ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان «خىتاي تەتقىقاتى» ناملىق كىتابقا ياپونىيىلىك سېلىشتۇرما مائارىپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «شىنجاڭدىكى جەدىتچىلىك»، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان مائارىپ ھەرىكىتىش ماۋزۇلۇق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مائارىپ ئىسلاھاتى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىچە مەكتەپلەر توغرىسىدا توختالغان.
ماقالىدە يېڭىچە ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپى 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىلا باشلانغان. 1909 - يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر مائارىپى ئىنقىلابى ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ھەرىكىتى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ياماگۇچى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم تارىخى ئىنقىلابلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن.
ماقالىدە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى رۇسىيە مائارىپى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، رۇسىيە مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سىڭىپ كىرىش جەريانىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن رۇسىيە سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى رۇسىيىدە تىجارەت قىلىپ، كۆپلىگەن پايدىغا ئېرىشكەن. پۇلدار ئۇيغۇر بايلىرى ئوسمانلى ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ئۆزىگە قېرىنداش بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم - پەن، مائارىپ ۋە ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتتا ئۇيغۇرلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە تولىمۇ كېچىكىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ كېلەچىكىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇيغۇر مائارىپ ئىنقىلابى ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىلغار پىكىرىلىك كىشىلەردىن باشلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تەرەققىيات ئىنقىلابى، ئۆزىگە ئوخشاش مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىنقىلابىغا تەقلىد قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدە ياشىغان بىلىملىك مۇسۇلمانلار، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جەدىتچىلىك يەنى يېڭى مائارىپ ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى باشلاپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ نامىنى «ئۇسۇلى جەدىت» يەنى يېڭى يول، يېڭىچە ئۇسۇل دەپ ئاتاپ، ئەنەنىۋىي مائارىپ ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ،ھازىرقى مائارىپقا كۆچكەن. رۇسىيە ئىمپېرىيىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپى بولسا، ئەنەنىۋىي ئىسلام مائارىپىغا زامانىۋىي مائارىپنى قوشۇپ،ئانا تىل، رۇس تىلى، ماتىماتىكا، تارىخ ۋە جۇغراپىيە دېگەندەك دەرسلىك كىتابلىرىنى ئىشلەتكەن. ئوقۇغۇچىلارنى يىللىقلارغا ئايرىغان. بۇ مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋىي مائارىپ ئۇسۇلىغا قارىغاندا يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خىلدىكى مائارىپ ئۇسۇلى رۇسىيە ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئۆلكىلىرىگە تىز تارالغان. ئۇيغۇرلاردىكى يېڭىچە مائارىپ ئىنقىلابى چەتئەللەردە يېڭىچە مائارىپتا يەنى جەدىتچە ئۇسۇلىدا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە رۇسىيىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇسۇلمان زىيالىيلار ئۇيغۇر بايلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئاچقان. ئۇيغۇرلاردىن ئۈستۈن ئاتۇشتىن چىققان ئاكا - ئۇكا مۇسابايلار،1907 - يىلى ئىلىدە، ئۈستۈن ئاتۇشتا مەكتەپ قۇرغان. 1912 - يىلى ئۇيغۇرلاردىن يىتىشىپ چىققان دىنىي ئالىم ۋە ئىنقىلابچى ئۆلۈما ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە يېڭىچە ئۇسۇلدا مەكتەپ ئاچقان. 1914 - يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ «بىرلىك ۋە گۈللىنىش كومىتېتى»دىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەھمەت كامال ئۈستۈن ئاتۇشتا پېداگوكىكا مائارىپ مەكتىپىنى قۇرغان. تۇرپاندىكى ئۇيغۇر بايلىرىدىن مەخسۇت مۇھىتى، مۇسۇل مۇھىتى ئاكا - ئۇكىلار رۇسىيىدىن تاتار ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، تۇرپاندا مەكتەپ ئاچقان. يېڭىچە مائارىپ 1910 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلغان.
ماقالىدە، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى يېڭىچە مائارىپ ئىنقىلابىنىڭ گۈللىنىشى، بۇ ئىنقىلابنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ ئاقىۋەتتە ياڭ زېڭشىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت پاجىئەلىك تارىخ مۇنداق ئىپادىلەنگەن: ياڭ زېڭشىڭ بۇ ھەرىكەتنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن مۇئەللىملەرنى تۇتۇپ، تۈرمىگە سولاپ، مەكتەپلەرنى ئارقا - ئارقىدىن تاقاشقا باشلىغان. ياڭ زېڭشىڭنىڭ باستۇرۇشى بىلەن، بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر تەدرىجى تاقىلىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ئىنقىلابى ھەرىكىتى يەنى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى 1920 - يىلىغىچە ئاساسەن يوق قىلىۋىتىلگەن. بۇ يېڭىچە مائارىپ ئىنقىلابى ھەرىكىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىنقىلابىدىكى كىملىكىنى تونۇشى، ئويغىنىشى ۋە ئۆز مىللىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان.
ماقالىدە، 1933 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان شېڭ شىسەينىڭ، سوۋېتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى ھەققىدە مۇنداق توختالغان: شېڭ شىسەي باشتا سوۋېتكە يېقىنلىشىپ، ھەممە مىللەت باراۋەر، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك دېگەندەك يېڭى سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرنىڭ مائارىپىدا يالغاندىن گۈللەندۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئىقتىسادىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى يەرلەردە 1934 - يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ مائارىپ ھەرىكىتى باشلانغان، بۇ ھەرىكەتتە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى،مائارىپچى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەر شەھىرىنىڭ مائارىپ مەھكىمىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە تەشكىلىك ھالدا مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇ ھەرىكەت قەشقەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭ نەتىجسىدە ئۇيغۇر مائارىپى يەنە بىر قەدەم تەرەققى قىلغان. شۇ زامانلاردا ئۇيغۇرچە كىتابلار نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرى ئورۇنلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى سۆزلىنىپ، گېزىتلەردە يېڭىچە مۇنازىرىلەر باشلىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى باشقىچە ئۇسۇلدا جانلانغان ئىدى. مانا شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دېگەن نام ۋە ئۇيغۇر كىملىكى جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئىدى.
ماقالىدە، شېڭ شىسەيدىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى مۇنداق بايان قىلىنغان: ئۇيغۇر مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى 1934 - يىلى باشلىنىپ،1937 - يىلى ئاخىرلاشقان. سوۋېتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ بولغان شېڭ شىسەي ھەممە ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، دىكتاتورلۇقنى چىڭىتىپ، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى يوقىتىپ، خىتاي ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە قويغان. پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، مىللەتچىلەرنى، ئۆلۈمالارنى ئۆلتۈرگەن، مەھمۇت مۇھىتى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن، يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىگە ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگەشكەنلەرنى، بايلارنى ۋە زىيالىيلارنى تۈرمىگە سولاپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.
تەتقىقاتچىلار ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان:
شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى بىر مەزگىل توختاپ، ئەمدىلا دىمىنى ئېلىۋېلىشقا تەمشىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى، ئۇيغۇر خەلقى ئاخىرى خىتاي كومپارتىيىسى ئاتلىق خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00