ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان «پەمىدۇر سودىسى»
2024.12.05
پەمىدۇر قىيامى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، پۈتكۈل يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە غايەت زور بولغان ئىستېمالچىلار قوشۇنىغا ئىگە بىر مەھسۇلاتتۇر. خىتايدىن بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىنىدىغان پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى سەۋەب، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە ئىزچىل جازاغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىغىمۇ بىر قانچە يىللار بولدى. ئامېرىكا 2021-يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىدىن پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەنىدى. باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى چەكلەشلەر ئاللىبۇرۇن باشلانغان. لېكىن خىتاي بۇنداق چەكلەشلەرگە قارىماي، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى يەنىلا مەخپىي يوللار بىلەن غەرب دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقىنى يوق. قىزىقارلىقى، خىتاينىڭ بۇ مەخپىي ئۇسۇللىرى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، غەرب دۇنياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئىش خىتاي ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈلكىگە قالىدىغان يەنە بىر سەتچىلىككە ئايلاندى. ئۇنداقتا بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى نېمە؟
بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيەدىكى ب ب س قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ياۋروپا تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان، ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر زور دىققەت قوزغىدى. بۇنى ئەنگلىيە ب ب س خەۋەرلەر قانىلى مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان بولۇپ، ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان، «ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى ئىتالىيە» بولغان 64 تۈرلۈك پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدە ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئورنىغا مۇراجىئەت قىلغان. ھەتتا كېلىش مەنبەسى ئېنىق يېزىلمىغان پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىمۇ تەكشۈرۈشكە تاپشۇرغان. يەنى ب ب س خەۋەرلەر قانىلى ئاۋسترالىيەدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر داڭلىق ئورگانغا بۇ تەكشۈرۈشىنى ھاۋالە قىلغان. بۇ ئورگان «بارماق ئىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىستېما ئارقىلىق پەمىدۇرنىڭ يەرلىك تاش ۋە تۇپراقتىن سۈمۈرۈلگەن ئىز ئېلېمېنتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تاپقان. دېمەك، تەكشۈرۈشكە ھاۋالە قىلىنغان 64 تۈرلۈك پەمىدۇر مەھسۇلاتى ئىچىدىكى كۆپ قىسمى قارىماققا ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىتالىيە پەمىدۇرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆستۈرۈلگەن پەمىدۇرلار بارلىقى ئېنىقلانغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە تاللا بازارلىرىدا سېتىلىپ كېلىۋاتقان 17 تۈرلۈك پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى بايقالغان. شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 خىل پەمىدۇر مەھسۇلاتىنىڭ ئىتالىيەنىڭ بىر شىركىتى ئارقىلىق ئېلىپ كىرىلگەنلىكى ئېنىقلانغان. مۇخبىرلار مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، سودىگەر سىياقىدا مەزكۇر شىركەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھەتتا بۇ شىركەتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلارنىڭ پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان. مۇخبىر زاۋۇتنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، زاۋۇتتا ئىشلىتىۋاتقان پەمىدۇر قىياملىرى قاچىلانغان 10 دانىدەك چېلەك ئۈستىدە «شىنجاڭ گۈەننوڭ پەمىدۇر چەكلىك شىركىتى» دېگەن خەتلەرنى كۆرگەن ۋە ئۇنى مەخپىي كامېراغا ئېلىۋالغان. شۇنداق قىلىپ، ب ب س مۇخبىرلىرى رازۋېدچىكلارچە روھ بىلەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ياۋروپا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ تاشلىغان.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 2023-يىلى 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ خىتاينىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، دۇنيادىكى ھەر 4 دانە پەمىدۇر قىيامىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەمىدۇر ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ خىتاي بويىچە 90 پىرسەنتىنى ئىگىلىشى بۈگۈن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭىلىق ئەمەس. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا، 90-يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەمىدۇر تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ خىتاينىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى يېزىلغان. بۇ دېگەنلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش تارىخىنىڭ 90-يىللارغا تۇتۇشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇنداق بولۇشى قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە يېزىلاردىكى ھاشار نامىدىكى قانۇنلۇق مەجبۇرىي ئەمگەك 2017-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال بولسا، ئۇيغۇر دېھقانلار ھاشار نامىدا نەچچە ئون يىللار خىتاي ئۈچۈن مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئىشلەمچى قىلىنغان. گەرچە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان پاختا، پىۋا، پەمىدۇر قىيامى، كۈن تاختا قاتارلىق داڭلىق مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقى بىلەن تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتسىمۇ، لېكىن بۇ ياخشىلىنىشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ باققىنى يوق.
ب ب س نىڭ تەكشۈرۈشى ۋە خىتاينىڭ ئۆز ئاغزىدىن دېگەنلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر ئېلى دۇنيا مىقياسىدىكى پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولغىنى ئېنىق. بۇنداق غايەت زور كۆلەمدىكى پەمىدۇر تېرىقچىلىقى ئۈچۈن قانچىلىك ئادەم كۈچى ۋە يەر ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەر كىم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. يەنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسىپ ئۆزگەرتىپ، ئىشچى بولۇشقا مەجبۇرلىنىش ۋەقەلىرىنى ئويلاپ كۆرسەكلا، ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا تارتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان. بۇنىڭ بىلەن پەمىدۇر، پاختا قاتارلىق بازارلىق مەھسۇلاتلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش ئۈچۈن تېرىلغۇ يەرگە ئېرىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە يېرىدىن ئايرىلىپ «ئىشسىز قالغان» دېھقانلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىشتەك «قوش ئۈنۈم» گە ئېرىشكەن.
دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، خىتاي ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل يوچۇق ئىزدەپ كەلدى. لاگېرلار قۇرۇلۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغاندا، بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ بۇرمىلىدى. «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دىكى زوراۋانلىقلار ئاشكارىلانغاندا بولسا، «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولدى» دەپ بايانات بەردى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاشكارىلانغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە خىتاي سىرتقا ئاشكارىلىنىپ قالغان ھەر بىر جىنايىتى ئۈچۈن يېڭى-يېڭى توقۇلمىلارنى ئويدۇرۇپ تۇردى. ئۈچ يىل ئاۋۋال پەمىدۇر قىيامى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە چەكلەنگەنىدى. بۇ چەكلىمىلەرگە كۆرە، خىتاي يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، مەخپىي سودا ئۇسۇلىنى قوللاندى. ھالبۇكى بۈگۈن خىتاينىڭ پەمىدۇر سودىسىدىكى يالغانچىلىقى ئىسپات بىلەن ئاشكارىلىنىپ يەنە خەلقئارا سەتچىلىككە قالدى. بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىزگە، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ زادى قانچىلىك قىسمى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە! چۈنكى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتاي مەھسۇلاتلىرى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى تەبىئىي ھالدا ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى رېئاللىققا قارايدىغان بولساق، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ، قاچان ۋە قانداق شەكىلدە تەكشۈرۈلۈشى خەلقئارادا ئېنىقسىز بىر مەسىلىگە ئايلانغان. يەنى بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاش پەقەت خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان كارخانىلارنىڭ مەيدانىغا ياكى ب ب س دەك خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رازۋېدچىكلارچە تەكشۈرۈپ، ئېنىقلىشىغا تايىنىپ قالغان. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتايدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىۋاتقان كارخانىلاردىن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلە بارلىقى ئېنىقلانسا، ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن كارخانىلار يەنىلا ساناقلىق. ئەجەبا، ب ب س مۇخبىرلىرى بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلىمىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ «مەخپىي سودىلار» يەنە قاچانغىچە داۋاملىشار ئىدى؟
ب ب س مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان پەمىدۇر قىياملىرىنى تەكشۈرۈش جەريانى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتا قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار بولغان پەمىدۇر قىيامى «مەخپىي سودىسى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ غەرب بازارلىرىغا كىرىش يوللىرىدا يەنە قانداق ھىيلە-مىكىرلەرنى قوللانغانلىقى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ. دېمەك، بۇ مەسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خۇددى دومىنو كارتىسىدەك، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە يوشۇرۇنغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېنىقلاشقا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئىي.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]