رۇسىيە ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە باشقا ئاسارئەتىقىلەرنى يىغىشقا باشلىغان شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان دۆلەت. بۇ دۆلەت يىغىۋالغان قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرى مىلادىيە 3-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇزۇن بىر تارىخىي دەۋردە بارلىققا كەلگەن. بۇ بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى كۈنىمىزدە رۇسىيەنىڭ بۇرۇنقى پايتەختى سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ۋە مەدەنىيەت سەنئەت بۇيۇملىرى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك مۇزېيلىرىدىن بىرى بولغان ئەرمىتاج مۇزېيىغا قويۇلغان. 4000 دىن ئارتۇق ھەر خىل تىلدىكى قىممەتلىك قوليازما ۋە باسما ئەسەرلەر بولسا رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىن ئورۇن ئالغان. كۆپ ساندىكى كىيىم-كېچەك ۋە توقۇلما بۇيۇملار يەنە شۇ شەھەردىكى ئېتنوگرافىيە مۇزېيىدا مۇھاپىزەت قىلىنماقتا. 19-ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن بۇ شەھەرگە ئېلىپ كېلىنگەن بۇ بايلىقلاردىن باشقا يەنە سانكىتپېتېربۇرگقا كېلىش سەۋەبى بۇلاردىن تولىمۇ پەرقلىق يەنە نۇرغۇن بىباھا مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 1945-يىلى بېرلىندا يوقىلىپ، 2008-يىلى ئەرمىتاج مۇزېيدا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان بىر يۈرۈش مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، قوليازما ۋە باسما ئەسەرلەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ ھەم خۇشال قىلىدۇ.
بۇ ئەسەرلەر قانداق قىلىپ بېرلىندىن سانكىتپېتېربۇرگقا كېلىپ قالدى؟ قانداقسىغا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن قايتا بايقالدى؟
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىكى قوليازما ۋە باسما ئەسەرلەر 120 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تەتقىق قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. ئەمما پۈتكۈل رۇسىيەدىكى مىراسلىرىمىز سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتىمىز يوق. 19-ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدىن باشلاپ بۇ ئەقىل پاراسەت بايلىقلىرىنى رۇسىيەگە يۆتكىگەن ئايرىم شەخسلەر ۋە مەخسۇس ئەۋەتىلگەن ئۆمەكلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن ئېلىپ كەتكەن بۇ بىباھا بايلىقلارغا كېيىنچە 1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە 3 قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يىغىۋېلىنغان ھەر خىل بۇيۇملار شۇنداقلا قول يازمىلار قوشۇلدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ قىممەتلىك مىراسلاردىن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەرمىتاج مۇزېيىدا، قوليازما ۋە باسما ئەسەرلىرىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا توقۇلما بۇيۇملارنىڭ ئېتنوگرافىيە مۇزېيىدا ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم كىچىكرەك يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرىدا ۋە ئائىلىلەردە ساقلىنىۋاتقان ھەر خىل بۇيۇملار ۋە قىممەتلىك ئەسەرلەرمۇ بار. بۇلاردىن باشقا يەنە شۇ ئەرمىتاج مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئەمما بۇ شەھەرگە كېلىش سەۋەبى باشقا بۇيۇملاردىن پەرقلىنىدىغان يەنە بىر قىسىم مەدەنىيەت سەنئەت بۇيۇملىرى، يازما ۋە باسما ئەسەرلەرمۇ بار.

ئۇزۇن يىللىق جاپالىق خىزمەت نەتىجىسىدە 2002-يىلى بېرلىن ھىندىستان مەدەنىيىتى مۇزېيىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋەيرانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كاتالوگلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىدۇ. 3 قىسىملىق بۇ كاتالوگدا ھەر بىر يوقالغان بويۇمنىڭ تۈرى، دەسلەپ بېرىلگەن نومۇرى، چوڭ كىچىكلىكى، تېپىلغان ئورنى ۋە ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكىگە كاتالوگنىڭ 3-قىسمىدىكى 104-بەتتىن 297-بەتكىچە ئارىلىقتا ئورۇن بېرىلگەن. بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئەينى ۋاقىتتىكى مۇزېي دىرېكتورى پىروفېسسور مارىئاننا يالدىز (Marianna Yaldiz) خانىم 2005-يىلى يازغان بىر ماقالىسىدە, 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بېرلىندا يوقىلىپ كەتكەن ھىندىستان مەدەنىيىتى بۇيۇملىرىنىڭ سانى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە «تۇرپان توپلىمىدىن يوقىلىپ كەتكەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ سانى 1562، بۇلار تام رەسىملىرى، ھەيكەللەر، توقۇلما بۇيۇملار ۋە قوليازمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ يازىدۇ. يوقالغان بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭى تۇرپان بېزەكلىكتىن ئېلىپ كېلىنگەن كەڭلىكى 7 مېتىر، ئېگىزلىكى 4 مېتىر كېلىدىغان تام رەسىمىدۇر. «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە سەنئەت تارىخى» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى يالدىز خانىم يازغان بىر نەچچە ماقالىنىڭ مەزمۇندىن قارىغاندا، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئېتىبار بېرىلمەي قالغان بۇ بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش خىزمىتى 1934-يىلى باشلانغان. ئۇ ۋاقىتتا بۇيۇملار «ئەسلىگە كەلتۈرگىنى بولمايدىغان بۇيۇملار»، «ئالاھىدە قىممەتلىك» ۋە «باشقىلار» دېگەندەك 3 تۈرگە ئايرىلغان ۋە دەسلەپكى ئىككى تۈرى بېرلىندىكى پەرقلىق ئورۇنلارغا يۆتكەلگەن. 1944-يىلى بۇيۇملارنىڭ يەنە بىر قىسمى گېرمانىيەنىڭ ۋىسبادېن (Wiesbaden) ۋە لايىپتسىگ (Leipzig) قاتارلىق شەھەرلىرىگە توشۇلغان. ئەپسۇسكى، بېرلىندا قالغان بۇيۇملارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە سەرخىللىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ رەھىمسىز ئوتلىرىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. 1990-يىلى شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيەلەر بىرلىشىشى بىلەنلا لايىپتسىگتىكى بۇيۇملارنى بېرلىنغا يۆتكەش خىزمىتى باشلىنىپ 1992-يىلىغىچە لايىپتسىگدىن بېرلىنغا 55000 مەدەنىيەت بۇيۇمى يۆتكەپ كېلىنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن 195 پارچە قوليازما ۋە باشقا بۇيۇملارمۇ بار ئېدى.
2002-يىلى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. شۇ يىلى يالدىز خانىم ئەرمىتاج مۇزېيى دىرېكتورىنىڭ تەكلىپى بىلەن سانكىتپېتېربۇرگقا بارىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ مۇزېي ئىسكىلاتىنى زىيارەت قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ. يالدىز خانىم قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ئىسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملار ئارىسىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بېرلىندا يوقىلىپ كەتكەن 294 پارچە قول يازما، تام رەسىملىرى ۋە توقۇلما بۇيۇملىرىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. يالدىز خانىمنىڭ قارىشىچە بۇ بۇيۇملار ئۇرۇش غەنىيمىتى سۈپىتىدە بېرلىندىن رۇسىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن بۇيۇملارنىڭ بەشتىن بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يالدىز خانىم ۋە باشقا ئالىملارنىڭ پەرەزلىرىگە ئاساسلانغاندا، بېرلىندىن ئېلىپ كېتىلگەن بۇيۇملارنىڭ ئالاھىدە بىر قىسمى سانكتپېتېربۇرگدا، يەنە بى ر قىسمى موسكۋادا ئىكەن.
2008-يىلى ئەرمىتاج مۇزېيى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا مۇزېيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 190 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق تەبىركلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان ۋە بىر يىل داۋاملاشقان كۆرگەزمىدە بۇرۇن بېرلىندىن ئېلىپ كېتىلگەن بىر قىسىم تام رەسىملىرى ۋە باشقا بۇيۇملارمۇ تۇنجى قېتىم زىيارەتچىلەرگە كۆرسىتىلگەن. مۇراسىمدا بۇ ئىككى ئورۇننىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىلەن گېرمانىيە ئېتنوگرافىيە مۇزېيى تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق توختامىمۇ تۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلىق توختامى بولۇپ، دەسلەپكىسى 1900-يىلى رۇسىيە ئالىملىرىدىن كېلېمىنتس (Dmitrii Alexsandrovich Klemenz) ۋە رادلوف (Friedrich Wilhelm Radloff) لارنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈزۈلگەن ۋە 4 قېتىملىق تۇرپان ئېكىسپېدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغانىدى. ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن بۇ ھەمكارلىق ئىككى تەرەپ كەسىپ ئىگىلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغايدۇ. بۇ ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نىشانى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۇپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىدى. 2013-يىلى 3-ئايدا ئەرمىتاج مۇزېيى، بېرلىن براندېنبۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە گېرمانىيە پرۇسىيە مەدەنىيەت مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى باشلىقلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق توختامى تۈزۈلگەن. ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئەرمىتاج مۇزېيدىكى ئەسلى تۇرپان توپلىمىغا تەۋە ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە قوليازمىلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. بېرلىندىن ئۇرۇش غەنىيمىتى سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنگەن بۇيۇملار ئەسلىدىنلا مۇزېيدا بار بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمە قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. بۇ „غەنىيمەت بۇيۇملىرى“ ئارىسىدىكى تام رەسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۇچا قىزىل مىڭ بۇددا ئۆيلىرىگە تەۋە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىلغان. بۇ سەنئەت ئەسەرلىرى گەرچە 1200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا قوللىنىلغان رەڭلىرى ھېچ ئۆڭمىگەن بولۇپ، كۆرگۈچىلەرگە تېخى يېقىندىلا سىزىلغاندەك تەسىر بېرىدۇ. رەسىملەردە ئىپادىلەنگەن شەخسلەرنىڭ يۈز ئىپادىلىرى ۋە تەبەسسۇمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

بېرلىن تۇرپان توپلىمىغا تەۋە 23 پارچە قوليازما ۋە باسما ئەسەرلىرىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار ئالىملارنىڭ تولۇق تەتقىق قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ. قولغا كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرى 2016-يىلى ئېلان قىلىنىپ دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدىكى يەنە بىر بوشلۇق تولدۇرۇلىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر، سانسكرىت، سوغدى، سۈرىيان ۋە خىتاي تىللىرىدىكى بۇ قوليازما ۋە باسما بۇيۇملار ئەسلىدە 1926-يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، پۈتۈن ۋە ياخشى ساقلانغان ئەسەرلەردىن ھېسابلىناتتى. قايتىدىن يورۇقلۇق كۆرگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەردە بۇرۇن بېرلىندا بېرىلگەن تەرتىپ نومۇرلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى بېرلىندىكى ۋاقتىدىلا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ۋە تەتقىق قىلىنىپ نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغانىدى. بەزىلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە بەزىلىرىنىڭ ترانسكرىپتىسيەسى ھازىرغىچە بېرلىندا. بۇ ئەسەرلەرنىڭ قايتا تېپىلىشى، رۇسىيەگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتكەن مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنىڭ يەنە داۋاملىق بايقىلىشى ئۈچۈن يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى. ئەرمىتاج مۇزېيىدىكى تۇرپان توپلىمى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يەنە بىر قۇتىغا قاچىلانغان 100 پارچىدىن ئارتۇق قوليازما قىرىندىلىرىمۇ بايقالدى. بېرلىندا يوقىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن سانكتپېتېربۇرگدا قايتا تېپىلغان بۇ ئەسەرلەر، ساپ تەر بەدىلىگە مەيدانغا كەلگەن ئەقىل پاراسەت بايلىقلىرىنى ھەرقانداق ناھەقچىلىك ۋە زورلۇق كۈچنىڭ يوقىتالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]