كىملىكىتىكى چېكىت
2019.04.17

«كىملىكتە چېكىت بار» دېگەن سۆزنى ئۇيغۇر بولۇپ باقمىغان بىرىگە چۈشەندۈرۈش بەسىي مۈشكۈل. بۇ يەردە «چېكىت» دېگەن سۆز «سىياسىي گۇمان، سىياسىي پالاكەت، سىياسىيلاشقان سۇيىقەست» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ بىر سۆزنى چەت تىلدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سائەتلەپ گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «چېكىت يۇيغۇزۇش» دېگەن گەپمۇ ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتنىڭ لۇغىتىدىن تېپىلمايدۇ.
كىملىكى چېكىتلىك ئۇيغۇر پاسپورت ئالالمايدۇ، مەمۇر بولالمايدۇ، ئۆزى خالىغانچە كەسىپ قىلالمايدۇ، يۇرتىدىن يىراق بارالمايدۇ، چەتئەلگە ئەسلا چىقالمايدۇ. كىملىكتىكى بىر چېكىت سېنى ئاچاللاردا سائەتلەپ ئاۋارە قىلىدۇ. ساقچىلار شۇ چېكىتلىك كىشىلەرنى كۆرۈپ قالسا ھاردۇق ئالىدىغانغا چىققان باھانىدىن خوش بولۇپ دەرھال ئىشكەللەرنى شاراقلىتىپ تەييار بولىدۇ. بىر چېكىتلىك ئۇيغۇر تۇتۇلغان ھامان نۆۋەتتە تۇرغان بىر بۆلۈك قوراللىق ساقچى يالاپ ئېلىپ ماڭغان بولۇپ شەھەرلەرگە يول ئالىدۇ. بىر ۋاقىت تاماق يەۋېلىش، بىر پەس پاراڭ سوقۇش، بىر ئىككى ئېغىز قۇرۇق گەپ، لاۋزا چاقچاقلىرىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىر ئادەمنى سائەتلەپ سوراق قىلىدۇ.
مېنىڭ كىملىكىم 1992-يىلى بېيجىڭدا چىققاچ چېكىت يوق ئىدى. 2011-يىلى تومۇزدىن كېيىن تېلېفونۇمدا چېكىت بارلىقى بايقالدى. ئامېرىكادىن كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تېلېفونۇمدا بىرى بىلەن ھەمشېرىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. بۇ شېرىكىمنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىدىكى خادىملار ئىكەنلىكى شۇ يىلى دېكابىردا ئېنىقلانغان ئىدى.
قاماقتىن چىققاندىن كېيىن تېلېفونۇم نامەھرەمدىن قۇتۇلغان بولدى، ئەمما كىملىكىم كۆرۈنمەس، مەخپىي چېكىتلىك بولۇپ قاپتۇ. قەشقەر كۆكئېرىقتا كىملىكىم شەرمەندىلەرنىڭ ئۈسكۈنىسىنى قىزارتىۋېتىپ تۆت سائەت قامالدىم. قارغىلىقتا كىملىك تەكشۈرگەنلەرنىڭ ئۈسكۈنىسى قىزىل ياندۇرۇپ كۆزلىرىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتتىم. بىچارە مەسۇملارنىڭ قوللىرى تىترەپ تۇرسىمۇ، خۇددى مەن قورالدىن قورقۇپ كېتىدىغاندەك سىتوۋۇللارنى چىنەپ كېتىشلىرىنى نېمە دەي! 2015-يىلى تومۇز پاجىئەسىنىڭ ئەتىسى كىملىكىم سەۋەبلىك بىر تەكشۈرۈش پونكىتى ئازاد قىلىندى. قوراللىق ساقچىلار ماشىنىسىنى چىقىراتقان پېتى ئۈسكۈنىسىنى قىزارتقان مېنى ئېلىپ تاختا كۆۋرۈكتىكى ئامانلىق باش ئەترەتكە يول ئالدى.
چېكىتلىك كىمكىمنىڭ زۇلۇم ئاپپاراتلىرىنى قىزارتىشى ۋە ساقچىلارنىڭ مېنىڭ چىرايىمنى سارغايتىپ ئۈستى-بېشىمنى كۆكەرتىشى 2015-يىلى ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلدى. ئەجدادلار چۆچەكلەردە تولا تىلغا ئالىدىغان، سەپەرچىلەر دائىم دۇچ كېلىدىغان يوللار ئىچىدىكى «بارسا يا كېلەر يا كەلمەس» يولغا قەدەم باسقىنىمدا كىملىكىم ئاخىرقى قېتىم قىزاردى.
چېكىتلىك كىملىكىم سەۋەبلىك ئايرودرومدا ئۇچالماي ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. «جىنايەت خاتىرەم» ھەققىدە سوراشتى. «جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى» دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چەتكە چىقماق تەس ئىدى. كىملىكىم لەنجۇنىڭ بولغاچ تېلېفون ئاقكۈمۈش ساقچىخانىسىغا ئۇلاندى. مەن لەنجۇدا ياشىغان ئالتە يىلدا خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇدىن ئالداپ ياكى تۇتۇلۇپ كېلىنىپ ئوغرىلىققا سېلىنغان بالىلارنىڭ ئىشى بىلەن بۇ ساقچىخانىغا كۆپ بارغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەكتەپتە مەن بىلەن ئىسىمداش يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ئابدۇۋەلىمۇ بار ئىدى. قارشى تەرەپ تېلېفوندا نېمە دېدى، بىلمىدىم، ئەمما ساقچىنىڭ چىرايى ئېچىلدى. ماڭا قاراپ «كىملىكىڭدىكى چاتاقنى ئوڭشىۋەت» دېدى. دېمەك، ساقچىخانىدىكىلەر يا مېنى پروفېسسور ئابدۇۋەلى دەپ قالدى، ياكى ئۇلارچە لەنجۇدا ئابدۇۋەلى بۇرۇن چاتاق چىقارمىغان، چىقارمايتتى.
قىزىق يېرى خىتاينىڭ كىنىشكىلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن، ئەمما ئىسمىدىن تارتىپ روھى ۋە جىسمىغىچە خىتايغا يات ھەر بىر كىملىكتە چېكىت بار. خىتايدا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق خىتايچە ئىسىم قويمايدىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىملىكى پۈتۈنلەي چېكىتلەنگەن. ھالبۇكى، مېنىڭكىدە يوق. لەنجۇدا ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك بېجىرگەندە بېيجىڭدا چالا قالغان دادامنىڭ ئىسمىنى يازغۇزالمىغان ئىدىم، كىملىكىم ئۇيغۇرغا خاس بىر چېكىتتىن مەھرۇم ئىدى.
كىملىكتىكى چېكىت بۇ قېتىملىق ئومۇمىي تۇتقۇندا پەرقلەندۈرگۈچ بولدى. شۇ بىر چېكىت بىزنى خىتايدىن ۋە خىتايدىكى لاگېرغا كىرمەيدىغان بارلىق مىللەتلەردىن ئايرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ بىر چېكىت ئارقىلىق بىزنىڭ شۈبھىلىك ياكى ئەمەسلىكىمىزنى بىرىنچى قەدەمدە ئايرىدى. ئۇلار يەنە بىرلا كۇنۇپكىنى بېسىپ بىزنىڭ چىرايىمىز، ئاۋازىمىز، كۆز رەڭگىمىز، بانكا ھېسابىمىز، ئادرېسىمىز، ئائىلە ئەزالىرىمىز، يېقىن يارەنلىرىمىز، پوچتا، پېرېۋوت يوللانمىمىز، مال يوللاش، تاپشۇرۇۋېلىش، تور ئالاقە، تېلېفون قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرلىرىمىزغا ئېرىشتى. بىزنىڭ لاگېرغا لايىق ياكى لاۋازىمغا تالىق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى شۇ كىملىككە قويۇلغان بىرلا چېكىت بېكىتكەن ئىدى. شۇ چېكىتلىك كىملىكىمىز خۇددى نۇرلۇق پېشانىمىزدىكى قارا داغدەك، زىناقلىرىمىزدىكى سۆگەلدەك، بەردەم ئالقانلىرىمىزدىكى قاپارتقۇدەك، ئايىغىمىزغا كىرگەن تاشتەك بىزنى بىئارام قىلماقتا ئىدى.