ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام ئەللىرىگە ئاڭلىتىش زۆرۈر
2014.12.05
پەلەستىن مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب ئەللىرى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئۇيغۇر مەسىلىسى بولسا دۇنياغا يېڭىدىن ئاڭلىتىلىۋاتقان ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق ئەللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالاھىدە بىر ياردىمىگە ۋە ياكى ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان مەسىلە.
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئاۋسترالىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىدا ئۇيغۇرلار تەغدىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ تەغدىرىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا يىتىم قالدۇرۇلۇشىدىكى تۈپ سەۋەبلەردىن بىرى - خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم سىياسىي مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
دوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دىنىي قېرىنداشلىرىغا بىلدۈرۈش ۋە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشى زۆرۈر.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار ياپونىيەدىكى ئىختىيارىى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت پروگراممىسىدا بولسۇن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.