ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت يەنە بىر خەزىنە- «شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى»
2023.08.11

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر يېرىم ئەسىر مابەينىدىكى تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇرۇش، داۋالغۇش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان. يېقىنقى يىللاردىكى ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتساقمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەرگە بولغان تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلىرى ئارتىپ بارماقتا.
ھالبۇكى، بۇ خىل ۋەزىيەتتە چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان چەكلىك بىر قىسىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى ئازغىنە بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا ئۈمىد بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. بۇ خىل مەدەنىيەت مىراسلىرى ھازىرغىچە رۇسىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مۇزېي، ئارخىپخانا ۋە كۇتۇپخانىلاردا ئالاھىدە قوغدالماقتا ۋە دۇنيا ئىلىم ئادەملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
شۇلار قاتارىدا ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نى ئالاھىدە مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. بۇ تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىككى كۇتۇپخانا بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى «تەتقىقات ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىسى»، يەنە بىرى «ياررىڭ كۇتۇپخانىسى». ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار ئاساسەن مانا مۇشۇ «ياررىڭ كۇتۇپخانىسى» دا «گۇننار ياررىڭ ئوتتۇرا-ياۋرو ئاسىيا توپلىمى» ناملىق ئارخىپتا ساقلانماقتا.
كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىغا ئىنتايىن قىزىقىشىدۇ. بۇ ماتېرىياللارنىڭ شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا كېلىپ قېلىشىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ يارى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن داڭلىق تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ (Gunnar Jarring) ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان، دەپ ئېيتالايمىز. گۇننار ياررىڭ بىر مەزگىل بۇ ئىنستىتۇتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، بۈگۈنگىچە ئىنستىتۇتنىڭ تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى خىزمەتلىرىنىڭ سىستېمىلىق داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان كىشى، دەپ ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە.
شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى 1962-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە شىۋېتسىيە دۆلىتى ئۈچۈن تۈركولوگىيە ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلىملىرىگە بولغان تەتقىقات مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. كېيىنچە 90-يىللاردىن كېيىن خىزمەت دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيگەن. نۆۋەتتە سكاندىناۋېيە تەتقىقاتچىلىرى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈركىيە ۋە يېقىن شەرق دۆلەتلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىقتىسات ۋە تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش، تەتقىقات تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇھاكىمە ۋە لېكسىيەلەرگە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئوخشاش ئىلمىي پائالىيەتلەرمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ تەتقىقات مەركىزىنى ئىستانبۇلدا ئېچىشنىڭ بىرەر زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يوق؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن يىراق ئۆتمۈشكە نەزەر سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىستانبۇل بىلەن شىۋېتسىيە ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە مىڭ يىللىق تارىخقا سوزۇلغان بولۇپ، ئۇزاق ۋىزانتىيە زامانىدىن باشلانغان، دەپ قارىلىدۇ. ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئىستانبۇلدىكى ئىستىقلال كوچىسىغا جايلاشقان شىۋېتسىيە كونسۇلىنىڭ دائىرىسىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ جاي تارىختا شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەدە سالدۇرغان بىر خان ئوردىسى بولغان ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن كېيىنكى بىرقانچە قېتىملىق پۇرسەتلەردە، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئالاقە قىلىپ كەلمەكتە.
«گۇننار ياررىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا توپلىمى» ئەسلىدە گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ شەخسىي توپلىغان كىتابلىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇ توپلام ئىلگىرى شىۋېتسىيە خانلىق تارىخىي ئەسەرلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، دەسلەپتە تەخمىنەن ئون يىل ئەتراپىدا ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان. 2012-يىلىدىن كېيىن، ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنىپ، بىر قىسىم ئىئانە قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللار بىلەن قوشۇلۇپ، تېخىمۇ بېيىپ بارغان.
«گۇننار ياررىڭ ئوتتۇرا-ياۋرو ئاسىيا توپلىمى» دا ساقلىنىۋاتقان كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرناللار ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، خىتايچە، رۇسچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، ئەرەبچە، پارسچە، ياپونچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردا بولۇپ، ئاساسلىقى باسما ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قوليازما ئەسەرلەر ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.
تۆۋەندە بۇ كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى، تارىخىي دەۋرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:
كۇتۇپخانىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتابلارنى مەزمۇنىغا قاراپ گۇننار ياررىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئەسەرلەر، ئۇيغۇر ئاپتورلار قەلىمىدىكى ئەسەرلەر ۋە چەت ئەللىك سەيياھلار قەلىمىدىكى ساياھەت ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە يېزىق تەۋەلىكى بويىچە ئايرىغاندا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېزىقى، ئۇيغۇر كرىل يېزىقى ۋە لاتىنچە يېڭى يېزىقتىكى ئەسەرلەر مەۋجۇت.
كۆپ قىسىم ئەسەرلەر 19-ئەسىردىن تاكى 2012-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا ۋە باشقا دۆلەتلەردە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە قۇرۇلغان ھەمدە 1910-يىلدىن 1937-يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «شىۋېت مىسسىيونېرلار باسما زاۋۇتى» دا بېسىلغان «قەشقەر باسمىلىرى» نامىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەر بۇ كۇتۇپخانىدىكى ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېرى «قەشقەر باسمىلىرى» غا تەۋە بولغان دىنىي مەزمۇندىكى ۋە دىندىن خالىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېل-كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تور يۈزىدىن كۆرۈشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن. بۇ ئېل-كىتابلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»، «شەرقى تۈركى-ئىنگلىزچە لۇغەت»، «لاداخ يولىدا كارۋان»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى» قاتارلىق كىتابلاردىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەپلەرنىڭ تىل، ھېساب ۋە تەبىئەت قاتارلىق دەرسلىك كىتابلىرى بار. ئېل-كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈلمىگەن كىتابلاردىن ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان، تاشكەنت، ئالمۇتا ۋە تەيۋەندە بېسىلغان كاتالوگلاشتۇرۇلغان ۋە كاتالوگلاشتۇرۇلمىغان كىتابلارمۇ مەۋجۇت. 1970-يىللاردىن 2012-يىلغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسەرلەر كۇتۇپخانىدا بىرقەدەر چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ماتېرىياللاردىن باشقا يەنە ھازىر دۇنيادا باشقا نۇسخىلىرى تېپىلمايدىغان ياكى چەكلىك نۇسخىدىكى گېزىت، ژۇرنال، خەرىتە ۋە كالېندار قاتارلىقلار ساقلانماقتا. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭلىك باسمىلىق «تەزكىرەئى-ئەۋلىيا»، «تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئىنقىلاب تارىخى»، «نىجات يولى»، تەيۋەندە بېسىلغان «سەنمىن جۇيى مىللەتچىلىك»، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرى نەشر قىلىنغان خىتاي تىلىدىكى قىرىق نەچچە توملۇق «شىنجاڭ تەزكىرىسى»، 1873-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى، خوتەن قەغىزىگە بېسىلغان 1934-يىلىدىكى «كۈندىلىك قەشقەر-شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىرقانچە سانلىرى، «ئاڭ گېزىتى»، 1946-يىلى نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچى ياشلار تەشكىلاتى» نىڭ نەشر ئەپكارى «كۈرەش» ژۇرنىلى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى كىتابلىرى، 1934-يىلىدىكى «تىيانشان» مەجمۇئەسى، 1936-يىلى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بېسىلغان ئانا تىل دەرسلىك كىتابلىرى ۋە 1947-يىلدىكى سابىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش نىزامنامىلىرى قاتارلىقلار بار.
ئەمدى چەت ئەللىك سەيياھ، ئېكسپېدىتسىيەچى ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلار ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا قىلغان سەپەرلىرىنىڭ ھاسىلاتى سۈپىتىدە روياپقا چىققان ئەسەرلىرى ھەققىدە بىرئاز مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمىز:
يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن قۇرۇقلۇق كارۋان سودا يولى تاقىلىپ، ئىلگىرى بۇ يولدا تىنىمسىز ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ ئىزلىرى ئۆچۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن زامانىسىدا دۇنيانىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت كېسىشىش نۇقتىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بۇرۇنقى جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويغان بىر ۋەزىيەت ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئىدى. ئەمما بۇ جۇغراپىيەدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر قېتىملىق كۈچ تالىشىش ئويۇنلىرى ئىچكى ئاسىيا تېرىتورىيەسىنى ئەنگىلىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىكى لوقمىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن بۇ رايونلارغا كېلىدىغان غەربلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىردىنلا كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇلار تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە سالاھىيەتتىكى كىشىلەر بولۇپ، بەزىلىرى ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ئەلچىلەر، يەنە بەزىلىرى سەيياھلار ۋە تەۋەككۈلچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغان شەخسلەردىن شىۋېتسىيەلىك سۋېن ھېدىن ۋە فىنلاندىيەلىك گۇستاف ماننېرخېيىم، گېرمانىيەلىك ئاۋرېل سىتەيىن قاتارلىقلاردىن باشقا، كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بىر قىسىم شەخسلەرمۇ بار. كۇتۇپخانىدا مانا مۇشۇ كىشىلەر قالدۇرغان تارىخىي ئەسەرلەرمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.
بۇ تارىخىي مىراسلار بىزنى ئالاھىدە تارىخىي يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىگە ئائىت بىلىم ۋە تەتقىقاتلارنىڭ توپلىنىش ۋە شەكىللىنىشىگە ئالاقىدار مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىگىلىشىمىزچە ساياھەت ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ سانى 500 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، پات يېقىندا بۇ ماتېرىياللارمۇ ئېل-كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، توردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدىكەن. ساياھەت ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلەردىن مۇنۇلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن:
1930-يىلى نەشر قىلىنغان ۋالتېر بوسخاردنىڭ (Walter Bosshard) «ئاياغ تەگمىگەن ئاسىياغا سەپەر»، 1914-يىلى نەشر قىلىنغان ئې. گ. كەمپنىڭ (E. G. Kemp) «چىن تۈركىستانىدىكى سەرگۈزەشتىلەر»، 1875-يىلى نەشر قىلىنغان توماس دوگلاس فورسىسنىڭ (Thomas Douglas Forsyth) «1873-يىلىدىكى يەركەنتنىڭ تارىخىي، جۇغراپىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي بايلىقىغا ئائىت دوكلات»، ف. گرېناردنىڭ(F. Grenard) 1898-يىلى نەشر قىلىنغان «ئىچكى ئاسىيا سەپىرىگە ئائىت ئىلمىي دوكلات»، 1926-يىلى نەشر قىلىنغان لېكوكنىڭ( Le Coq) «تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيەسىگە ئائىت دوكلات ۋە سەرگۈزەشتىلەر»، ئاۋرېل ستەيىننىڭ( Aurel Stein) 1907-يىلى نەشر قىلىنغان «قەدىمكى خوتەن» ۋە ئاسىيا سەپىرىگە ئائىت يۈرۈشلۈك كىتابلىرى، سۋېن ھېدىننىڭ Sven Hedin) ) 1903-يىلى نەشر قىلىنغان «ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل» ۋە ئاسىيا سەپىرىگە ئائىت بىر يۈرۈش كىتابلىرى، ئېللا سەيكىسنىڭ (Ella Sykes) 1920-يىلى نەشر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چۆل ۋە بوستانلىقلىرىنى كېسىپ ئۆتۈش»، ن. پېرژاۋېلىسكىينىڭ N. Prejevalsky)) 1969-يىلى نەشر قىلىنغان «غۇلجىدىن لوپنۇرغىچە، تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتۈش» قاتارلىقلارنى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، دېيىش مۇمكىن.
بىر مەزگىل شىۋېتسىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن تۈركولوگ بىرگىت شېلۈتېر (Birgit Schlyter) خانىم مەزكۇر «ياررىڭ كۇتۇپخانىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ بەكمۇ زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە گۇننار ياررىڭ ئاپتورلىقىدا 1964-يىلى نەشر قىلىنغان، 2002-يىلى قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بېسىلغان چوڭ ھەجىملىك كاتتا ئەسەر «شەرقى تۈركى-ئىنگلىزچە دىئالېكت لۇغىتى» نى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەزكۇر لۇغەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرى يەنى 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر ئېغىز تىلىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن. لۇغەتتىن ئورۇن ئالغان تەخمىنەن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت قوللىنىلغان بۇ تىلنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلۈكلەر ھازىر ئىستىمالدىن قالغان. يەرلىك دىئالېكت-شىۋىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىپ بېرىشى ئۆز نۆۋىتىدە ماڭا ئوخشاش بىر تىلشۇناس تۈركولوگنى بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى بىر تىلنىڭ ھەم يېزىق ھەم ئېغىز تىل شەكلىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالالماسلىقى تىل كرىزىسى يۈز بېرىپ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگىنىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
ئاخىرىدا تەكىتلىمەكچى بولغىنىمىز، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇ ماتېرىياللار مەيلى پايدىلىنىش قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەدەنىيەت قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ چەت ئەلدە ساقلىنىپ قالغان بىر خەزىنىسى دەپ تەرىپلەشكە مۇناسىپتۇر. بۇ ماتېرىياللار ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ۋە 20-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سىياسىي جۇغراپىيەلىك ۋەزىيىتى، تىل تەرەققىياتى، فولكلور مەدەنىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيە-دۇنيا قاراشلىرىنى ئىگىلەش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىرقى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش شوئارىنى كوزىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەۋج ئالدۇرىۋاتقان پەيتتە، چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش خىتاينىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا قارشى ئۇرۇلغان بىر تەستەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.