ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاينىڭ «مىللىي كادىر» كوزورى قانداق ئوينالدى؟

0:00 / 0:00

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىكى ئورنىنىڭ يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، بارلىق ھوقۇقلارنىڭ كۆچمەن خىتايلار قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئادالەتسىز، ئەڭ نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئەكسىچە يەنىلا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىشى تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلدى ھازىر، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئومۇمىي كادىرلار سانىنىڭ %51ini ئىگىلىدى» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ۋە 60 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

1955-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 1984-يىلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئېلان قىلدى ۋە يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى خىتاينىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىي تۈزۈمى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىللىق مۇساپىسىگە باھا بېرىپ «ھازىرقى شىنجاڭدا ئىقتىساد گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئىناق، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق باياشات. ھەر مىللەت خەلقى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى» دەپ شەرھلىمەكتە.

خىتاي بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى جۇڭگوچە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان توغرا يول بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىشىنى تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈردى. دەپ كۆرسەتمەكتە ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ناتوغرا سىياسەتلىرى بىلەن بارلىق ھەق-ھوقۇق ۋە يەرلىك مىللەت مەنپەئەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى، زېمىنغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، سىياسىي، مەمۇرىي ئىقتىسادىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىمۇ تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

خىتاينىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ناھەق ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىمۇ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاپتونومىيىلىك قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ مىللىي كادىرلار قوشۇنى قاتارلىقلارغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ تارىيىشى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى60 يىلدىن بۇيان يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان مىللىي كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بارلىق تەشۋىقاتلىرىدا مۇنۇ ئىككى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە. يەنى:
1) ھازىر، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى 420 مىڭچە بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئومۇمىي كادىرلار سانىنىڭ 51% ئىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ سان، 2009-يىلىدىكىدىنلا 14% ئاشتى.

2) 2014-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جەمئىي 550 كىشى بولۇپ، 14 مىللەتتىن تەركىب تاپتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر 66% نى ئىگىلىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەتلەنگەنلىكى، كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك شاھىتى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن بۇ ستاتىستىكىلىرىنى ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى«ئاساسسىز سەپسەتە» دەپ رەددىيە بەردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە «ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايوننىڭ بارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن تارتىپ بارلىق كەنتىدىكىلەرگە قەدەر كادىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاي ۋە يەرلىك مىللەتتىن سىرت، باشقا مىللەتلەرمۇ ئىگىلەيدۇ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەزەلدىن ئەمەلىيلىشىپ باقمىدى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ قاتتىق چاڭگىلىشىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئۇيغۇر رەھبەرلەر ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەش، قارار ئېلىش ھەم ئىجرا قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ خىتايلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان قورچاققا ئايلاندۇرۇلدى» دەپ كۆرسەتتى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ خەۋەرلىرىدە «شىنجاڭدا مىللىي كادىرلار 2009-يىلىدىكىدىنلا 14% ئاشتى» دېگەن جۈملىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، بۇ ئۆرلەشنى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئاساسىي قاتلاملارغا ياردەمچى ساقچى ۋە مۇقىملىققا، بىخەتەرلىككە مەسئۇل ساقچى شتاتىنى كۆپەيتكەنلىكى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈردى ۋە بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى،مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئاساسىي قاتلاملارغا مەجبۇرىي چۈشۈرۈلۈپ، ئۆزىگە ئۆز ئائىلىسىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان،بۇ خىل سىياسىي تۈزۈلمىدە مىللىي كەمسىتىشكە، تەڭسىزلىككە، خورلۇققا، ھەر تەرەپتىن بېسىمدا قالغان، چىقىش يولى يوق بىر تۈركۈمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.