خىتاي «شىنجاڭ ئېكسپورتى» دا ئىستىراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش ياساپ، ۋاستىلىق ئېكسپورتقا يۈزلىنىۋاتامدۇ؟
2022.12.28
بۇ يىل يازدا ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى، ئارقىدىنلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش نىزامىنى ئوتتۇرا قويۇشى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا بۇرىغان ئىدى.
خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئاشكارلىنىشىچە، بۇ يىل 11-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 64 پىرسەنت ئازىيىپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 11-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئامېرىكاغا 16 مىليون 840 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «شىنجاڭ ئېكسپورتى» نىڭ ئازىيىشىغا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
لېكىن خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومومىي ئېكسپورت مىقتارى 47 پىرسەنت ئارتقان. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 11-ئاي ئىچىدىكى ئېكسپورت مىقتارى 3 مىليارد 100 مىليون دوللار بولغان.
ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان ماللارنىڭ مىقدارى ئازايغان بولسىمۇ، ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئارتىشى، خىتاي «شىنجاڭ ئېكسپورتى» دا ئىستىراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ باردىمۇ، دېگەن سۇئال پەيدا قىلدى. ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى ئەھۋالغا 3 خىل ئامىل سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىكى بىرىنچى ئامىل، ئامېرىكا تاموژناسى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىن كەلگەن ھەر خىل مەھسۇلاتلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە ئامېرىكاغا يوللىسا، ئامېرىكا تاموژناسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىشىنى ئويلاشقان. ئىككىنچىسى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مەلۇم دائىرىدىكى توساقنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن سودىدىكى بۇ ئىختىلاپنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، بۇنىڭ شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىغا تېخىمۇ دىققەت قوزغىشىنى خالىمايدۇ.»
پروفېسسور شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەنە بىر ئامىل خىتاي «شىنجاڭ ئېكسپورتى» دا «بىر بەلۋاغ بىر يول» دىكى كىشىلىك ھوقۇقتا خىتايغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرمايدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ ئاخىرىقى ئامىل شۇكى، خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە باشقا دۆلەتلەر ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلاتلاردۇر. مەسىلەن، خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقتا خىتايغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرمايدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇ دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› بويىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت.»
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەك ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ساھە رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ زىچ مەركەزلەشكەن ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ ساھە ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 11-ئايدا ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان 16 مىليون 840 مىڭ دوللارلىق «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەك ئەڭ ئاز سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 3 پىرسەنتىگىمۇ يەتمىگەن.
خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ماشىنا ۋە مېخانىكىلىق ئەسۋاپلارنى، شۇنداقلا قوشۇمچە كارىۋات ۋە ئۆي جاھازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. «جەنۇبۈىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، يۇقىرىقى ئىككى خىل مەھسۇلات تۈرىنىڭ ھەر بىرى، رايوننىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 3 دىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئەنگىلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كىنىدىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى، ئىلگىرى بۇ مەركەزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر دوكلاتلىرىنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى توغرا بولسا، بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە ئامېرىكادىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياخشى ئىش قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
نىرولا ئەلىما مۇنداق دەيدۇ: «بىزدە ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنىق تاموژنا سانلىق مەلۇماتى يوق. ئەگەر نوقۇل رەۋىشتە ئۈرۈمچى تاموژناسىنىڭلا سانلىق مەلۇماتىغا تايانساق، بەلكىم بۇنىڭ ھەقىقىي جاۋابىغا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. چۈنكى، خىتاي ھېچقاچان راست سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمايدۇ. ئەگەر بىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتنى راست، دەپ قارىساق ۋە شىنجاڭنىڭ ئېكىسپورتى ھەقىقەتەن ئارتقان بولسا، بۇ دۇنيادىكى ئامېرىكادىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياخشى ئىش قىلمايۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قوغدىمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
ئۇ يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنى چىقىرىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. نىرولا ئەلىما مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. ھەر بىر دۆلەت، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوغداش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى زۆرۈر. ئۇنداق بولمىسا، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ، دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.»
لېكىن پروفېسسورى شيا مىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرقىدە رىقابەت ئۈستۈنلىكىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. شيا مىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇشىدىكى مەقسىتى ئۇلارنى ئاسسىمىلاتسىيە ۋە مۇستەملىكە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاھالىسىنى سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى ئىشىلەپچىقىرىشى ئەلۋەتتە ئاشىدۇ. لېكىن بىز بۇ جەرياندا، يەنى ‹سانائەتلەشتۈرۈش› جەريانىدا مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە مۇستەملىكىلەشتۈرۈشنىڭ تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان.»
خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 11-ئايدىكى ئېكسپورت ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ھالبۇكى، شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېتسىتېتى ھېلېنا كىنىدىي مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونى دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنىڭ مۇھىم خام ئەشيا بازىسى ئىكەنلىكى، رايوندىكى كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى 4 خىتاي شىركىتىنىڭ كونترول قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 3 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس بىلەن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت كومىسسارى تروي مىللېرغا خەت يېزىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار خېتىدە دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنى خىتاينىڭ مونوپول قىلغانلىقى ۋە بۇ ساھەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىكىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ كۈنتاختا قۇرۇلۇشىغا بېرىدىغان باج كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپات ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئىمتىيازلاردىن خىتاي كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەھرىمان بولۇپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.