىتى خىتاينىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە چېتىشلىقمۇ؟

0:00 / 0:00

بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ھىجرەت قىلىشىغا خىتاي زۇلۇمىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزىلىرى بۇ ھىجرەتنىڭ ئارقىغا خىتاي سۇيىقەستىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە قېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ باردى. مۇتلەق كۆپ قىسمى قاچاق يوللارنى بېسىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە، ئاندىن تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىدى، يەنە نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرى كىرگەن ئەللەردە تۇتۇلۇپ قېلىپ، بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلدى. خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.

كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشىگە، خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ ھەمدە بۇنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئوخشاش قاراشتىن سىرت، بۇ ھىجرەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇيىقەستىگىمۇ باغلىماقتا. شۇلاردىن بېرى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي زۇلۇملىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش رەسمىيەتلەرنى قىيىنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن چەكلەپ كەلگەن. يېقىندا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا پاسپورتنى ئاسانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە يەنە مىڭلارچە ئۇيغۇر پاسپورتسىز چېگرالاردىن ئۆتۈپ، يات ئەللەردە پاناھلىنىپ تۇرماقتا ياكى يات ئەللەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ياتماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا پاسپورتنى ئاسانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىماقچى.

بىراق، ھىجرەت قىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، كۆپلىرى خىتاي زۇلۇمىنىڭ ۋە خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر موللىلارنىڭ ھىجرەت تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانلىرى بولسىمۇ، بىر قىسمى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار. ئەنىۋەرجان ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇددىئاسى توغرىلىق توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئاققۇنلار مەسىلىسىدە مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مۇساپىرچىلىق ھاياتنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى.