قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى 2018-2019-ئوقۇش يىلىنى تاماملىدى
2019.05.29

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنە شۇ قارشىلىقنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقماقتىكەن.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ يۆنىلىشتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان مەملىكەتلەردىكى بار شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئېلىپ بارماقتا. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىدە يارىتىپ بېرىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلىرىدىن پايدىلانماقتا. يېقىندا قازاقىستان بويىچە بارلىق مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمى شۇنىڭ ئىسپاتى بولدى.
25-مايدا قازاقىستان بىلىم ۋە ئىلىم مىنىستىرلىقىنىڭ پەرمانىغا بېنائەن قازاق، رۇس، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاجىك تىللىق مەكتەپلەردە 2018-2019-ئوقۇش يىلىنىڭ تاماملىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. بىز ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە 1964-يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنى زىيارەت قىلدۇق. مەزكۇر گىمنازىيە شەھەر بويىچە ئەڭ ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 2017-يىلى «يۇنېسكو تەركىبىدىكى مەكتەپلەر» قاتارىغا كىرگەن ئىدى.
زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، مەكتەپ كوللېكتىپى، يۇرت-جامائەتچىلىك قاتناشقان بۇ مۇراسىم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىمنى بىلەن باشلىنىپ، رىياسەتچىلەر مۇراسىمغا كەلگەن مېھمانلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى، مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇش ساپاسىنى تېخىمۇ ياخشىلىنىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى تەمىنلەش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا، شۇنداقلا قازاق، رۇس ۋە باشقىمۇ تىللاردا ئورۇندىغان ناخشا-سازلىرى، ئۇسۇللىرى، ئېيتقان شېئىرلىرى بىلەن داۋاملاشتى. ئۇنىڭدا ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەر پەخرىي يارلىقلار ۋە باھالىق سوۋغىلار بىلەن تەقدىرلەندى.
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە قانداق غەمخورلۇقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ماددىي-تېخنىكىلىق تەمىنلىنىشى قانچىلىك دەرىجىدە؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە مائارىپ مىنىستىرلىقى ياكى يەرلىك خىراجەت ئاجرىتىش ئىدارىسى ئۇيغۇر، قازاق ياكى رۇس مەكتەپ دەپ بۆلمەيدۇ. قازاقىستان پۇقرالىرى بولغانلىقتىن، ئومۇمىي قائىدە بويىچە كىتابلار چىقىرىلىدۇ، بارلىق مەكتەپلەرگە ئوخشاش ماددىي-تېخنىكىلىق بازىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، مەبلەغ ئوخشاش بۆلۈنىدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ ياشايدۇ. مەزكۇر مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟
شاۋكەت ئۆمەروف بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئەھۋالنىڭ قازاقىستاندىن كەسكىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە مۇنداق مەكتەپلەرنىڭ يوقلۇقى ناھايىتى ئېغىر مەسىلە. بىراق ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تەربىيەنى ئۆيدىن باشلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەت مەركەزلىرى، فوندلار بار. شۇلار ئارقىلىق يەكشەنبىلىك ياكى كەچلىك مەكتەپلەرنى ئېچىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن كېلىشىپ، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.»
قازاقىستاندىكى مىللىي مائارىپ جانكۆيەرلىرىنىڭ دېيىشىچە، ھازىر بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا يەنىلا بالىلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىپ، سوۋېت دەۋرىدىكى «رۇس تىلىنى بىلمىگەننىڭ كېلەچىكى يوق» دېگەن چۈشەنچىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.
ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ ئىسمائىل ساتتاروف نامىدىكى غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پېداگوگ-ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلىغا بولغان كۆز قاراشنىڭ سۇسلىشىشى ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسە ئىكەن. بۇ ھازىرقى كۈندە قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى بەزى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىنىپنىڭ ئېچىلىشىغا بالا سانى يەتمەك تۈگۈل، بىرمۇ بالا ئانا تىللىق سىنىپقا قەدەم باسمىغان. ھېلىمۇ جان كۆيدۈرۈپ يۈرگەن، مىللىي غۇرۇرى ئۈستۈن ئاكا-ھەدىلىرىمىز بار ئىكەن، بولمىسا، قالار كۈنىمىز مۈشكۈل ئىدى. سەۋەبىنى ئۇقۇشۇپ كۆرىدىغان بولساق، بىرلا سەۋەب: ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېلەچىكى يوقمىش. ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىمىز پالتا چېپىۋاتىمىزغۇ، ئاخىر. كېلەچىكى يوق بولسا، كۆڭلى دالاسىدەك كەڭ-بېپايان قازاق خەلقى ئانا تىللىق مەكتەپ-سىنىپلارنى بېكاردىن ئېچىپ بېرەتتىمۇ؟! مىللىي غۇرۇرى بار كىشى پەرزەنتلىرىنى ئانا تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ! مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى، قەدىمىي مەدەنىيىتىنى، گۈزەل ئەدەبىياتىنى بىلىشكە تېگىشلىك ھەم.»
ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي مائارىپ جانكۆيەرلىرى ھەر يىلى دېگۈدەك، ئانا تىللىق مەكتەپ-سىنىپلاردا بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ھەر تۈرلۈك مۇسابىقە-كۆۋرۈكلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئانا تىلىغا، مىللىي مائارىپقا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتمەكتىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىمنىڭ پىكرىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
دىلنۇر قاسىموۋا مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قاتارلىقلار بىرلىشىپ، ئانا تىلى مەكتەپلىرىنى، كۇرسلىرىنى ئاچماقتا. بىرىنچىسى، دۆلەت مەكتەپلىرى يېنىدا ئانا تىلىنى ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ياكى دەرسلەر ئېچىلىدۇ. ئىككىنچىسى، شەخسىي مەكتەپلەر ئېچىش. ئۈچىنچىسى، تىل كۇرسلىرى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇتۇش، پروگراممىلار تۈزۈش، دەرسلىكلەر يېزىش ئوخشاش مەسىلىلەر تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىن قاتناشقان بىر تۈركۈم ئالىملار دەرسلىكلەرنى، مېتودىكىلىق قوراللارنى ھەمكارلىقتا تۈزۈش پروگراممىسىنى پىلانلاۋاتىدۇ.»
دىلنۇر قاسىموۋانىڭ پىكرىچە، بۇ جەھەتتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار باي تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەجرىبىمىز كۆرسەتكەندەك، مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا ئوقۇغان بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە چۈشەلەيدۇ. مېنىڭچە، چەتئەل ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن مۇئەللىم، ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرساقمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈستىدە ئويلانساق بولىدۇ.»