يوقىلىش گىرداۋىدىكى ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپلىرى: (1) كۇلالچىلىق

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2023.03.29
qol-huner-hunerwen-qapaq.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىدىن بىر مىسال: ساپال ئىۋرىققا گۈل سىزىۋاتىدۇ. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Baidu

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدىن دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ھەر خىل ھۈنەر-كەسىپلەر ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە تىرىكچىلىك شەكىللىرى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان زېمىنلار خۇددى مەدەنىيەت قوۋۇقىغا ئوخشاش، تارىختا غەرب ۋە شەرقنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا رول ئويناپ كەلگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە كەسىپلىرى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشتىن باشقا يەنە، قەدىمىي سودا يوللىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلغان ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن.

ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە تارىخ سەھىپىسىدە پارلاق سەمەرىلەرنى ياراتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا. بۇ خىل كەسىپلەردىن كۇلالچىلىق، ناۋايچىلىق، توقۇمىچىلىق، زەرگەرچىلىك ۋە كەشتىچىلىك قاتارلىقلار بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇستىسىز قېلىش، ۋارىسسىز قېلىش ۋە تەرەققىي قىلالماسلىق قاتارلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن غەيرىي ماددىي مىراسلارنى قوغداش ئۈچۈن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ھۈنەر-كەسىپكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى كۆزدىن يوقىتىپ، بۇ خىل ھۈنەرلەرنى يوقىلىش گىردابىغا قىستىماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدىكى ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپلىرى «قالاق» ۋە «ساپاسىز» دەپ قارىلىپ، جەمئىيەتتىن سۈپۈرۈپ تاشلانماقتا ۋە ياكى باشقىچە پەردازلىنىپ خىتاي ساياھەتچىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ۋاسىتىلەرگە ئايلاندۇرۇلماقتا.

كۇلالچىلىق كەسپى ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، سېغىز لايدىن تۈرلۈك ساپال بۇيۇملارنى ياساش كەسپى كۇلالچىلىق دېگەن خاس نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۇلالچىلىق (ساپالچىلىق) كەسپىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، تەخمىنەن 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە ساپالدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئىچىدە رەڭلىك ۋە رەڭسىز ساپال بۇيۇملار بار. قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدىن تېپىلغان ساپالدىن ياسالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى نۇسخا، شەكىل، ماتېرىيال جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش، بىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تىل-مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد ئالاھىدىلىكلىرىگە ھۆكۈم قىلىشتا بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار يۇرتلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ساپال بۇيۇملارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ بولۇپ كوزا، ئىۋرىق، كوزا، جام ۋە ساپال قاچا-قۇچا قاتارلىقلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ساپال بۇيۇم بەلكىم خوتەن يوتقان خارابىسى، نىيە خارابىسى قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان ۋە ياسىلىش دەۋرى مىلادىيە 1-ئەسىردىن 3-ئەسىرگە ئائىت بولغان يادىكارلىقلار بولۇشى مۇمكىن. ساپال بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىدىن قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ بىرقەدەر سىپتا ھالەتكە ئۆتكەن ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئىختىرا قىلغان ساپال بۇيۇملارنىڭ نۇسخا ئالاھىدىلىكى روشەن، ئاددىي بولۇپ، تارىخىي ساپال بۇيۇملارنىڭ گۈل نۇسخىلىرى ئاساسەن گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەردىن تەركىب تاپقان، سارغۇچ ۋە قىزىل رەڭلىك ساپاللارغا قارا رەڭلىك گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن.

فولكلور تەتقىقاتچىسى ئابدۇكېرىم راھماننىڭ بايان قىلىشىچە، قاراخانىيلار دەۋرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ۋە پۈتكۈل سۇلالىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلانغان ئىكەن. بۇ دەۋرگە ئائىت شەھەر خارابىلىرىدىن زور مىقداردا خۇمدان ۋە كۇلالچىلىق ئەسۋابلىرى تېپىلغان.

18- ۋە 19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ھۈنەر-كەسپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ئەل ئىچى ھۈنەر-كەسىپ رىسالىلىرىمۇ قولدىن-قولغا كۆچۈرۈلۈپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن. قەشقەر ۋە خوتەندە يېزىلغان «كۇلالچىلىق رىسالىسى» نىڭ بىر نۇسخىسى ھازىر رۇسىيە سان-پېتېربۇرگدا ساقلانماقتا. كۇلالچىلىق رىسالىسى بۇ كەسپىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە شۇنداقلا خارابلىشىش ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ھەم تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

20-ئەسىرگە كەلگەندە، ئومۇملۇق نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپلىرى كۆلەم جەھەتتىن كېڭىيىش، تۈر جەھەتتىن كۆپىيىش ۋە سۈپەت جەھەتتىن نەپىسلىشىش باسقۇچىغا يۈزلەندى. كۇلالچىلىق كەسپى 2006-يىلى، خىتاي دۆلەت تەۋەسىدە ۋە ئۇيغۇر رايونى تەۋەسىدە ئايرىم-ئايرىم «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

خۇادوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالىمجاننىڭ 2012 قەشقەردىكى كۇلالچىلىق كەسپى ھەققىدىكى ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاپتورنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەسىپ ۋارىسلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە كۇلالچىلىقنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قەشقەردىكى تەۋەررۈك كۇلاچىلاردىن رۇستەم تۇرسۇن ئىسىملىك كۇلالچى كىشىگە ھۆكۈمەت يىلدا 3000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدىكەن، ئەمما ئۇ كۇلالچىلىقتىن كىرگەن تاپاۋەت ۋە بۇ ياردەملەر بىلەن ئائىلىسىنى تەستە قامدايدىكەن.

فولكلورشۇناس ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىقلارنىڭ 2016-يىلى قەشقەر شەھىرى كوزىچى يار مەھەللىسىدىكى قەدىمىي كۇلالچىلىق ھۈنىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 11 ئائىلە ۋە ئۇستىلارنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلىغان دوكلاتىدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا بۇ كەسىپنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى تۈپەيلىدىن راۋاجلىنالمىغانلىقى، كۆپىنچە ۋارىسلارنىڭ قېرىپ كەتكەنلىكى، مۇشۇ كەسىپكە تايىنىپ جان باقىدىغان ئائىلىلەرنىڭمۇ تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقى، ساپال بۇيۇملارنىڭ سېتىلىش بازىرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

2021-يىلى خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى باشلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىغا بېرىلىدىغان يىللىق پائالىيەت سوممىسى ئىلگىرىكى 10000 يۈەندىن 20000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن ئىكەن. ئەمما بۇ خىل ياردەملەرنىڭ يەنە ھۆكۈمەت تەرەپتىن بەلگىلەنگەن شەرتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، شەك-شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر ئۇستىلارنىڭ بۇ خىل شەرتلەر بويىچە تەستىقلىنىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز ساندا. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھۈنەر-كەسىپلەرنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە، شەخسىي مەبلەغ سېلىپ كۇلالچىلىق سېخلىرىنى قۇرۇپ، كىچىك كۆلەمدە كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، 2022-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇنجى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مۇزېيې قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 200 مىليون يۈەنلىك ئىستراتېگىيە ھەمكارلىق توختامى ئىمزالانغان. خىتاي دۆلەت مالىيەسىدىن ئۇيغۇر رايونىغا ئاجرىتىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ياردەم خامچوتىمۇ 2021-يىلدىكىدىن ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ ئاتاقتا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش ياكى ياخشىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئەكسىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۇلالچىلىق كەسىپىنى قوغداش نامىدا تىزىملاتقان بىرقانچە ئورۇننىڭ بىرى يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتكە «كۇلالچىلىق كەنتى» دەپ ئىسىم قويۇلغان. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، «كۇلالچىلىق كەنتى» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن يېزا ساياھىتىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە رول ئوينىماقتىكەن. ئەمەلىيەتتە، «كۇلالچىلىق كەنتى» شەندۇڭ قاتارلىق خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» نامىدا قۇرۇلغان كوپىراتىپى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ۋە خىتاي تور چولپانلىرى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن.

كۇلالچىلىق كەسىپىنىڭ يوقىلىشى يەنە ھۈنەرۋەنچىلىكتە كەم بولسا بولمايدىغان شاگىرت تەربىيەلەش ئەنئەنىسى، شۇنداقلا ھۈنەر-كەسىپكە خاس كەسپىي ئىبارە-ئاتالغۇلار قاتارلىق بىر يۈرۈش كۇلالچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئامىللار بىر مىللەتنىڭ مىللىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار بولۇپ، ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان ھۈنەر-كەسىپلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت مىزانىنى ساقلاش ۋە قوغداش، پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.