ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنمۇ؟ كۆزەتكۈچىلەر نېمە دەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.30
irade-qeshqeri-bdt-da.jpg بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2030-يىلى ياشلار» تېمىسىدىكى يىغىنغا ئامېرىكادىن ۋىرىگىنىيە ئانا تىل مەكتىپى قۇرغۇچىسى ئىرادە قەشقەرى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە. 2019-يىلى 8-ئاپرېل، نيۇ-يورك.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى چەكلەشنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتتى. مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى سۆزلەش ئوچۇق-ئاشكارا چەكلەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىشى، خىتاي تىلىدا سۆزلەپ، خىتايچە ناخشا ئېيتىشى ۋە خىتايچە ئۇسسۇل ئوينىشى دۆلەتنىڭ قولى ئارقىلىق تەشەببۇس قىلىندى ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ۋە پەرزەنتلىرىدىن جۇدا قىلدى. ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا قامالغان مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى يېتىمخانىلاردا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور دەررىن بايلېرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن مۇستەملىكە ھاكىمىيەتلەر مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئائىلىنى ۋەيران قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. دوكتور دەررىن بايلېر رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بىر مەدەنىيەتنى يوق قىلىش ئىنتايىن قىيىن. نۇرغۇن مۇستەملىكە ھاكىمىيەتلەر بۇنى سىناپ باققان بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمىغان. ئەمما ئۇ خەلقلەرگە ناھايىتى زور زىيانكەشلىك قىلغان. بولۇپمۇ بۇ ھاكىمىيەتلەر ئۇ خەلقنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى ۋە ئانا تىلىنى نىشان قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى ئېغىر زىيانلارغا يول ئاچقان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا دەل مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى ئۇزۇن يىللار داۋام قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالغان تەقدىردە، بۇنىڭ زىيىنىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن».

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى مانا مۇشۇنداق ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش، ئۇنى شۇ دۆلەتلەردىكى ئىمكانلار ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇش ئەڭ جىددىي تەقەززالىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل» مەكتىپىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىرادە قەشقىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە بالىلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ئەكېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلار سانى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن. ئىرادەنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىگە ئەكېلىشتىكى سەۋەبى ئاساسلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئىككىنچى بىر تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىش ئۈچۈن بولسا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بۇنىڭدىكى مەقسەت پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. يەنى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئېڭىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتىكەن.

ئەلۋەتتە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىقى بىلەن ماس قەدەمدە، ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك قوغداپ قالغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە تۈركولوگ دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشى ناھايىتى ياخشى بىر باشلىنىش ئىكەن. بىراق ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ھالدا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ خىزمەتلەرگە ئېھتىياج بار ئىكەن.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ۋە نىشانلىق ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بولسا، چەتئەللەردە ئۆزلۈكىدىن يۈز بېرىۋاتقان «ئىختىيارىي ئاسسىمىلياتسىيە» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى سۆزىدە «ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار جەزمەن بىر مەھەللە بولۇپ، توپلىشىپ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاش شارائىتى يارىتىشى لازىم. ئىككىنچىدىن، چوقۇم دۇنيادىكى داڭلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، بالىلارنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشى، سۆز ئامبىرىنى كۆپەيتىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ جىددىي بىر مەسىلە قىلىپ بېكىتىلىشى ۋە مۇكەممەل بىر ئىستراتېگىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى چەتئەللەردە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. دوكتور دەررىن بايلېرنىڭ قارىشىچە، ھازىر كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ تىرىشچانلىقلار ھەرگىزمۇ نەتىجىسىز قالمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر چەتئەللەردىكى ۋە ئانا يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئېڭى ۋە ئىرادىسى ھەسسىلەپ كۈچەيدى. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە باش ئەگمەس بىر قارشىلىق بىلەن يۈزلىشىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى زامان مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئاسان. چۈنكى يەرشارىلىشىش ھەممە توپلۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتتى، دىگىتال تېخنىكا بولسا بىزنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى. دېمەك، بىز ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭغا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ۋە بۈيۈك بىرلىك ئىچىدە ئورتاق تاقابىل تۇرالايمىز».

ۋىرجىنىيەدىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىرادەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ئۆز-ئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى، ئوقۇتۇش مېتودلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. بۇلارنىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە بارلىق ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىدا بالىلار ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان.

دەررىن بايلېر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ياردەملەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «مانا بۇ، ئەگەر ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بىر پۇرسەت كەلگەن تەقدىردە، ناھايىتى زور ياردەم مەنبەسى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇنلىغان زۇلمەتلەردىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇلار تولىمۇ ئېلاستىكلىق بىر مىللەت. ئەگەر سىياسەتتە ئازراقلا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆز مەدەنىيىتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.